ئاسپېرگىللۇس
مىكرو ئورگانىزملار
زەمبۇرۇغلار جەمەتىدە بىر نەپەر ئېچىتىش «دوكتورى» بولۇپ، ئۇ ئاسپېرگىللۇس (چوڭ ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى) دەپ ئاتىلىدۇ، تەمى مەززىلىك دۇفۇ بوتقىسى ئۇنىڭغا تايىنىپ تەييارلىنىدۇ.
سىزگە مەلۇم بولۇشى مۇمكىن، دۇفۇ قىزىل دۇفۇنىڭ خام ئەشياسى قىلىنىدۇ، دۇفۇ تەركىبىدىكى ئاقسىل سۇدا ئوڭاي ئېرىمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، پىششىقلىنىپ ئىشلەنمىگەن دۇفۇ تۇزسىز ھەم تەمسىز بولىدۇ. ئاسپېرگىللۇس (چوڭ ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى)نىڭ بىر ماھارىتى بار، ئۇ بولسىمۇ ئاقسىلنى پارچىلايدىغان بىر خىل ئېنزىم ئاجرىتىپ چىقىرىپ، دۇفۇدىكى مول ئاقسىلنى پارچىلاپ ھەر خىل ئامىنو كىسلاتالارغا ئايلاندۇرىدۇ. ئامىنو كىسلاتا ئادەم تىلىنىڭ تەم سەزگۈچىسىنى غىدىقلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەم مەززىلىك تەمنى تېتىيالايدۇ.
ئاسپېرگىللۇسنىڭ يىپىدا ئايرىغۇچى پەردىلەر بار بولۇپ، كۆپ ھۈجەيرىلىك كۆكىرىك زەمبۇرۇغىغا تەۋە. ئۇنىڭ زەمبۇرۇغ كولونىيىلىرى ھەر خىل رەڭلەردە بولىدۇ، سېرىق ئاسپېرگىللۇس، قىزىل ئاسپېرگىللۇس، قارا ئاسپېرگىللۇس قاتارلىق ئاسپېرگىللۇس زەمبۇرۇغلىرىنىڭ نامى زەمبۇرۇغ كولونىيىلىرىنىڭ رەڭگى بىلەن ئاتالغان. قىزىق بىر ئىش، مەملىكىتىمىزنىڭ جۇ سۇلالىسى دەرىدە خانىشنىڭ مۇراسىم كىيىمى − چۇيىنى سېرىق رەڭگە بوياش ئۈچۈن، مەخسۇس ئادەم تەيىنلەپ سېرىق ئاسپېرگىللۇس (زەمبۇرۇغ) نى يېتىلدۈرۈپ تەييارلىغانىكەن. ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەر مىكروب (مىكرو ئورگانىزىم) دېگەن ئىسىمنىمۇ بىلمەيتتى، زەمبۇرۇغ كولونىيىسى دېگەن چۈشەنچىنى تېخىمۇ بىلمەيتتى، قەدىمكىلەر بىۋاسىتە سېزىمى بويىچە ئۇلارنى «بەش رەڭلىك كىيىم»، «سېرىق كىيىم» دەپ ئاتىغان.
ئاسپېرگىللۇسنىڭ ئاقسىل قاتارلىق مۇرەككەپ ئورگانىك ماددىلارنى پارچىلىيالايدىغان ماھارىتى بولغاچقا، ئۇلار قەدىمدىن ھازىرغىچە ئېچىتىش سانائىتى ۋە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتلەردە ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتمەكتە.2000 يىلنىڭ ئالدىدىلا، مەملىكىتىمىزدىكى خەلقلەر ئاسپېرگىللۇستىن پايدىلىنىپ جياڭيۇ تەييارلاشنى بىلگەن؛ خەلق ئارىسىدا ھاراق ۋە سىركە ئىشلەپچىقىرىشتا، ئۇنىڭدىن باش قەھرىمان سۈپىتىدە پايدىلىنىدۇ. مەملىكىتىمىزدە ئالاھىدە بولىدىغان تەم تەڭشىگۈچ ئېچىتىلغان پۇرچاق بوتقىسىمۇ ئاسپېرگىللۇسنىڭ سېرىق پۇرچاقنى پارچىلىغاندىن كېيىنكى نادىر ئەسىرىدۇر. ھازىرقى زامان سانائىتىدە ئاسپېرگىللۇستىن پايدىلىنىپ ھەر خىل ئېنزىملىق ياسالمىلار، ئورگانىك كىسلاتالار ۋە يېزا ئىگىلىكىدىكى شېكەرلەشتۈرۈلگەن يەم - خەشەكلەر ئىشلەپچىقىرىلماقتا.
ھالبۇكى، ئاسپېرگىللۇسلار جەمەتىدە بەزى ئەبلەخلەرمۇ بار. مەسىلەن، ئۇزاق ۋاقىت قاراڭغۇ ئورۇنغا قويۇپ قويۇلغان سويا پۇرچاق ياكى خاسىڭلاردا دائىم «سېرىق تۈك» ئۆسۈپ قالىدۇ، بۇ تەركىبىدە توكسىن (ئافلا توكسىن) بولغان بىر خىل سېرىق ئاسپېرگىللۇستۇر. ئافلا توكسىن ئۆي قۇشلىرى ۋە ئۆي ھايۋانلىرىنى زەھەرلەپ ھەتتا ئۆلتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئادەملەردە راك بولۇپمۇ جىگەر راكى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇزۇن تۇرۇپ كۆكىرىپ قالغان پۇرچاق ياكى خاسىڭنى يېيىشكە قەتئىي بولمايدۇ، يەم - خەشەك قىلىشقىمۇ بولمايدۇ.