نېفىت ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى
مىكرو ئورگانىزملار
نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ نېفىت چەككىلەش زاۋۇتىدا موم يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان بىر تۈركۈم يۇندىخورلار ئولتۇراقلاشقان بولىدۇ، ئۇلار «نېفىت ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى» دەپ ئاتىلىدىغان ماي پارچىلىغۇچى يالغان يىپلىق ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى بىلەن تروپىك بەلۋاغ يالغان يىپلىق ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغلىرىدۇر.
نېفىت چەككىلەش زاۋۇتى نېمە ئۈچۈن يۇندىخورلارنى باقىدۇ؟ ئەسلىدە، نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى مومنىڭ قانچىلىكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئېگىز ئاسماندا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلار تەركىبىدە موم مىقدارى يۇقىرى بولغان بېنزىننى ئىشلەتسە، ئېگىز ئاسماندىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرا مومنى قاتۇرۇپ قويۇپ، ئايروپىلاننىڭ ماي يەتكۈزۈش يوللىرىنى توسۇۋالىدۇ - دە، ئايروپىلاندا ئېغىر ئاۋارىيە تۇغۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى مومسىزلاندۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. سانائەتتە مومسىزلاندۇرۇشنىڭ كۆپ خىل ئۇسۇللىرى بار، لېكىن ئۈسكۈنىلەر مۇرەككەپ بولىدۇ، ماتېرىيال ۋە ئېنېرگىيىمۇ كۆپ خورايدۇ. شۇنىڭ بىلەن نېفىت چەككىلەش زاۋۇتىنىڭ ئىنژېنېرلىرى مىكرو بىئولوگىيە تەجرىبىخانىسىدىن مەخسۇس موم يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان بۇ بىر تۈركۈم يۇندىخورلارنى − نېفىت ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغلىرىنى تەكلىپ قىلغان. مومسىزلاندۇرۇلىدىغان نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە نېفىت ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغلىرى خۇددى مەززىلىك تاماققا ئېرىشكەندەك، مومنى پاك - پاكىز يەپ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىمۇ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىدۇ. شۇنداق قىلىپ كىشىلەر بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقىدۇ، يەنى ھەم يۇقىرى سۈپەتلىك ئاۋىئاتسىيە بېنزىنى ۋە دېزىل مېيىغا ئېرىشىدۇ، ھەم كۆپ مىقداردىكى نېفىت ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغلىرىغا ئېرىشىدۇ.
مومسىزلاندۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولغان نېفىت ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغلىرى موم يەپ راسا سەمرىپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل ۋە ۋىتامىن مول بولغاچقا، ئۇلاردىن زەھەرسىز، يۇقىرى ئاقسىللىق ئېسىل يەم - خەشەك ياسىلىپ، ئۆي قۇشلىرى ۋە ئۆي ھايۋانلىرى بېقىلىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىر توننا نېفىت ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغلىرى يەم - خەشىكى بىلەن700 كىلوگرامدىن كۆپ چوشقا گۆشىنى ئارتۇق ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىكەن. ئالىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، نېفىت ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى كېلەچەكتە ئىنسانلارنىڭ رەڭگى، پۇرىقى، تەمى مۇكەممەل بولغان يېمەكلىكى قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.