مىكرو ئورگانىزملاردىكى كارامەتلەر
مىكرو ئورگانىزملار
مىكرو ئورگانىزملار يەر شارىنىڭ ئەڭ بالدۇرقى «ئاھالە» لىرىدۇر. ئەگەر يەر شارىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر بولغان تەدرىجىي تەرەققىيات تارىخىنى بىر كۈنگە قىسقارتىپ، يەر شارىنىڭ پەيدا بولۇشىنى24 سائەتنىڭ نۆلىنچى سائىتى قىلساق، يەر شارىنىڭ تۇنجى تۈركۈم ئاھالىسى − ھاۋا خالىمايدىغان خۇسۇسىيەتلىك چەتتىن ئوزۇقلىنىدىغان باكتېرىيىلەر ئەتىگەن سائەت يەتتىدە دۇنياغا كەلگەن بولىدۇ؛ چۈشتىن كېيىن، يەنى سائەت13 دە ھاۋا خالايدىغان خۇسۇسىيەتلىك چەتتىن ئوزۇقلىنىدىغان باكتېرىيىلەر بارلىققا كەلگەن بولىدۇ؛ بېلىق ۋە قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ئۆسۈملۈكلەر كەچ سائەت10 دا, يەنى سائەت22 دە پەيدا بولغان بولىدۇ؛ ئىنسانلار بولسا شۇ بىر كۈننىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مىنۇتتا بارلىققا كەلگەن بولىدۇ.
مىكرو ئورگانىزملارنىڭ يەر شارىدا ئەڭ بالدۇر بارلىققا كېلىشىدىكى، شۇنداقلا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ ئوزۇقلىنىش مىقدارى يۇقىرى، ئوزۇقلىنىش دائىرىسى كەڭ، كۆپىيىشى تېز ۋە قارشى تۇرۇشچانلىقى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
جۇغى قانچىكى كىچىك بولسا «ئىشتىھاسى» شۇنچە چوڭ بولۇش جانلىقلار دۇنياسىدىكى ئومۇميۈزلۈك قانۇنىيەت. مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تۈزۈلۈشى ئىنتايىن ئاددىي بولىدۇ، بىر دانە ھۈجەيرە ياكى دىففېرېنسىيىلىنىپ ھاسىل قىلغان ئاددىي بىر توپ ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆزى مۇستەقىل ياشىيالايدىغان جانلىقلار تېنى بولۇپ، ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ بارلىق فۇنكسىيىلىرىنى ئۆز زىممىسىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ جۇغى كىچىك بولسىمۇ، لېكىن تېنىنىڭ پۈتۈن سىرتقى يۈزىنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈپ ئېلىش ئىقتىدارى بولىدۇ، بۇ ھال ئۇلارنىڭ «ئىشتىھاسى» نى چوڭايتىۋەتكەن. ئەگەر بىر دانە باكتېرىيىنىڭ بىر سائەت ئىچىدە سەرپ قىلىدىغان شېكىرىنى بىر ئادەمنىڭ يەيدىغان ئاشلىقىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىساق، بۇ ئادەمنىڭ500 يىل يەيدىغان ئاشلىقىغا توغرا كېلىدۇ.
مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئىشتىھاسى زور بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ يېمەيدىغىنى يوق. ئۇلار يەر شارىدىكى ئورگانىك ماددا ۋە ئانئورگانىك ماددىلارنى يەپ تۇرىدۇ، ھەتتا خىمىيە ئالىملىرى سىنتېزلەپ چىققان ئەڭ يېڭى ۋە مۇرەككەپ ئورگانىك مولېكۇلىلارمۇ مىكرو ئورگانىزملارنىڭ «ئاغزى» دىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. كىشىلەر تەييار ئورگانىك ماددىلارنى «يەيدىغان» مىكرو ئورگانىزملارنى ئورگانىك ماددىلار بىلەن ئوزۇقلىنىش تىپىدىكى ياكى چەتتىن ئوزۇقلىنىش تىپىدىكى مىكرو ئورگانىزملار دەپ ئاتايدۇ؛ كاربون (Ⅳ) ئوكسىد ۋە كاربوناتلارغا تايىنىپ ئۆز جېنىنى باقىدىغان مىكرو ئورگانىزملارنى ئانئورگانىك ماددىلار بىلەن ئوزۇقلىنىش تىپىدىكى ياكى ئۆزىدىن ئوزۇقلىنىش تىپىدىكى مىكرو ئورگانىزملار دەپ ئاتايدۇ.
مىكرو ئورگانىزملار ئەركەك - چىشى دەپ ئايرىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىيىش ئۇسۇلىمۇ باشقا جانلىقلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. باكتېرىيىلەر جەمەتىدىكى ئەزالارنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇلار ئەۋلادىنى بۆلۈنۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆپەيتىدۇ، شارائىت مۇۋاپىق بولسىلا، ھەر20 مىنۇتتا بىر قېتىم بۆلۈنۈپ، بىردىن ئىككى، ئىككىدىن تۆت، تۆتتىن سەككىز… بولىدۇ، مۇشۇ تەرىقىدە ھەسسىلەپ - ھەسسىلەپ بۆلۈنۈۋېرىدۇ. مۇشۇ سۈرئەت بويىچە ھېسابلانسا، بىر دانە باكتېرىيە48 سائەت ئىچىدە1043 ×2.2 دانە ئەۋلاد ھاسىل قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى1025 ×2.2 توننا بولۇپ، تۆت يەر شارىنىڭ ئېغىرلىقىغا توغرا كېلىدۇ! ئۇلار مۇشۇ خىل گېئومېتىرىك پروگرېسسىيە بويىچە كۆپەيسىمۇ، لېكىن ھەر دائىم مۇھىت، ئوزۇقلۇق قاتارلىق شارائىتلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا، ئەمەلىيەتتە بۇ دەرىجىدە كۆپىيىش مۇمكىن ئەمەس، مۇشۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، ھايۋان - ئۆسۈملۈكلەر ھەرگىزمۇ ئۇلاردەك تېز كۆپىيەلمەيدۇ.
مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئىسسىققا، سوغۇققا، تۇزغا (شورغا)، قۇرغاقچىلىققا، كىسلاتاغا، ئىشقارغا، ئوكسىگېن كەمچىللىككە، بېسىمغا، رادىئاتسىيىگە ۋە زەھەرلىك ماددىلارغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك. شۇڭا، تىنچ ئوكياننىڭ چوڭقۇرلۇقى1000 مېتىر، سۇ بېسىمى1140 ئاتموسفېرا بېسىم بولغان يېرىدىن تاكى85 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئاتموسفېرا قاتلىمىغىچە؛ قاتتىق ئىسسىق بولغان ئېكۋاتور دېڭىز تەۋەلىكىدىن ناھايىتى سوغۇق بولغان جەنۇبىي قۇتۇپ مۇزلۇقلىرىغىچە، تۇز (شور) دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ئۆلۈك دېڭىزدىن كۈچلۈك كىسلاتالىققا ۋە كۈچلۈك ئىشقارلىققا ئىگە مۇھىتقىچە بولغان يەرلەردە مىكرو ئورگانىزملارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مىكرو ئورگانىزملار ئوتتىن قورقىدىغانلىقى ئۈچۈن، يەر شارىدىكى ھەرىكەتتىكى يانار تاغ ئېغىزىدىن باشقا جايلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ياشاش ماكانى ھېسابلىنىدۇ.
مىكرو ئورگانىزملارمۇ نەپەسلىنىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوكسىگېنغا ئامراق بولغاچقا، ئوكسىگېن خالايدىغان خۇسۇسىيەتلىك دەپ ئاتىلىدۇ؛ بەزىلىرى بولسا ئوكسىگېندىن يىرگىنىدىغان بولغاچقا، ئوكسىگېن خالىمايدىغان خۇسۇسىيەتلىك دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بەزىلىرى ئوكسىگېن بار مۇھىتتىمۇ، ئوكسىگېن يوق مۇھىتتىمۇ ياشاۋېرىدۇ، بۇلار ئىككى ياقلىمىلىق مىكرو ئورگانىزملار دەپ ئاتىلىدۇ.
مىكرو ئورگانىزملار يېيىشكىلا ئامراق بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇخلاشقىمۇ ئامراق. خەۋەر قىلىنىشىچە، مىسىردىكى پىرامىدادىكى3000 −4000 يىلدىن بۇرۇنقى مۇمىيادا تىرىك باكتېرىيە بارلىقى بايقالغان. مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئۇخلاش ماھارىتىمۇ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ.