UyghurWiki
UyghurWikiمىكرو ئورگانىزملارباكتېرىيىلەر

باكتېرىيىلەر

مىكرو ئورگانىزملار گېرمانىيىلىك يېزا دوختۇرى روبېرت خوك بىرىنچى بولۇپ كېسەللىك باكتېرىيىسىنى بايقىغاندىن كېيىن، باكتېرىيە دېگەن بۇ ئىسىم كۆپ ھاللاردا كېسەللىك بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ قالدى. چۈنكى، ئادەم، ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نۇرغۇن يۇقۇملۇق كېسەللىرى باكتېرىيىلەرنىڭ كاساپىتىدىن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەردە ئۇلارغا نىسبەتەن يىرگىنچ ۋە قورقۇش ھېسسىياتى پەيدا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىنسانلارغا زىيان سالىدىغان باكتېرىيىلەر ئۇلارنىڭ ئاز قىسىمىدىنلا ئىبارەت، كۆپ ساندىكىلىرى بىز بىلەن تىنچلىقتا بىللە ياشاپلا قالماستىن، بەلكى تېخى ئىنسانلارغا بەخت يارىتىدۇ. مەسىلەن، يەر شارىدا ھەر يىلى كۆپ مىقداردىكى ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەر ئۆلۈپ تۇرىدۇ، مىليونلىغان يىللار ئۆتۈپ كەتتى، ھايۋان - ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بۇ جەسەتلىرى نەگە كەتتى؟ بۇنىڭدا باكتېرىيە ۋە باشقا مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تۆھپىسى بار. ئۇلار يەر شارىدىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ تاپلىرىنى «يەپ» تۈگىتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆسۈملۈكلەر پايدىلىنالايدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئايلاندۇرۇپ، تەبىئەتتىكى ماددا ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۆچمەس تۆھپە قوشىدۇ. تېخىمۇ ياخشى يېرى شۇكى، نۇرغۇنلىغان باكتېرىيىلەر سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. مىكروسكوپتا بىز كۆرەلەيدىغان باكتېرىيىلەرنىڭ ئاساسەن ئۈچ خىل شەكلى بار: تېنى ھەم سېمىز، ھەم يۇمىلاق بولغانلىرى شارچىسىمان باكتېرىيىلەر دەپ ئاتىلىدۇ؛ تېنى ھەم ئورۇق، ھەم ئۇزۇن بولغانلىرى تاياقچىسىمان باكتېرىيىلەردۇر؛ تېنىنىڭ شەكلى ئەگرى - بۈگرى بولىدىغانلىرى بۇرمىسىمان باكتېرىيىلەر دەپ ئاتىلىدۇ. مەيلى قايسى خىل شەكىلدىكىسى بولسۇن، ئۇلار بىر ھۈجەيرىلىك بولىدۇ. ئىچكى تۈزۈلۈشى بىر ئادەتتىكى ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. سىرتقى يۈزىدە بىر مۇستەھكەم ھەم ئېلاستىك «سىرتقى قېپى» بار بولۇپ، ھۈجەيرە پوستى دەپ ئاتىلىدۇ. باكتېرىيە شۇنىڭغا تايىنىپ ئۆز تېنىنى قوغدايدۇ. ھۈجەيرە پوستىنىڭ ئىچكى يۈزىگە يېقىن چاپلىشىپ تۇرىدىغان بىر قەۋەت يۇمشاق نېپىز پەردىسى بار بولۇپ، ھۈجەيرە پەردىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ، ھۈجەيرە ئىچىگە ئوزۇقلۇق ماددىلار كىرىدىغان، ھۈجەيرىدىن كېرەكسىز ماددىلار چىقىپ كېتىدىغان «ئىشىك» تۇر. ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ ئىچىگە سىتوپلازما دەپ ئاتىلىدىغان قويۇق كوللوئىد ئېرىتمە تولغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر خىل دانىچىلەر ۋە زاپاس ماددىلار بولىدۇ. بەزى باكتېرىيىلەرنىڭ ھۈجەيرە يادروسى بولىدۇ، لېكىن ئۇ چوڭ جانلىقلارنىڭ ھۈجەيرە يادروسىدىن كۆپ ئاددىي بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر ئۇنى ئىپتىدائىي يادرولۇق ھۈجەيرە دەپ ئاتايدۇ. كۆپ ساندىكى باكتېرىيىلەر ھەرىكەت قىلالمايدۇ، ئۇلار تېنى ئىنتايىن كىچىك، يەڭگىل بولغانلىقى ئۈچۈن، شامال كۈچى، سۇ ئېقىمى ئارقىلىق ياكى ھاۋادىكى چاڭ - توزانلارغا ۋە ئۇچار قانات، ھايۋانلارغا يېپىشىۋېلىپ، جاھان كېزىپ يۈرىدۇ. بەزى باكتېرىيىلەرنىڭ تېنىدە قامچا تۈك (قىپچىن) لىرى بولغاچقا، خۇددى بېلىقنىڭ قۇيرۇقىغا ئوخشاش، سۇدا تولغىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن باكتېرىيە سۇدا ئۈزەلەيدۇ، ئۈزگەندىمۇ خېلى تېز ئۈزىدۇ. بەزىلەرنىڭ كۆزىتىشىچە، خولېرا ۋېرگۇل (تىرناقسىمان) باكتېرىيىسى قامچا تۈكىنىڭ ياردىمى بىلەن بىر سائەت ئىچىدە18 سانتىمېتىر ئۈزەلەيدىكەن. بۇ مۇساپە ئۇنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ90 مىڭ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ! باكتېرىيىلەرنىڭ بەزىلىرى «قىپيالىڭاچ» بولىدۇ، بەزىلىرى بولسا ئالاھىدە بىر خىل «كىيىم» كىيىۋالىدۇ. بۇ «كىيىم» ھۈجەيرە پوستىنىڭ سىرتىنى قورشاپ تۇرىدىغان بىر قەۋەت يېلىم خۇسۇسىيەتلىك ماددا بولۇپ، كاپسۇلا دەپ ئاتىلىدۇ، كاپسۇلا بىر تەرەپتىن باكتېرىيىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق ماددا ئامبىرى قىلىنسا، يەنە بىر تەرەپتىن «ساۋۇت» سۈپىتىدە قوغداش قەۋىتىلىك رولىنى ئوينايدۇ. كېسەل قوزغاتقۇچى باكتېرىيىلەرگە قارىتا ئېيتقاندا، كاپسۇلا يەنە كېسەل قوزغىتىش كۈچى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، ئۆپكە ياللۇغى شارچە باكتېرىيىسى ئادەمنى ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار قىلىدۇ، لېكىن ئەگەر كاپسۇلسىدىن مەھرۇم بولسا، ياراغسىزلانغان ھېسابلىنىدۇ - دە، كېسەل قوزغاش كۈچى بولمايدۇ. باكتېرىيە قۇرغاقچىلىق، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، ئوكسىگېن كەمچىل ياكى خىمىيىۋى دورىلىق ناچار مۇھىتقا يولۇقسا، قالتىس بىر خىل چارىنى ئىشقا سالىدۇ، يەنى تېنىدىكى سۇنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك چىقىرىۋېتىپ، ھۈجەيرىسىنى يىغىنچاقلاپ ئېللىپس شەكىللىك ئۇخلىغۇچى تەنچىگە ئايلاندۇرۇۋالىدۇ، بۇ بىخ سپورا دەپ ئاتىلىدۇ. بىخ سپورا قۇرغاق شارائىتتا نەچچە ئون يىلغىچىمۇ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قالىدۇ. قاچانكى مۇھىت مۇۋاپىقلاشقاندا، بىخ سپورا سۇ سۈمۈرۈپ كۆپۈپ، قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە ئىگە باكتېرىيىگە ئايلىنىدۇ. يالغۇز باكتېرىيىلەر رەڭسىز، سۈزۈك بولىدۇ، شۇڭا، ئېنىقلاشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، ئۇلارنى بوياشقا توغرا كېلىدۇ.1884 - يىلى دانىيىلىك ئالىم گرام بىر خىل بوياش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغان. يەنى ئالدى بىلەن كرىستال ۋېئولېتقا يود ئېرىتمىسى قوشۇپ بوياپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسپىرت بىلەن رەڭسىزلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ ئارقىدىن سۇيۇقلاندۇرۇلغان فۇكسىن (ئازالېئىن) بىلەن بويايدۇ. مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، باكتېرىيىلەرنى ئىككى چوڭ تۈركۈمگە ئايرىشقا بولىدۇ: مۇشۇ ئۇسۇلدا بويىغاندا سۆسۈن بويالغانلىرى گرام مۇسبەت باكتېرىيىلەر دەپ ئاتىلىدۇ؛ قىزىل بويالغانلىرى گرام مەنپىي باكتېرىيىلەر دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىككى خىل باكتېرىيىلەر ياشاش خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ھۈجەيرە تەركىبىي قىسمى جەھەتتە زور پەرقلىنىدۇ. دوختۇرلار كۆپىنچە گرام بوياش ئۇسۇلى بويىچە دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىپ، كېسەلگە دىئاگنوز قويۇپ داۋالايدۇ. گرامنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇنداق تەكرار بوياش ئۇسۇلى گرام بوياش ئۇسۇلى دەپ ئاتالغان. باكتېرىيە جەمەتىدىكى ئەزالار ئەگەر تۇراقلىق بىر جايدا ياشاپ كۆپەيسە، ئاددىي كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان كىچىك كوللېكتىپ تەنچىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئۇ باكتېرىيە كولونىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ. باكتېرىيە كولونىيىسىنىڭ ھەر خىل چىرايلىق رەڭلىرى بولىدۇ، مەسىلەن، يېشىل يىرىڭ تاياقچە باكتېرىيىسىنىڭ كولونىيىسى يېشىل رەڭلىك بولىدۇ، ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىنىڭ كولونىيىسى ساپسېرىق بولىدۇ. باكتېرىيىلەر كولونىيىلىرىنىڭ شەكلى، چوڭ - كىچىكلىكى، قېلىن - نېپىزلىقى ۋە رەڭگى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى − ھەر تۈردىكى باكتېرىيىلەرنى پەرقلەندۈرۈشتىكى ئاساسلارنىڭ بىرى. ئەنگلىيىلىك فلېمىن ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىنىڭ ساپسېرىق كولونىيىسىنىڭ ئازىيىش ياكى يوقىلىشىنى كۆزىتىش ئارقىلىق، ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىنى يەۋېتىدىغان پېنسىلىننى بايقاپ، دەۋر بۆلگۈچ خىزمەت كۆرسىتىپ، ئانتىبىئوتىكلارنىڭ سىرىنى ئاچقان.
← بارلىق تېمىلار مىكرو ئورگانىزملار
باكتېرىيىلەر | UyghurWiki | UyghurWiki