نېفىت
مېتال ۋە ئېنېرگىيە
نېفىت تاغ جىنسلىرىدىكى ھىدروكاربوننى ئاساس قىلغان مايسىمان يېپىشقاق سۇيۇق جىسىم. چەككىلەنمىگەن تەبىئىي نېفىت خام نېفىت دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كاربون %84 ~ %87 نى، ھىدروگېن 12% ~ 14% نى ئىگىلەيدۇ. گۈڭگۈرت، ئوكسىگېن، ئازوت، فوسفور، ۋانادىي قاتارلىقلار قالغان %1 −%2 نى ئىگىلەيدۇ.
نېفىت ئادەتتە قەدىمكى دەۋردىكى چۆكۈندى ئويمانلىقلار ياكى تېيىز دېڭىزلار بىلەن كۆللەردە شەكىللىنىدۇ. ئۇزاق گېئولوگىيىلىك دەۋرلەردە بۇ چۆكۈندى ئويمانلىقلارغا نەچچە يۈز، ھەتتا نەچچە مىڭ مېتىر قېلىنلىقتىكى چۆكۈندى ماددىلار توپلىنىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نۇرغۇن تاپ ۋە قالدۇقلىرى بولىدۇ. بۇ جانلىقلاردىكى ئورگانىك ماددىلار نەچچە مىليون يىللىق گېئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر ۋە بىر قاتار فىزىكىلىق - خىمىيىلىك ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا سانسىزلىغان ئۇششاق ماي تامچىلىرىغا ئايلىنىدۇ، ماي تامچىلىرى ئۆزئارا قوشۇلۇپ ماي ئېقىنىغا ئايلىنىدۇ، ماي ئېقىنى يەر پوستىدىكى يېپىق قۇرۇلمىلىق يەر قاتلاملىرىغا مەركەزلىك توپلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ بولغان نېفىتلىكلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ.
نېفىت ئەزاسى ناھايىتى كۆپ چوڭ جەمەت. ئۇ نېفىت چەككىلەش زاۋۇتىدىكى ئىنچىكە دىستىلەش مۇنارى ئارقىلىق «ئۆيلەرگە ئايرىلىدۇ»، نېفىت يېنىك ۋە ئېغىرلىقىغا ئاساسەن پارغا ئايلىنىدىغان ماي، بېنزىن، كىرسىن، دىزېل مېيى ۋە ئېغىر مايغا بۆلۈنىدۇ. ئېغىر ماينى بېسىم تۆۋەنلىتىدىغان قىزدۇرۇش مېشى ئارقىلىق دىزېل مېيى، سىلىقلاش مېيى، پاراففىن ۋە قاراماي قاتارلىقلارغا ئايرىغىلى بولىدۇ. بۇ مەھسۇلاتلار تۈرلەرگە ئايرىلىپ، ئايروپىلان، ھەربىي پاراخوت، پاراخوت، ئاپتوموبىل، ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل، تراكتور، راكېتا قاتارلىقلارنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى يېقىلغۇسى، ماشىنا - ئۈسكۈنىلەردىكى سىلىقلىغۇچ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، نېفىتتىن پايدىلىنىپ يەنە سۇلياۋ، نىلون، داكرون، ئاكرىلىك تالا، ۋىلون، پولىپروپىلېن تالاسى، ئىسپىرت، بىرىكمە كاۋچۇك، سىر، خىمىيىلىك ئوغۇت، سوپۇن پاراشوكى قاتارلىق5000 خىلدىن ئارتۇق خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتىنى ياسىغىلى بولىدۇ.
نېفىت بايلىقى ئاساسلىقى ئوتتۇرا شەرق، لاتىن ئامېرىكىسى، شىمالىي ئامېرىكا، غەربىي ياۋروپا، ئافرىقا، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ۋە جۇڭگوغا تارقالغان.1959
- يىل9 - ئاينىڭ26 - كۈنى خېيلۇڭجياڭدىكى چۆللۈكتە تەكشۈرۈش قۇدۇقىدىن نېفىت ئېتىلىپ چىقتى، شۇ يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ10 يىللىقى بولغانلىقى ئۈچۈن، يېڭىدىن بايقالغان نېفىتلىككە «داچىڭ (تەنتەنە) نېفىتلىكى» دېگەن نام بېرىلدى.1963 - يىلى ئېلىمىز نېفىتتە ئاساسەن ئۆز - ئۆزىنى تەمىنلىيەلەيدىغان دەرىجىگە يەتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن «جۇڭگو − نېفىت كەمچىل دۆلەت» دېگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىدى. ئارقىدىنلا غالىبىيەت نېفىتلىكى، داگاڭ نېفىتلىكى، رېنچيۇ نېفىتلىكى، جۇڭيۈەن نېفىتلىكى، بوخەي نېفىتلىكى، نەنخەي نېفىتلىكى قاتارلىقلار بايقالدى.
دۇنيا بويىچە ھازىرغىچە بايقالغان نېفىتلىكلەرنىڭ سانى30 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە زاپاس مىقدارى68 مىليون توننىدىن ئاشىدىغان چوڭ نېفىتلىكلەر272 گە يېتىدۇ، خام نېفىتنىڭ زاپاس مىقدارى دۇنيادىكى خام نېفىت ئومۇمىي زاپاس مىقدارىنىڭ %4 .67 ىنى ئىگىلەيدۇ؛ زاپاس مىقدارى685 مىليون توننىدىن ئاشىدىغان ئالاھىدە چوڭ نېفىتلىكلەردىن33 ى بار بولۇپ، ئۇلار دۇنيادىكى نېفىت ئومۇمىي زاپاس مىقدارىنىڭ %5 .44 ىنى ئىگىلەيدۇ.
پارس قولتۇقى بويىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىران، كۇۋەيت، ئىراق، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۇنيادىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە ئېكسپورت قىلىدىغان ئەڭ چوڭ رايون ھېسابلىنىدۇ. دۇنيا بويىچە نېفىت زاپاس مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان نېفىتلىك سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى گاۋۇر نېفىتلىكى بولۇپ، قېزىپ ئېلىشقا بولىدىغان نېفىتنىڭ زاپاس مىقدارى10 مىليارد400 مىليون توننىغا يېتىدۇ.