UyghurWiki
UyghurWikiمىكرو ئورگانىزملارزەمبۇرۇغلار

زەمبۇرۇغلار

مىكرو ئورگانىزملار زەمبۇرۇغلار مىكرو ئورگانىزملار پادىشاھلىقىدىكى ئەڭ چوڭ جەمەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئەزالىرى تەخمىنەن250 مىڭ تۈردىن ئاشىدۇ. زەمبۇرۇغ دېگەن بۇ ئىسىم ئاڭلىماققا ياتتەك بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشتا ئۇنىڭ بىلەن دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىسىز. مەسىلەن، تەمى مەززىلىك گۈمبىمەدەك (موگۇ)، ئوزۇقلۇق ماددىلىرى مول بولغان ئاق ساڭراۋ قۇلاق، قارا ساڭراۋ قۇلاق، ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىغان مىھرىقۇت (گامۇدېرما)، سۇنى ھەيدەپ ئىششىق قايتۇرۇپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدىغان پالما مەرىزى، ئۆپكىنى ساغلاملاشتۇرۇپ بۆرەككە مەنپەئەت قىلىپ، قان توختىتىپ، بەلغەم بوشىتىدىغان قۇرتئوت قاتارلىقلار كىشىلەرگە ئاللىبۇرۇن تونۇشلۇق بولغان داڭلىق يېمەكلىك، قىممەتلىك دورىلار بولۇپ، ھەممىسى زەمبۇرۇغ چوڭ جەمەتىنىڭ ئەزالىرىدۇر؛ ھاراق ئېچىتىش، خېمىر بولدۇرۇش، جياڭيۇ ياساش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى ياكى كۆكىرىك زەمبۇرۇغنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار دەل زەمبۇرۇغ چوڭ جەمەتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدۇر. جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدىن قارىغاندا، زەمبۇرۇغلارنىڭ دۇنياغا كېلىشى باكتېرىيىلەرگە قارىغاندا1 مىليارت يىل ئەتراپىدا كېيىن بولغان، شۇڭا ئۇلار مىكرو ئورگانىزملار پادىشاھلىقىدىكى ئەڭ ياش جەمەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ باكتېرىيە ۋە ئاكتىنومىتسېتلاردىن تۈپ پەرقى شۇكى، زەمبۇرۇغلاردا ھەقىقىي ھۈجەيرە يادروسى شەكىللىنىپ بولغان. شۇڭا، كىشىلەر زەمبۇرۇغلارنىڭ ھۈجەيرىسىنى ھەقىقىي يادرولۇق ھۈجەيرە دەپ ئاتايدۇ. ئىپتىدائىي يادرولۇق ھۈجەيرە تەرەققىي قىلىپ ھەقىقىي يادرولۇق ھۈجەيرىگە ئايلىنىش جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىدىكى بىر زور ئىش ھېسابلىنىدۇ. زەمبۇرۇغلاردا كۆپ ھۈجەيرىلىك تۈزۈلۈش بولىدۇ، ئۇلار سپورا ھاسىل قىلىپ جىنسلىق ۋە جىنسسىز كۆپىيىش ئېلىپ بارالايدۇ. گەرچە گۈمبىمەدەك (موگۇ)، مايمۇنباش گۈمبىمەدەككە ئوخشاش زەمبۇرۇغلار ئېگىز ھەم چوڭ بولۇپ، كۆرۈنۈشى ئۆسۈملۈككە ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھۈجەيرە پوستىدا سېللۇلوزا يوق ۋە ھۈجەيرىسى ئىچىدە خلوروپلاست بولمايدۇ، ئۆسۈملۈككە ئوخشاش خلوروفىل ھاسىل قىلالمايدۇ. مانا بۇلار ئۇلارنىڭ ئۆسۈملۈكتىن پەرقلىنىدىغان مۇھىم يېرى. زەمبۇرۇغلار ئىنسانلارنى مۇھىم يېمەكلىك مەنبەلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرىنىڭ ئۆزى قىممەتلىك دورا ماتېرىياللىرىدۇر. زەمبۇرۇغلاردىن پايدىلىنىپ يەنە كۆپ خىل ئانتىبىئوتىكلارنى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ. زەمبۇرۇغلار ئەنئەنىۋى ئېچىتىش ۋە يېمەكلىك سانائىتىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى ھازىرقى زامان سانائىتىدىمۇ ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتمەكتە. كىشىلەر ئوخشىمىغان تۈردىكى ھەر خىل كۆكۈرۈك زەمبۇرۇغىدىن پايدىلىنىپ ھەر خىل ئېنزىملىق ياسالمىلارنى ھەمدە نۇرغۇنلىغان مۇھىم سانائەت خام ئەشيالىرىنى ۋە رېئاكتىپلارنى ئاجرىتىپ ئالماقتا. ئۇلاردىن يەنە يۇقىرى ئۈنۈملۈك يەم - خەشەك سۈپىتىدە پايدىلىنىپ، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولىدۇ. بىراق، زەمبۇرۇغلار ئىنسانلارغا نۇرغۇن زىيانلارنىمۇ سالىدۇ. يامغۇرلۇق پەسىلدە ئۆي جاھازلىرى، كىيىم - كېچەكلەردە ئاق تۈك پەيدا بولۇپ قالىدۇ؛ نەم ئىسكىلاتلاردا ئاشلىق، كۆكتات، مېۋە قاتارلىقلار دائىم سېسىپ ئۆزگىرىپ كېتىدۇ؛ نۇرغۇن كىشىلەر تىرناق تەمرەتكىسى ۋە باشقا ھەر خىل تەمرەتكە كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدۇ ۋە باشقىلار. بۇلارنىڭ ھەممىسى زەمبۇرۇغلارنىڭ كاساپىتى.1960 - يىلى يازدا، ئەنگلىيىنىڭ مەلۇم بىر جايىدا100 مىڭدىن ئارتۇق كۈركىنىڭ ئۆلۈپ قېلىشى كىشىلەرنى تېڭىرقىتىپ قويغان، ئەينى ۋاقىتتا كۈركىلەرنىڭ نېمە كېسەل بىلەن ئۆلگەنلىكىنى ھېچكىم ئېنىقلىيالمىغان. شۇڭا، كىشىلەر بۇ كېسەللىكنى «كۈركىنىڭ χ كېسىلى» دەپ ئاتىغان. كىشىلەرنىڭ كېيىن ئېنىقلىشىچە، بۇ كۈركىلەر كۆكىرىپ قالغان خاسىڭ كۈنجۈرىسنى يېگەنىكەن، كۆكىرىپ قالغان خاسىڭ كۈنجۈرىسىدە سېرىق ئاسپېرگىللۇس زەمبۇرۇغى ھاسىل قىلىدىغان بىر خىل زەھەرلىك ماددا بولۇپ، ئافلا توكسىن دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ كۈچلۈك راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بولۇپ، نۇرغۇن ھايۋانلاردا جىگەر راكى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە ئادەمنىڭ جىگەر راكى بىلەنمۇ مەلۇم دەرىجىدە باغلىنىشلىقى بار. شۇڭا، بىزنىڭ زەمبۇرۇغلارغا قارىتا ئاساسىي پوزىتسىيىمىز شۇكى، دوست بىلەن دۈشمەننى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ، ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكلىرىدىن ھەزەر ئەيلەپ، ئۇلارنى ئىنسانلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشقۇزۇش.
← بارلىق تېمىلار مىكرو ئورگانىزملار