UyghurWiki
UyghurWikiمىكرو ئورگانىزملارجىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى

جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى

مىكرو ئورگانىزملار جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى — A تىپلىق، B تىپلىق ۋە غەيرىي A، غەيرىي B تىپلىق ۋىرۇسى خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغلىرىنى قوزغىتىدىغان ئاساسلىق باش جىنايەتچى. جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى جىگەر ياللۇغىنى قوزغىتىدىغان تىپىغا قاراپ A تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ۋە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى دەپ بۆلۈنىدۇ. A تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى كۆپىنچە پاكىز بولمىغان يېمەكلىكلەر ئارقىلىق قورساققا كىرىپ، ئاندىن جىگەرگە خەۋپ يەتكۈزۈپ، پۈتۈن بەدەنگە زىيان سالىدۇ. كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كۆپ مىقداردىكى ھەر خىل بۇيۇملار بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئەگەر يېمەك - ئىچمەك جەھەتتە تازىلىققا رىئايە قىلمىسا، ئوڭايلا A تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن،1987 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن1988 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، شاڭخەي رايونىدا A تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشى كىشىلەرنىڭ جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بار پاكىز بولمىغان تۈكلۈك ئاركا بېلىقىنى يېگەنلىكىدىن بولغان. A تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ قوزغىلىشى توساتتىن بولىدۇ، يۇقۇش دائىرىسى كەڭ بولىدۇ، لېكىن داۋالاپ ساقايتىش ئوڭاي، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ ساندىكى قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر ياكى بۇرۇن A تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان كىشىلەردە A تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىغا نىسبەتەن ئىممۇنىتېت كۈچى بولىدۇ. A تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى5 مىنوت داۋاملاشقان100 گرادۇسلۇق مۇھىتتا ياشىيالمايدىغانلىقى ئۈچۈن، قاچا - قۇچىلارنى دائىم قاينىتىپ تۇرۇش ئائىلىلەردە A تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى يوقىتىشنىڭ ياخشى چارىسىدۇر. B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ئىنتايىن جاھىل بولۇپ، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشى ئۇزۇنغىچە ساقىيالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سوزۇلما خاراكتېرلىك B تىپلىق جىگەر ياللۇغى جىگەر راكىغا ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن. B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى يۇقىرى تېمپېراتۇرا، تۆۋەن تېمپېراتۇرا، قۇرغاق شارائىت ۋە ئۇلترا بىنەپشە نۇر بولغان شارائىتلاردا ئۇزاق ۋاقىت ھايات تۇرالايدۇ، بۇ B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئىشلىرى ئۈچۈن زور قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ. نۆۋەتتە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى تىزگىنلەيدىغان ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا كەمچىل بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇنىڭ تارقىلىش يوللىرىغا قارىتا ئالدىنى ئېلىش چارىلىرى كۈچەيتىلىدۇ، مەسىلەن، قان بەرگۈچىلەر B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر بولماسلىقى كېرەك؛ دوختۇرخانىلار، ياخشىسى، بىر قېتىملىق شپىرسلارنى ئىشلىتىشى كېرەك؛ ئاياللار ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى بەدىنىنى تەكشۈرتۈشى، ئەگەر B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغىنى بايقىلىپ قالسا چوقۇم ساقايغاندىن كېيىن ھامىلىدار بولۇشى كېرەك. كىشىلەردە غەيرىي A تىپلىق، غەيرىي B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىغا نىسبەتەن تېخىغىچە يېتەرلىك تونۇش يوق، لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى، غەيرى A تىپلىق، غەيرىي B تىپلىق جىگەر ياللۇغى A تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ۋە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. غەيرىي A تىپلىق، غەيرىي B تىپلىق جىگەر ياللۇغىدا ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى. بۇ خىل جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى، ئاساسەن، قان بېرىش ۋە ئوكۇل ئارقىلىق تارقىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مىكرو ئورگانىزملار