UyghurWiki
UyghurWikiمىكرو ئورگانىزملاريۇقۇملۇق كېسەللىك باكتېرىيىلىرى

يۇقۇملۇق كېسەللىك باكتېرىيىلىرى

مىكرو ئورگانىزملار ئۆتمۈشتىكى ئۇزاق تارىخىي يىللاردا، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، خۇددى قورقۇنچلۇق ۋابا ئىلاھىغا ئوخشاش، ئاز بولمىغان شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىپ، سانسىزلىغان جانلارغا زامىن بولدى. يېقىنقى يۈز يىلدىن بۇيان، مېدىتسىنا مىكرو بىئولوگىيىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئارقىسىدا، كىشىلەر ئاپەت پەيدا قىلىدىغان باش جىنايەتچىلەرنىڭ ئەسلىدە مىكرو ئورگانىزملار ئىچىدىكى بەزى «بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا» يېتىدىغانلار ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. ئۇلار بىرلەشتۈرۈلۈپ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر باكتېرىيىلىرى دەپ ئاتالدى. يۇقۇملۇق كېسەللىك باكتېرىيىلىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئەسكىلىك قىلىش ۋاسىتىلىرى ئاساسەن ئوخشايدۇ: بىرىنچىدىن، ھەر خىل ئېنزىملارنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ پارازىت ئىگىسى ھۈجەيرىسىنى ئېرىتىپ پارچىلىۋېتىپ، ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈك تېنىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى «مۇداپىئە لىنىيىسى» نى بۆسۈپ تاشلايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئىچكى، تاشقى توكسىن (زەھەرلىك ماددا) لارنى قويۇپ بېرىپ ئورگانىزمنى زەھەرلەيدۇ. ئۇلار ئادەم بەدىنىگە، ئاساسەن، ئۈچ خىل يول بىلەن تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ: بىرىنچى، كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ. تولغاق، خولېرا، كېزىك، يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى ۋە بالىلار پالەچ كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ كېسەللىك باكتېرىيىلىرى ئادەم بەدىنىگە ئېغىز بوشلۇقى ئارقىلىق كىرىدۇ. چىۋىن، پاسكىنا قول، مەينەت تاماق قاچىلىرى ۋە سۈپىتى ئۆزگەرگەن، بۇلغانغان يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى بۇ خىل يۇقۇملۇق كېسەللىك باكتېرىيىلىرىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. ئىككىنچى، كېسەل بۇرۇندىن كىرىدۇ. ئۆپكە ياللۇغى، سىل، مېڭە پەردە ياللۇغى، بوغما، قىزىل، چېچەك، كۆكيۆتەل، تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نەپەس ئېلىش ئارقىلىق يۇقۇپ كېسەل قىلىدۇ. تارقىلىشچان زۇكام بىلەن ئاغرىغان كىشى ئۆي ئىچىدە چۈشكۈرسە، يۈز مىليونلىغان تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسلىرى پۈركۈلۈپ چىقىپ، خۇددى ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرغاندىكىدەك، ئۆينىڭ بۇلۇڭ - پۇشقاقلىرىغىچە ئېتىلىپ بارىدۇ _ دە، شۇ ئۆيدىكى باشقا ئادەم تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنى سۈمۈرۈپ ئېلىپ زۇكام بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بەزىلەردە قالايمىقان تۈكۈرۈشتەك يامان ئادەت بار، ئۇلار تېخى باشقىلار كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ، خەپرۈكىنى دەسسەپ ئېزىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن خەپرۈكتىكى كېسەللىك باكتېرىيىلىرى ھاۋاغا تېخىمۇ تېز تارقىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئادەمگە زىيان سالىدۇ. ئۈچىنچى، جاراھەتلىنىشتىن يۇقۇملىنىدۇ. بەدەن سىرتتىن يارىلانغاندا، پاشا چاققاندا، ئوكۇل سالغاندا ياكى قان ئېلىپ - قان بەرگەندە، كېسەللىك باكتېرىيىلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كىرىۋالىدۇ ھەمدە قان ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ ئايلىنىشى ئارقىلىق پۈتۈن بەدەننى زىيارەت قىلىدۇ. B تىپلىق مېڭە ياللۇغى، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى، بەزگەك، تېتانۇس (قاتما) ۋە كەڭ كۆلەمدە كۆيگەندىن كېيىنكى يۇقۇملىنىشقا ئوخشاش ئادەم ھاياتىغا تەھدىت سالىدىغان ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق ۋاسىتە ئارقىلىق يۇقىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن باشقا، يۇقۇملۇق كېسەللىك باكتېرىيىلىرى ئادەم بەدىنىگە مەقئەت ۋە كۆپىيىش ئەزاسى ئارقىلىق كىرىدۇ. بەزى يۇقۇملۇق كېسەللىك باكتېرىيىلىرى ھەتتا ھەممىگە چات كېرىۋېلىپ، ئادەم بەدىنىگە ھەرقايسى ئېغىزلاردىن بىرلا ۋاقىتتا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە شىددەت بىلەن يامراپ، ئىنسانلارغا غايەت زور تەھدىت سېلىۋاتقان ئەيدىس كېسىلىنىڭ كېسەللىك ۋىرۇسى ئادەمنىڭ ئېغىزى، كۆپىيىش ئەزاسى ۋە تېرىدىكى جاراھەت ئېغىزىدىن كىرىۋېرىدۇ، ئۇ، بىمارنى ناھايىتى تېزلىكتە قىيناپ ئۆلتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئەۋلادىغىمۇ مىراس بولۇپ قالىدۇ. يۇقۇملۇق كېسەللىك باكتېرىيىلىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش يوللىرىنى بىلىۋالساقلا، تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىش يوللىرىنى ئېتىۋېتىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتقىلى، ھەتتا توسۇپ قالغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ تاماقتىن بۇرۇن قول يۇيۇش، تەرەتتىن كېيىن قول يۇيۇش، سۈپىتى ئۆزگەرگەن، تازا بولمىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، خالىغان يەرگە تۈكۈرمەسلىككە ئوخشاش ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ھەمدە ئاكتىپ تۈردە بەدەن چېنىقتۇرۇش قاتارلىقلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىلىرىدۇر.
← بارلىق تېمىلار مىكرو ئورگانىزملار
يۇقۇملۇق كېسەللىك باكتېرىيىلىرى | UyghurWiki | UyghurWiki