كۆمۈر
مېتال ۋە ئېنېرگىيە
كۆمۈر كۆيدۈرۈشكە بولىدىغان، تەركىبىدە ئورگانىك ماددىلار بولغان تاغ جىنسىدۇر. ئۇنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى ئاساسلىقى كاربون، ھىدروگېن، ئوكسىگېن، ئازوت قاتارلىق بىرقانچە ئېلېمېنتتىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن باشقا يەنە گۈڭگۈرت، فوسفور، ئارسېن، خلور، سىماب، فتور قاتارلىق زىيانلىق تەركىبلەرنى ھەمدە گېرمانىي، گاللىي، ئۇران، ۋانادىي قاتارلىق پايدىلىق ئېلېمېنتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى مۇمكىن.
كۆمۈر قەدىمكى دەۋردىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يەر ئاستىغا چوڭقۇر كۆمۈلۈپ، مۇئەييەن تېمپېراتۇرا ۋە بېسىم شارائىتىدا ئۇزاق دەۋرلەر ۋە مۇرەككەپ خىمىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن. مۇبادا كۆمۈرنى قەغەزدەك نېپىز كېسىپ مىكروسكوپتا كۆزەتسەك ئۆسۈملۈكنىڭ ھۈجەيرە توقۇلمىسىنى كۆرەلەيمىز. كۆمۈركان ئەتراپىدىكى تاشلار ئارىسىدىن دەرەخ شېخى ۋە دەرەخ يوپۇرمىقىنىڭ تاشقاتمىسىنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ. لياۋنىڭ ئۆلكىسى فۇشۇن كۆمۈر كېنىدىكى بىر قىسىم كۆمۈر پارچىلىرى ئارىسىدا قىزغۇچ سېرىق رەڭدىكى كەھرىۋا − ھاشارات ۋە دېۋىرقاينىڭ تاشقاتمىسىنى ئاندا - ساندا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ تاشقاتمىلارغا كۆمۈرنىڭ كەچۈرمىشى ۋە تارىخى خاتىرىلەنگەن.
كۆمۈرنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ. كۆمۈر تەركىبىدىكى كاربون مىقدارىغا ئاساسەن تورف، قوڭۇر كۆمۈر، ئىسلىق كۆمۈر ۋە ئىسسىز كۆمۈردىن ئىبارەت تۆت چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئادەتتە كىشىلەرنىڭ ئىشلىتىدىغىنى ئىسسىز كۆمۈر. قاپقارا ۋە ئادەتتىكى كۆمۈرنى خىمىيىلىك پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق كۆمۈر گازى، كۆمۈر يېغى، خىمىيىلىك ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، بىرىكمە بوياق، سۇلياۋ، ساخارىن، تېببىي دورا ۋە بىرىكمە كاۋچۇك قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ.
دۇنيادا كۆمۈر قاتلىمىنىڭ جايلىشىشى ناھايىتى تەكشىسىز بولۇپ، كۆپ قىسمى مۆتىدىل بەلۋاغ ۋە سوغۇق مۆتىدىل بەلۋاغقا مەركەزلەشكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە شىمالىي يېرىم شاردىكى بىر بەلۋاغ ئەنگلىيىنىڭ پېننىن تاغ ئېتىكىدىن باشلىنىپ شەرققە قاراپ فرانسىيە، گېرمانىيە، پولشا، روسىيىلەرنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئېلىمىزنىڭ شىمالىي جۇڭگو ۋە شەرقىي شىمال رايونىغىچە سوزۇلغان؛ يەنە بىرى، شىمالىي ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. جەنۇبىي يېرىم شاردا كۆمۈرلۈكلەر پەقەت ئاۋسترالىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ مۆتىدىل بەلۋاغ رايونلىرىغا تارقالغان. كۆمۈرنىڭ زاپاس مىقدارى جەھەتتىن ئېيتقاندا، روسىيىدە ئەڭ مول بولۇپ، دۇنيادىكى كۆمۈر زاپاس مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %5 .43 ىنى ئىگىلەيدۇ. كۆمۈر قاتلىمى ئەڭ قېلىن بولغىنى كانادانىڭ غەربىدىكى برىتانىيە كولۇمبىيىسى ئۆلكىسىدىكى گاخات دەرياسى كۆمۈرلۈكى بولۇپ، گېئولوگىيىلىك زاپاس مىقدارى10 مىليارد توننا، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان زاپاس مىقدارى1 مىليارد460 مىليون توننا، كۆمۈر قاتلىمىنىڭ ئومۇمىي قېلىنلىقى300 مېتىرغا يېتىدۇ.
دۆلىتىمىزنىڭ كۆمۈر بايلىقىمۇ ناھايىتى مول بولۇپ، گېئولوگىيىلىك زاپاس مىقدارى تەخمىنەن1 تىرىليون400 مىليارد توننا كېلىدۇ. كۆمۈرلۈكلەر ئاساسلىقى شىمالىي جۇڭگودىكى سەنشى ۋە ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا تارقالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت سەنشى ئۆلكىسىنىڭ زاپاس مىقدارىلا40 مىليارد توننىغا يېتىدۇ. شەرقىي شىمالدىكى فۇشۇن كۆمۈرلۈكىدە كۆمۈر قاتلىمىنىڭ قېلىنلىقى120 مېتىرغا يېتىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گېئولوگلار ئانتاركتىدا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا يەنە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆمۈر كاننى بايقىغان بولۇپ، مۆلچەرلەنگەن زاپاس مىقدارى باشقا يەرلەردىكى كۆمۈر زاپاس مىقدارىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ نەچچە ھەسسە كۆپ ئىكەن.