UyghurWiki
UyghurWikiمىكرو ئورگانىزملارمىكرو ئورگانىزملىق باتارېيە

مىكرو ئورگانىزملىق باتارېيە

مىكرو ئورگانىزملار كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىقلار نۆۋەتتە ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەنبەسى. ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياج كۈنسېرى ئاشماقتا. ئەمما، تەبىئەت ئىنئام قىلغان بۇ مەنبەلەر مىليونلىغان يىللار جەريانىدىكى يەر پوستى ئۆزگىرىشىنىڭ نەتىجىسىدە تەدرىجىي جۇغلانغان، ئۇلارنىڭ مىقدارى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا چەكلىك. شۇڭا، كىشىلەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئېنېرگىيە كرىزىسىگە دۇچ كېلىدۇ. ئەلۋەتتە، كىشىلەر نۇرغۇن تەرەپلەردىن ئېنېرگىيىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، قۇياش ئېنېرگىيىسى غايەت زور ئېنېرگىيە مەنبەسىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا، يەر ئىسسىقلىقى، سۇ كۈچى، ئاتوم يادروسىنىڭ يىمىرىلىشى قاتارلىقلار كۆپ مىقداردا ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى قويۇپ بېرىدۇ. تەتقىقات تەجرىبىلىرى كىشىلەرگە مىكرو ئورگانىزملاردىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىشنىڭ گۈزەل مەنزىلىنى كۆرسىتىپ بەردى. باتارېيىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، يېقىلغۇ باتارېيىسى مۇشۇ جەھەتتە كېيىن يېتىشىپ چىققان مۇنەۋۋەر ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتىكى باتارېيە مۇسبەت قۇتۇپ، مەنپىي قۇتۇپ، ئېلېكترولىتتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ، يېقىلغۇ باتارېيىسىمۇ شۇنداق: يېقىلغۇغا مەنپىي قۇتۇپتا خىمىيىۋى رېئاكسىيە پەيدا قىلغۇزۇپ، ئېلېكتروننى قويۇپ بەرگۈزىدۇ؛ ئوكسىدلىغۇچىغا مۇسىبەت قۇتۇپتا رېئاكسىيە پەيدا قىلغۇزۇپ، مەنپىي قۇتۇپتىن ئۆتكۈزگۈچ سىم ئارقىلىق كەلگەن ئېلېكتروننى قوبۇل قىلغۇزىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئادەتتىكى باتارېيىنىڭكىگە ئوخشاش، ئۆتكۈزگۈچ سىمدىن توك ئۆتىدۇ. يېقىلغۇ باتارېيىسىگە ھىدروگېن، ھىدرازىن، مېتانول، مېتىل ئالدىھېد، مېتان، ئېتان قاتارلىقلارنى يېقىلغۇ، ئوكسىگېن، ھاۋا، ھىدروگېن پېرئوكسد قاتارلىقلارنى ئوكسىدلىغۇچى قىلىشقا بولىدۇ. ھازىر بىز مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرى جەريانىدا ھاسىل قىلغان «ئېلېكترود ئاكتىپ ماددىسى» دىن باتارېيە يېقىلغۇسى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ، ئاندىن يېقىلغۇ باتارېيىسىنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان چارە بىلەن خىمىيىۋى ئېنېرگىيىنى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرۇپ، مىكرو ئورگانىزملىق باتارېيە قىلىپ پايدىلىنالايدىغان بولدۇق. مىكرو ئورگانىزملىق باتارېيىنىڭ ئېلېكترود ئاكتىپ ماددىسى قىلىنىدىغانلار، ئاساسەن، ھىدروگېن، فورمات كىسلاتا، ئاممىياك قاتارلىقلاردۇر. مەسىلەن، كىشىلەر ھىدروگېن ھاسىل قىلالايدىغان نۇرغۇن باكتېرىيىلەرنى بايقىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە خىمىيىۋى ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىپ چەتتىن ئوزۇقلىنىدىغان باكتېرىيىلەرنىڭ تۈرى30 دىن ئاشىدۇ، ئۇلار شېكەرلەر، ئالكوللار، ئورگانىك كىسلاتا قاتارلىقلارنى ئېچىتىپ، ئۇلاردىكى خىمىيىۋى ئېنېرگىيىنى قوبۇل قىلىپ ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر قىسىم ئېنېرگىيىنى ھىدروگېن گازى شەكلىدە قويۇپ بېرىدۇ. ھىدروگېننى بۇ خىل يېقىلغۇ قىلىپ، ھىدروكسىي تىپلىق مىكرو ئورگانىزملىق باتارېيە ياساپ چىققىلى بولىدۇ. ھىم ئېتىلگەن ئالەم كېمىسىدە ئالەم ئۇچقۇچىلىرى سىيگەن سۈيدۈكنى قانداق قىلىدۇ؟ ئامېرىكا ئالەم ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى بىر خىل ئەپچل چارىنى لايىھىلەپ چىقتى: سۈيدۈكنى مىكرو ئورگانىزملار ئىچىدىكى بىخ سپورىلىق تاياقچە باكتېرىيە بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىياك گازى ھاسىل قىلغۇزۇپ، ئاممىياكنى ئېلېكترود ئاكتىپ ماددا قىلسا، مىكرو ئورگانىزملىق باتارېيىگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن، بۇنداق قىلغاندا، ھەم سۈيدۈكنى بىر تەرەپ قىلغىلى، ھەم ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن. ئادەتتە ئالەمدە ئۇچۇش شارائىتىدا بىر ئادەم كۈنىگە22 گرام سۈيدۈك چىقارسا، ئۇنىڭدىن47 ۋات ئېلېكتر كۈچىگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن. شۇنىڭغا ئوخشاش قائىدە بويىچە، مىكرو ئورگانىزملارغا كېرەكسىز سۇدىكى ئورگانىك ماددىلاردىن ئوزۇقلۇق ماددا ۋە ئېنېرگىيە قوبۇل قىلغۇزۇپ، باتارېيىگە كېرەكلىك يېقىلغۇغا ئېرىشكىلىمۇ بولىدىكەن. مىكرو ئورگانىزملىق باتارېيە گەرچە تەجرىبە - تەتقىق قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ، يېقىن كەلگۈسىدە ئىنسانلارنى تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيە مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مىكرو ئورگانىزملار