موكىسىمان باكتېرىيىسى
مىكرو ئورگانىزملار
سىركە − ھەممە ئائىلە جەزمەن ھازىرلايدىغان تەم تەڭشىگۈچ. بېلىق قورۇغاندا ئازراق سىركە قۇيۇلسا، بېلىقتىكى غەيرىي پۇراق يوقىلىدۇ؛ بەزى قورۇمىلارنىڭ تەمى سىركە قۇيۇلغاندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ، تېخى ئىشتىھانى ئېچىپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. جېنجياڭنىڭ خۇشپۇراق سىركىسى، سەنشىنىڭ كونا سىركىسى قاتارلىقلار مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا مەشھۇر ياخشى سىركىلەردۇر.1856
- يىلى فرانسىيىنىڭ لىل (liL) شەھىرىدىكى بىر ھاراق ئىشلەش كارخانىسىدا تۆۋەن گرادۇسلۇق ھاراقنىڭ ھاۋادا ئۆزلۈكىدىن سىركىگە ئۆزگىرىپ كېتىشىدەك غەلىتە بىر ھادىسە يۈز بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ توغرىدا بىر مەيدان تارىخىي خاراكتېرلىك چوڭ مۇنازىرە قوزغىلىپ كەتكەن. ئەينى ۋاقىتتا بەزى ئالىملار، ئۇنىڭ سەۋەبىنى ھاراق ھاۋادىكى ئوكسىگېننى سۈمۈرۈۋېلىپ خىمىيىۋى ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانلىقتىن بولغان، دەپ قارىغان. ئەمما، فرانسىيىلىك مىكرو بىئولوگىيە، خىمىيە ئالىمى پاستېر، ھاراقنىڭ سىركىگە ئۆزگىرىپ كېتىشى سىركە ئىشلەش ئۇستىسى − سىركە كىسلاتا موكىسىمان باكتېرىيىسىنىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ، دەپ كىشىلەرنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلىغان.
ئەسلىدە، سىركە ئىشلەشتە ئۈچ جەريان بولىدۇ: بىرىنچى قەدەمدە «دوكتور» ئاسپېرگىللۇس گۈرۈچ، تېرىق ياكى قوناققا ئوخشاش كراخماللىق خام ئەشيالارنى گلۇكوزىغا ئايلاندۇرىدۇ؛ ئىككىنچى قەدەمدە ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى گلۇكوزىنى ئىسپىرتقا ئايلاندۇرىدۇ. ئەگەر ئىشلەپچىقىرىش مۇشۇ باسقۇچقا قەدەر ئېلىپ بېرىلسا، كىشىلەر مەززىلىك ھاراق ئىچەلەيدۇ. لېكىن ھاراقنىڭ سىركىگە ئايلىنىشى ئۈچۈن ئۈچىنچى قەدەمنى بېسىش كېرەك. بۇ باسقۇچنى سىركە كىسلاتا موكىسىمان باكتېرىيىسى ئورۇندايدۇ.
سىركە كىسلاتا موكىسىمان باكتېرىيىسى ھاۋا خالايدىغان بىر خىل باكتېرىيە بولۇپ، ئۇلار تۆۋەن قويۇقلۇقتىكى ھاراق بار ئىدىشقا ھاۋادىن چۈشۈپ، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ۋە بەلگىلىك تېمپېراتۇرا ساقلانغان شارائىتتا تېزلىكتە ئۆسۈپ كۆپىيىپ، ھاۋا خالايدىغان نەپەسلىنىش ئېلىپ بېرىپ، ئىسپىرتنى ئوكسىدلايدۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىر تەرەپتىن »ھاراق ئىچىپ«، يەنە بىر تەرەپتىن ئىسپىرتنى تەمى مەززىلىك، رەڭگى كۆركەم سىركىگە ئايلاندۇرىدۇ.
سىركە كىسلاتا موكىسىمان باكتېرىيىسىنىڭ بىر زور ئالاھىدىلىكى بار، ئۇ بولسىمۇ، ئىسپىرتنى ئوكسىدلىشى ئۈزۈل - كېسىل بولماي، كۆپىنچە ئەھۋالدا پەقەت ئورگانىك كىسلاتا ھاسىل بولۇش باسقۇچىغىچىلا ئوكسىدلايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئورگانىك كىسلاتا جۇغلىنىدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىدىن سىركە ئىشلەپچىقىرىشتىلا ئەمەس، بەلكى يەنە پروپىئون كىسلاتا، بوتان كىسلاتا ۋە گلۇكوزا كىسلاتا قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىشتىمۇ كەڭرى پايدىلىنىدۇ.
سىركە كىسلاتا موكىسىمان باكتېرىيىسى يەنە تاغ نەشپۈتى تەركىبىدىكى سوربىتولنى سوربىنوزىغا ئايلاندۇرالايدۇ، بۇ تەبىئەتتە ئاز ئۇچرايدىغان، ئەمما ۋىتامىن C نى سىنتېزلاشنىڭ مۇھىم خام ئەشياسىدۇر. ئۇلاردىن باشقا، سىركە كىسلاتا موكىسىمان باكتېرىيىسى يەنە كراخمال ئېنزىمى (ئامىلازا) ۋە پېكتىنازا ئىشلەپچىقىرىشتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
سىركە كىسلاتا موكىسىمان باكتېرىيىسى گەرچە سىركە ئىشلەش ئۇستىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى ھاراق ئىشلىگۈچى ئۇستاملار قارشى ئالمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار كۆپ ۋاقىتلاردا ھاراق ئىدىشلىرىغا كىرىۋېلىپ ئەسكىلىك قىلىپ، بىر ئىدىش مەززىلىك ھاراقنى ئاچچىق - چۈچۈك قىلىپ قويىدۇ. ھاراق ئىشلىگۈچى ئۇستاملار ھاراق ئىدىشلىرىنىڭ تۇۋاقلىرىنى ھىم ئېتىش ئارقىلىق، سىركە كىسلاتا موكىسىمان باكتېرىيىسىنىڭ ئىدىشلارغا كىرىۋېلىشىغا يول قويمايدۇ، ئاز مىقداردىكىلىرى ئىدىشقا كىرىۋالغان تەقدىردىمۇ، ھاۋا يېتىشمەي تۇنجۇقۇپ ئۆلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ھاراق ئىشلىگۈچى ئۇستاملار ھاراق ئىدىشلىرىنى قىزىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىدىشتا ساقلىنىپ قالغان سىركە كىسلاتا موكىسىمان باكتېرىيىلىرى ۋە باشقا »قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرىدىغان« مىكرو ئورگانىزملار بىر - بىرلەپ يوقىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ھاراق ئىشلىگۈچى ئۇستاملار مەززىلىك ھاراقنىڭ چىقىشىنى خاتىرجەملىك بىلەن كۈتىدۇ.