UyghurWiki
UyghurWikiمېتال ۋە ئېنىرگىيەزەمچە تاش

زەمچە تاش

مېتال ۋە ئېنېرگىيە ئەگەر بىر ئىدىش لاي سۇغا بىر پارچە زەمچىنى سېلىۋەتسە، ئانچە ئۇزاققا بارمايلا سۇ ئەينەكتەك سۈزۈلىدۇ. قالپاقلىق مېدۇزىنىڭ بېشىنى زەمچە ئىشلەتمەي چىلىسا، ئېرىپ سۇغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. … زەمچە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل مىنېرال ھېسابلىنىدۇ. زەمچە زەمچە تاشتىن ئايرىۋېلىنىدۇ، زەمچە تاش تەركىبىدە سۇ بولغان ئاليۇمىن - كالىي سۇلفات رۇدىسى بولۇپ، سۇس كۈل رەڭ، سۇس سېرىق، سۇس قىزىل ياكى سۇس قوڭۇر رەڭدە، توپىسىمان ياكى زىچ كاللەكسىمان توپلانما تەنچە ھالەتتە بولىدۇ، ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى چۈرۈك، كىسلاتالىق يانار تاغ ئۇۋۇندى جىنسلىرى بىلەن چۆكۈندى ھاك جىنسلىرىدىن چىقىدۇ. جېجياڭ ئۆلكىسى ساڭنەن ناھىيىسىدىكى فەنشەن (زەمچە) تېغىدا ئۇنىڭ زاپاس مىقدارى ئەڭ كۆپ. فەنشەن ئەسلىدە چىياڭ دەپ ئاتىلاتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا چېن جىڭچېڭ ئىسىملىك بىر كىشى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە تاغ تەرەپتىكى تاشلاندۇق بۇتخانىدا تۇرىدىكەن ھەمدە بۇتخانا يېنىدىكى ئۈچ پارچە تاشقا قازان ئېسىپ تاماق ئېتىپ يەيدىكەن، بىر قېتىم ئۇ سۇ چاچراپ كەتكەن ئوچاق تېشىدا نۇرغۇنلىغان سۈزۈك چىرايلىق كىچىك مارجانلارنىڭ تۇرغانلىقىنى تاساددىپىي بايقاپ قاپتۇ. ئۇ بۇ مارجانلارنى كۆلدىكى لاي سۇدا يۇيغانىكەن، مارجانلار ئېرىپ يوقاپ كېتىپتۇ، ئەمما كۆلدىكى لاي سۇ سۈزۈلۈپ كېتىپتۇ. بۇ ئىشقا بولغان قىزىقىش چېن جىڭچېڭنى مەقسەتلىك تەجرىبە قىلىشقا ئۈندەپتۇ. نەتىجىدە، ئۇ يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن سۈزۈك، چىرايلىق زەمچە كرىستالىنى ياساپ چىقىپتۇ. ئۇ بۇ زەمچە كرىستاللىرىنى بازارغا ئاپىرىپ ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمى سۈپىتىدە تۆۋەن باھادا سېتىپتۇ، بۇ مارجانلار نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تىجارەت يولى ئېچىلىپ، تەدرىجىي مىنېرال كرىستالى ساتىدىغان ھۈنەر - سەنئەت سودىگىرىگە ئايلىنىپتۇ. پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كېيىنكى زەمچە كرىستالى خرۇستالدەك سۈزۈك بولۇپ، بۇلغانغان سۇنى سۈزۈلدۈرەلەيدۇ، مانا بۇ خەنزۇچە «矾明» (زەمچە) دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشىدۇر. شۇڭا كىشىلەر زەمچە تېشى چىقىدىغان چىياڭنىڭ نامىنى فەنشەنگە (山矾) (زەمچە تاغقا) ئۆزگەرتىپتۇ. كېيىنكى ئەۋلادلار چېن جىڭچېڭنىڭ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئۇنى ھۆرمەتلەپ «زەمچە ئەجدادى» دەپ ئاتاپتۇ. فەنشەنمۇ جۇڭگونىڭ «زەمچە پايتەختى» گە ئايلىنىپتۇ. ئېلىمىزدىكى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان زەمچە تاش كېنى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ لۇجياڭ ناھىيىسىدە بولۇپ، بۇ جايمۇ فەنشەن (زەمچە تاغ) دەپ ئاتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مېتال ۋە ئېنىرگىيە
زەمچە تاش | UyghurWiki | UyghurWiki