UyghurWiki
UyghurWikiمېتال ۋە ئېنىرگىيەئالتۇن رۇدىسى

ئالتۇن رۇدىسى

مېتال ۋە ئېنېرگىيە ئالتۇن دېگەن سۆز ئىنگلىز تىلى ۋە سانسكرىت تىلىدا «نۇر چاچماق»، لاتىن تىلىدا «تاڭ نۇرى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تەبىئىي ئالتۇن رۇدىسى تاغ ئالتۇنى ۋە كېپەك ئالتۇن دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. يەر پوستىدىكى ھەر300 توننا تاشتا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر گرام ئالتۇن بولىدۇ. بىر توننا تاشتا3 ~5 گرام ئالتۇن (بىر تال ئادەتتىكى ئالتۇن ئۈزۈككە توغرا كېلىدۇ) تەركىبى بار بولسا ئېچىش قىممىتى بولىدۇ. ئالتۇننىڭ خۇسۇسىيىتى يۇمشاق بولۇپ، چىشنى پاتۇرغىلى، قول بىلەن ئەگكىلى بولىدۇ. بىر گرام ساپ ئالتۇننى سوزۇپ25 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى سىمغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئۆمۈچۈك يىپىدىنمۇ ئىنچىكە ئالتۇن سىمى ئالىي دەرىجىلىك ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلار ۋە كومپيۇتېرنىڭ توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتر يولىدا ئۆتكۈزگۈچ سىم قىلىنىدۇ. ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ قالپىقىدىكى كۆرۈش ئەينىكىگە نېپىز بىر قەۋەت ئالتۇن ھەل بېرىلىپ، ئۇلترا بىنەپشە نۇر رادىئاتسىيىسىنىڭ زەخىملەندۈرۈشىدىن ساقلىنىدۇ. ئالتۇننىڭ خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتى ئىنتايىن تۇراقلىق، ئالتۇن بۇيۇملارنى يەر ئاستىغا نەچچە مىڭ يىل كۆمۈپ قويسىمۇ بۇزۇلۇپ كەتمەيدۇ. ئالتۇن نىسبەتەن قىممەتلىك بولغاچقا، خەلقئارا بازارلاردا مېتال پۇل قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. ئالتۇن تەركىبلىك مىنېرالدىن ھازىر25 خىلى بايقالدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى يەككە ماددا شەكلىدە چىقىدىغان تەبىئىي ئالتۇن (قەدىمكى زاماندا خام ئالتۇن دەپ ئاتالغان) بولۇپ، بەزىلىرى بۇغداي كېپىكىگە، يەنە بەزىلىرى چاچقا ئوخشايدۇ. بۇ خىل ئالتۇن رۇدىسىنى قازغاندىن كېيىن بىۋاسىتە تاۋلىغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان نۇرغۇن «ئۇششاق» ئالتۇن زەررىچىلىرى بار، ئۇلار ھەمىشە سېرىق تۆمۈر رۇدىسى، سەنكىيا رۇدىسى، سېرىق مىس رۇدىسى قاتارلىق «ئۇرۇق - تۇغقانلار» بىلەن بىرلىكتە مەۋجۇت بولىدۇ. ئۇلار «ھەمراھ ئالتۇن» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار قېزىش، ئۇۋىتىش، تاللاش، ئېرىتىپ تاۋلاش ئارقىلىق ئايرىۋېلىنىدۇ. تاغ ئالتۇنى ۋە ئالتۇن تەركىبلىك تاغ جىنسلىرى ئېچىلىپ قالغاندىن كېيىن ئۇزاق مەزگىل يىمىرىلىش، ئۇپرىتىشقا ئۇچراپ پارچىلىنىدۇ، ئالتۇن دانچىلىرى قۇم، شېغىل، تاش بىلەن بىرلىكتە ئېقىن سۇلار ئارقىلىق پەس جايلارغا ئاقىدۇ ۋە ئېقىن سۈرئىتى ئاستا بولغان جايلاردا تىنىپ قالىدۇ -دە، كېپەك ئالتۇن شەكىللىنىدۇ. تالقان ئالتۇن ئىنتايىن ئۇششاق بولىدۇ، ئۇنىڭ885 مىڭ تېلى بىر سەر كېلىدۇ. كۆرگىلى بولىدىغىنى ئېنىق ئالتۇن دېيىلىدۇ، ئۇنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ۋە شەكلى كۈنجۈت، كېپەك، ماشقا ئوخشايدۇ. نەچچە كىلوگرامدىن نەچچە ئون كىلوگرامغىچە كېلىدىغان تەبىئىي ئالتۇن پارچىلىرى ئادەت بويىچە «ئىت كاللىسىدەك ئالتۇن» دەپ ئاتىلىدۇ. تەركىبىدە ئارىلاش ماددىلار بولغان تەبىئىي ئالتۇن سۇدىن15 ~18 ھەسسە ئېغىر بولىدۇ. ئالتۇن چايقىغۇچىلار ئېغىرلىرى چۆكىدۇ، يېنىكلىرى لەيلەيدۇ، دېگەن قائىدىدىن پايدىلىنىپ، تەركىبىدە ئالتۇن بولغان قۇمنى سۇدا قايتا - قايتا چايقاپ يۇيىدۇ. يېنىكرەك بولغان قۇملار سۇدا چايقىلىپ قۇم چايقاش تەخسىسىدىن تاسقىلىپ چىقىپ كېتىپ، ئالتۇن دانچىلىرى تەخسە تېگىگە چۆكىدۇ. نۆۋەتتە، دۇنيادىكى ئالتۇن چىقىدىغان چوڭ دۆلەتلەردىن جەنۇبىي ئافرىقا، روسىيە، ئا ق ش، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە جۇڭگو بار. ئېلىمىزدە شاڭخەي شەھىرىدىن باشقا ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردە ئالتۇن كان نۇقتىلىرى بار. ئىنسانلار ئالتۇننى قېزىشقا باشلىغاندىن بۇيان جەمئىي110 مىڭ توننىغا يېقىن ئالتۇن ئىشلەپچىقاردى. شەخسلەرنىڭ قولىدىكى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەزىنىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان ئالتۇن تەخمىنەن80 مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ. ئا ق ش دىكى نيۇيورك فېدېراتسىيە زاپاس بانكىسىنىڭ خەزىنىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ خەزىنە بولۇپ، يەر يۈزىدىن24 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جايدا12 مىڭ توننا ئالتۇن زاپاس ساقلىنىدۇ. ئېلىمىزدە قەدىمكى كىشىلەر «يەتتە ئۈلۈش كۆك، سەككىز ئۈلۈش سېرىق، توققۇز ئۈلۈش سۆسۈن، ئون ئۈلۈش قىزىل بولىدۇ» دېگەن تەجرىبىسىگە ئاساسەن رەڭگىگە قاراپ ئالتۇن مىقدارىنى بېكىتەتتى. دۇنيادا ئالتۇننىڭ ساپلىق دەرىجىسى K ھەرپى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. K12 ئالتۇن تەركىبى %50 بولغان بىرىكمە ئالتۇننى بىلدۈرىدۇ، K24 لىق ساپ ئالتۇننىڭ ئالتۇن تەركىبى %99 .99 بولىدۇ، شۇڭا «%100 ئالتۇن بولمايدۇ» دېگەن تەمسىل بار.
← بارلىق تېمىلار مېتال ۋە ئېنىرگىيە