ئىنتېرفېرون
مىكرو ئورگانىزملار
سىز ئىنتېرفېرون دېگەن سۆزنى ئاڭلىغانمۇ؟ ئۇ توسقۇنلۇق قىلىش رولىنى ئوينايدىغان بىر خىل ماددا بولۇپ، «كاشىلا قىلغۇچى ماددا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.1957
- يىلى، ئامېرىكىلىق ئالىم ئېساكس بىلەن لېندىمان ۋىرۇس ئادەم بەدىنىگە يۇققاندىن كېيىن، ۋىرۇسنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان ھۈجەيرە ئىچىدىن بىر خىل ئاقسىل ھاسىل بولۇپ ۋە قويۇپ بېرىلىپ، «ئۆزىنى قوغداپ قايتۇرما ھۇجۇم» غا ئۆتۈپ، ۋىرۇسنىڭ ھەر خىل ياۋۇز قىلمىشلىرىغا كاشىلا بولۇپ، ئۇلارنى تورمۇزلايدىغانلىقىنى تۇنجى بولۇپ بايقىغان. بۇ خىل ئاقسىل ئىنتېرفېرون دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ بايقاشتىن پۈتۈن دۇنيادىكى ئالىملار ئىنتايىن ھەيران بولغان. نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پەن تەتقىقات ئورگانلىرى ئايىماي مەبلەغ ئاجرىتىپ، بۇنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن، شۇنىڭدەك ئىنتېرفېرون ئارقىلىق ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زۇكام، سۇ چېچىكى، كۆز مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى، جىگەر ياللۇغى، قىزىل قاتارلىقلارنى داۋالىسا ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئىسپاتلاپ چىققان. كىشىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدىغىنى شۇ بولدىكى، ئىنتېرفېروننىڭ راك ھۈجەيرىسىنىمۇ تىزگىنلەش رولى بار. بەزى ئىلىم - پەن خادىملىرى ئىنتېرفېروننىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، پۈتۈن ئورگانىزمنىڭ مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئويغىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىقتدارى ۋە رولىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنى ھوشيارلىق بىلەن «جەڭگە تەييارلىق ھالىتى» گە كەلتۈرۈپ، بەدەننىڭ قارشى تۇرۇش كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېنىقلىغان. بەزىلەرنىڭ ئالدىن مۆلچەرلىشىچە، كەلگۈسى يىللاردا ئىنتېرفېرون دورىلار دۇنياسىنىڭ خوجايىنى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئىنتېرفېروننىڭ شۇنچىلىك ئالاھىدە ئۈنۈمى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئاجرىتىۋېلىش خىزمىتى ئىنتايىن مۈشكۈل. چۈنكى، ئىنتېرفېرون پەقەت ۋىرۇسلار تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ھۈجەيرە ئىچىدىلا ھاسىل بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ.1979 - يىلى فىنلاندىيە قىزىل كرېست جەمئىيىتى ۋە خېلىسنكى سەھىيە تەجرىبە ئورنى45 مىڭ لىتىر (بىر لىتىر1000 مىللىلىتىرغا توغرا كېلىدۇ) ئادەم قېنىدىن ناھايىتى مۇشەققەتتە ئاران4 .0 گرام ئىنتېرفېرون ئاجرىتىۋالغان. فرانسىيە داۋالاش ئورنىنىڭ ھېسابلىشىچە، بىر زۇكام بولغان بىمارنى ئىنتېرفېرون بىلەن داۋالاش ئۈچۈن10 مىڭ فرانسىيە فرانكى كېتىدىكەن. راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارغا50 مىڭ فرانسىيە فرانكى كېتىدىكەن. دېمەك، ئىنتېرفېروننى دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت دورىلارنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ.
ئۇنداق بولسا، باشقا ھايۋانلارنىڭ قېنىدىن ئاجرىتىپ ئېلىشقا بولامدۇ - بولمامدۇ؟ ياق، بولمايدۇ. چۈنكى، ئىنتېرفېرون ناھايىتى كۈچلۈك خاسلىققا ئىگە. ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئىنتېرفېروننى پەقەت ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەردىنلا ئېلىشقا بولىدۇ؛ باشقا ھايۋانلارنىڭ تېنىدىن ئېلىنغان ئىنتېرفېروننى ئادەم بەدىنىگە ئىشلەتسە، مىقدارى قانچە كۆپ بولغان بىلەنمۇ ئۈنۈمى بولمايدۇ. كىشىلەر ھازىر پائال تۈردە يېڭى چارە ئىزدىمەكتە. يېقىندا، ئامېرىكا بىلەن شۋېتسارىيە ئىلىم - پەن خادىملىرى گېن قۇرۇلۇشى ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئادەمنىڭ ئىنتېرفېرون گېنىنى چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىنىڭ ھۈجەيرىسىگە كۆچۈرۈپ، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىگە يېڭى كۆچۈرۈلگەن گېننىڭ يېتەكچىلىكىدە بىزگە ئېھتىياجلىق بولغان ماددا − ئادەم ئىنتېرفېرونىنى سىنتېزلىغانلىقىنى ئايرىم - ئايرىم تۈردە ئېلان قىلدى.
بىزگە مەلۇم، كۆپىيىش تېز بولۇش مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى بۇ جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئۇ، ئادەتتە ھەر20 −30 مىنۇتتا بىر ئەۋلاد كۆپەيتەلەيدۇ،24 سائەتتە70 تىن ئارتۇق ئەۋلاد كۆپەيتەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىنىڭ يېمىكى ئاددىي، كېلىش مەنبەسى مول، ئۇنى ئۆستۈرۈشمۇ قىيىن ئەمەس. شۇڭا، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ ئىنتېرفېرون ئىشلەپچىقىرىلسا، مەھسۇلات يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، باھاسىمۇ ئەرزان توختايدۇ، ئەگەر ئەمەلگە ئېشىپ قالسا، مىكرو ئورگانىزملار ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىق ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشقۇسى.