ئەيدىز كېسىلى
مىكرو ئورگانىزملار
80- يىللارنىڭ بېشىدا، ئامېرىكا، ياۋروپا، ئافرىقا، ئوكيانىيىدىكى دۆلەت ۋە رايونلاردا، بىر خىل يېڭى كېسەللىك پەيدا بولدى، ئۇ بولسىمۇ كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدىغان ئەيدىز كېسىلى. ئەيدىز كېسىلىنىڭ كېڭىيىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يامرىماقتا. بەزىلەر ئۇنى «ھازىرقى زاماندىكى ۋابا» ۋە «دەرىجىدىن تاشقىرى راك» دەپ ئاتىدى.
ئەيدىز كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەل قوزغاتقۇچى تەنچە مىكرو ئورگانىزملار پادىشاھلىقىدىكى بىر خىل تەتۈر كۆچۈرۈلگەن ۋىرۇس بولۇپ، ھازىر كىشىلەر ئۇنى ئىنسانلار ئىممۇنىتېت كەمچىللىكى ۋىرۇسى دەپ ئاتىماقتا.
ئەيدىز كېسىلى ئاساسەن جىنسىي ئۇچرىشىش، ۋىرۇس بىلەن بۇلغانغان قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى سېلىش، ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئاغرىغان بىمار ئىشلىتىپ دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان ئوكۇل يىڭنىسى ۋە شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق يۇقىدۇ. ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدارمۇ ھامىلىگە بالا ھەمراھىنىڭ قېنى ئارقىلىق يۇقتۇرىدۇ. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئادەم بەدىنىدە كۆپ يىل تىپتىنچ ھالدا يوشۇرۇنۇپ كېسەل قوزغاتمايدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق زىيىنى شۇكى، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كېسەل كىشىنى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يۇقۇۋالىدىغان باشقا كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرالمايدىغان قىلىپ قويۇپ، ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. يەنە ئاز ئۇچرايدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، كۆپ قوزغىلىشچان قاناش خاراكتېرلىك گۆش ئۆسمىسىنى پەيدا قىلىپ، ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتقان ئەيدىز كېسىلىدىن ئىبارەت بۇ كېسەل ھازىر نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئارقا - ئارقىدىن پەيدا بولغانلىقتىن، دۇنيا مىقياسىدا ئەيدىز ۋەھىمىسى بارلىققا كەلدى. نۇرغۇن خەۋەرلەردە ئەيدىز كېسىلىنىڭ قورقۇنچلۇق دەرىجىسى ھەددىدىن ئارتۇق تەشۋىق قىلىنىپ، ئەيدىزنىڭ ۋەھىمىسى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىلدى. ئەمەلىيەتتە، ئەيدىز كېسىلىنىڭ مەلۇم كىشىلەرگىلا يۇقۇشتەك كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ، كىشىلەر ھازىر ئۇنىڭ يۇقۇش يوللىرىنى، بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالدى.
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. ياش - ئۆسمۈرلىرىمىز ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاساسلىقى، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك ئەخلاق - پەزىلەتنى تىكلەپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىي، ساغلام، ئىلمىي بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىش لازىم. شۇنداق قىلغاندا، ئەيدىزتىن ئىبارەت بۇ ھازىرقى زاماندىكى ۋابا ئىلاھى دۆلىتىمىز زېمىنىدا زورلۇق - زومبۇلۇق قىلالمايدۇ.