تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى
مىكرو ئورگانىزملار
تارقىلىشچان زۇكام دۇنيادىكى ئەڭ غالجىر يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، كۆپ قېتىم پۈتۈن يەر شارىغا يامراپ، ئىنسانلار ئۈچۈن غايەت زور ئاپەت ئېلىپ كەلگەن. پەقەت1957 - يىلىدىكى بىر قېتىملىق تارقىلىشچان زۇكامنىڭ تارقىلىشى بىلەن، دۇنيا بويىچە1 مىليارد500 مىليون ئادەم كېسەل بولغان، تۈمەنلىگەن ياشانغانلار ۋە بالىلار ئازابلىنىپ ئۆلگەن.
تارقىلىشچان زۇكامنى قوزغايدىغان ۋىرۇس تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى دەپ ئاتىلىدۇ. تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ شارسىمان ياكى ئۇزۇن شەكىللىكتىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكلى بار. ئۇلار ئادەم، ئات، چوشقا ۋە بەزى قۇشلارغا زىيان سالىدۇ.
تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ شۇنچە ھەددىدىن ئېشىپ ئۆز بېشىمچىلىق قىلالىشىدىكى سەۋەب، ئۇلار ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرەلەيدۇ، ھەر يىلى ياكى ئىككى يىلدا ئۆزگىرىپ، كىشىلەرنى مۇداپىئە كۆرىمەن دەپمۇ مۇداپىئە كۆرەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. مەسىلەن،1957 - يىلدىكى كەڭ دائىرىدە يۇقۇپ تارقىلىشىنى ئاسىيا تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛1968 - يىلى شياڭگاڭدىن باشلىنىپ پۈتۈن يەر شارىغا يامرىغان تارقىلىشچان زۇكامنى شياڭگاڭ تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى پەيدا قىلغان؛1973 - يىلى ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيىدە يۈز بەرگەن كەڭ كۆلەملىك تارقىلىشچان زۇكامنى A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ يېڭى ۋىرۇس تۈپى − ئاۋسترالىيە تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى قوزغاتقان. نۆۋەتتە مەلۇم بولۇشىچە، تارقىلىشچان زۇكامنى پەيدا قىلىدىغان ۋىرۇسلارنىڭ ھەربىر تۈرى بىرقانچە تىپ ۋە كەنجى تىپقا بۆلۈنىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بۇرۇن ۋىرۇسىنىڭلا100 دىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغان تىپلىرى بار ئىكەن. يېقىنقى30 يىلدىن بۇيان، تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى تەخمىنەن ھەر10 يىلدا بىر قېتىم ئۆزگەرگەن، بۇنىڭ بىلەن زۇكامغا نىسبەتەن ئىممۇنىتېت كۈچىگە ئىگە بولۇپ بولغان كىشىلەر يېڭى تىپتىكى تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي زۇكام بولۇۋەردى. تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ بۇ خىل ئۆزگىرىشچانلىق خۇسۇسىيىتى تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئىشلىرىغا غايەت زور قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇردى. ئەمما، ھازىر ئالىملار تەشەببۇسكارلىق بىلەن چارە قوللىنىدىغان بولدى، ھازىر كەڭ دائىرىلىك ئالدىنى ئېلىش چارىلىرى بارلىققا كېلىپلا قالماستىن، ۋىرۇسنىڭ ئۆزگەرگەن يېڭى تۈرى بايقالغان ھامان، دەرھال ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرىدىغان دورا ياساپ داۋالىيالايدىغان بولدى، شۇنىڭ ئۈچۈن تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى ئوڭايلىقچە ئۆز بېشىمچىلىق قىلالمايدىغان بولدى.