تۆمۈر رۇدىسى
مېتال ۋە ئېنېرگىيە
ئىنسانلارنىڭ تۆمۈرنى بىلىش تارىخى مىسنىڭكىدىن ئۇزاق. تۆمۈرنىڭ ئېرىش نۇقتىسى (1535℃) مىسنىڭكىدىن 500℃ يۇقىرى. تۆمۈر تاۋلاش تېخنىكىسىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغاچقىلا، ئىنسانلارنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا تۆمۈر قوراللار دەۋرى مىس قوراللار دەۋرىدىن كېيىن بولغان.
تۆمۈرنىڭ يەر پوستىدىكى مىقدارى 75%.4 بولۇپ، مىسنىڭ مىقدارىدىن600 ھەسسە كۆپ. شۇڭا تۆمۈر رۇدىسى مىس، قوغۇشۇن، سىنك قاتارلىق رەڭلىك مېتال رۇدىسىدىن كۆپ ھەم چوڭ بولىدۇ. تۆمۈر كېنىنى تەشكىل قىلغۇچى تۆمۈر تەركىبى بولغان مىنېراللاردىن ئاساسلىقى ماگنېتىت، قىزىل تۆمۈر رۇدىسى، سپېكۇلارىت، سىدېرىت، لىمونىت ۋە گېئوتىت قاتارلىقلار بار. تۆمۈر تاۋلاشتا ئىشلىتىلىدىغان مىنېراللار تۆمۈر تەركىبى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان قىزىل تۆمۈر رۇدىسى بىلەن ماگنېتىتنى ئاساس قىلىدۇ.
قىزىل تۆمۈر رۇدىسىنىڭ تەركىبى تۆمۈر ترىئوكسىد بولۇپ، رەڭگى تۇتۇق قىزىل ياكى كۈل رەڭ، ئۇنىڭ پاراشوكى قىزىل رەڭدە بولغاچقا، قىزىل تۆمۈر رۇدىسى دەپ ئاتالغان. قىزىل تۆمۈر رۇدىسى ئوخشاش ھەجىمدىكى سۇدىن تەخمىنەن بەش ھەسسە ئېغىر بولىدۇ، بەزىدە قىزىقارلىق بۆرەكسىمان كاللەك تەنچە ياكى بېلىق تۇخۇمىسىمان توپلانما تەنچە ھالىتىدە بولىدۇ. توپلانما تەنچىسى ئىنتايىن پارقىراق ئەتىرگۈل ياپرىقىسىمان كەلگەن قىزىل تۆمۈر رۇدىسى سپېكۇلارىت دەپ ئاتىلىدۇ.
كۈچلۈك ماگنىتلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇش ماگنېتىتنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكىدۇر، شۇڭا ئۇ »ماگنىت« دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىچكى موڭغۇلدىكى ئۇلانچاب يايلىقىدا دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى1783 مېتىر كېلىدىغان ھەيۋەتلىك ئېگىز تاغ بولۇپ، تارىختا بۇ تاغنىڭ چەكسىز سېھرىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى رىۋايەت كەڭ تارقالغانىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، چىڭگىزخان بىر قېتىم يېنىك قوراللار بىلەن قوراللانغان چەۋەندازلىرىنى باشلاپ بۇ تاغقا چىقىپ تاغ چوققىسىغا كەلگەندە ئىلگىرىكى تۇلپار ئېتى ماڭالماي قالغان، ياساۋۇللارنىڭ ئاتنى كۈچەپ ئىتتىرىشى نەتىجىسىدە ئاتنىڭ تاقىسى تۇيىقىدىن ئاجرىلىپ چۈشكەندىن كېيىنلا ئات ئەركىن ماڭالىغان.1927 - يىلى7 - ئايدا28 ياشلىق گېئولوگ دىڭ داۋخېڭ بۇ يەرگە كېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاخىر بۇنىڭ سىرىنى ئاچتى. ئەسلىدە بۇ تۆمۈر رۇدىسى بار تاغ بولۇپ، ئاتنىڭ تاقىسىنى ئۆزىگە تارتىۋالغىنى سېھرىي كۈچ بولماستىن، بەلكى ماگنېتىتنىڭ كۈچلۈك ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتى ئىكەن. مانا بۇ بايان ئوبو تۆمۈر كېنى، ئۇنى تەبىئىي زور ماگنىت دېيىشكە بولىدۇ.
تۆمۈر كېنىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ئىنتايىن مۇرەككەپ. ئەگەر يەر شارىنى تۇخۇمغا ئوخشاتساق،3000 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى تۆمۈر - نىكېللىق يەر يادروسى تۇخۇمنىڭ سېرىقىغا ئوخشايدۇ. بۇنىڭدىن350 مىليون يىلدىن570 مىليون يىل ئىلگىرى يەر پوستى نىسبەتەن نېپىز، يېرىقلىرى كۆپ ۋە چوڭقۇر، يانار تاغنىڭ پارتلىشى ئەۋج ئالغان بولۇپ، چوڭقۇر جايلاردىكى تۆمۈر تەركىبلىك ماگما يەر يۈزىگە كۆپلەپ ئېتىلىپ چىققانىدى. ماگمىلار يەر يۈزى ئەتراپىدا سوۋۇش جەريانىدا تۆمۈر ماددىسى ۋە تۆمۈر مىنېراللىرى ئاجرىلىپ چىقىپ مۇئەييەن ئورۇنغا نىسپىي توپلىنىشى نەتىجىسىدە تۆمۈر كېنى ھاسىل بولغان. تۆمۈر تەركىبلىك تاغ جىنسلىرى كۈن نۇرىنىڭ كۆيدۈرۈشى، يامغۇرنىڭ يۇيۇشى بىلەن يىمىرىلىپ پارچىلىنىپ، ئىچىدىكى تۆمۈر ئوكسىدلانغان، تۆمۈر ئوكسىد سۇدا ئېرىپ، كەڭ ئويمانلىقلارغا ئېقىپ بېرىپ تىنىپ توپلىنىپ، چۆكۈندە تۆمۈر كېنىنى ھاسىل قىلغان. كۆپ قېتىملىق يەر پوستى ھەرىكىتىنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق تۆمۈر تېخىمۇ توپلانغان. دۇنيادىكى نۇرغۇن مەشھۇر چوڭ تۆمۈر كانلىرى (زاپاس مىقدارى100 مىليون توننىدىن ئاشىدىغان) ئاشۇنداق شەكىللەنگەن.
پۈتۈن دۇنيادىكى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان تۆمۈر رۇدىسىنىڭ زاپاس مىقدارى200 مىليارد توننىدىن ئاشىدۇ. روسىيىنىڭ تۆمۈر رۇدىسى زاپىسى ۋە مەھسۇلات مىقدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تۆمۈر زاپاس مىقدارى كۆپ بولغان دۆلەتلەردىن كانادا، برازىلىيە، ئاۋسترالىيە، ھىندىستان، ئا ق ش، فرانسىيە ۋە شۋېتسىيە قاتارلىقلار بار.
ئېلىمىزنىڭ تۆمۈر رۇدىسى زاپاس مىقدارىمۇ خېلىلا كۆپ بولۇپ، ئاساسەن لياۋنىڭدىكى ئەنشەن، خېبېيدىكى چيەنئەن ۋە شۇەنخۇا، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا - تۆۋەن ئېقىنى، سىچۇەندىكى پەنجىخۇا قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. يىل بويى قار - مۇزلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان چىليەنشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە مەملىكەت بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز بولغان بىر تۆمۈر رۇدىسى تېغى − جيۇچۇەن پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ جىڭتيېشەن تۆمۈر كېنى بار. خەينەن ئارىلىدىكى شىلۇ تۆمۈر كېنى قىزىل تۆمۈر رۇدىسىنى ئاساس قىلىدۇ، رۇدىنىڭ تۆمۈر تەركىبى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 52% تىن يۇقىرى بولۇپ، دۆلەت ئىچىدە ئاز ئۇچىرايدىغان تۆمۈر تەركىبى يۇقىرى كان ھېسابلىنىدۇ. ئېلىمىزدە تۆمۈر رۇدىسى بايلىقى گەرچە بىرقەدەر مول بولسىمۇ، بىراق ئۈنۈمسىز كانلار كۆپ. شۇڭا ئېلىمىز چەت ئەللەردىن تۆمۈر تەركىبى يۇقىرى بولغان تۆمۈر رۇدىسىنى ئىمپورت قىلىدۇ.
تۆمۈر رۇدىسىدىن تاۋلاپ ئېلىنغان تۆمۈر سانائەتتە كاربون مىقدارىنىڭ ئاز - كۆپلۈكىگە ئاساسەن چويۇن (كاربون مىقدارى 7%.1 ~ 5%.4)، تۆمۈر (كاربون تەركىبى 1%.0 تىن تۆۋەن) ۋە پولات (كاربون مىقدارى 1%.0 ~ 7%.1) تىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بىز ئىشلىتىۋاتقان ھەر خىل مېتاللار ئىچىدە پولات - تۆمۈر 90% تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. پولات - تۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى بىر دۆلەتنىڭ سانائەت سەۋىيىسى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى ئەمەلىي كۈچىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەمدۇر.