ۋولفرام رۇدىسى
مېتال ۋە ئېنېرگىيە
ئېلىمىزنىڭ جياڭشىدىكى دايۈي دۇنياغا داڭلىق «ۋولفرام پايتەختى». بۇ جايدا شاھمات ئۇرۇقىدەك تارقالغان400 دىن ئارتۇق ۋولفرام كېنى نۇقتىسى بار. ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن گېرمانىيىلىكلەر تۇنجى بولۇپ بۇ يەردىن ۋولفرام كېنىنى تاپقان، ئۇلار ئەينى چاغدا500 يۈەن پۇل خەجلەپلا كان ھوقۇقىنى مەخپىي سېتىۋالغان. ۋەتەنپەرۋەر خەلق ئاممىسى بۇنى بىلگەندىن كېيىن، بەس - بەستە قوزغىلىپ كاننى قوغدىغان. كۆپ تەرەپلىمە كېلىشىش ئارقىلىق ئاخىر1908 - يىلى1000 يۈەنگە كان ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالغان ھەمدە مەبلەغ توپلاپ كاننى ئاچقان. مانا بۇ جەنۇبىي جياڭشىدا ۋولفرام كېنىنىڭ ئەڭ دەسلەپتىكى ئېچىلىشىدۇر.
ۋولفرامنىڭ يەر پوستىدىكى مىقدارى %001 .0. ھازىرغىچە بايقالغان ۋولفرام تەركىبلىك مىنېراللار20 خىلدىن ئاشىدۇ. ۋولفرام كېنى ئادەتتە گرانىت ماددىلىق ماگما ھەرىكىتىدە ھاسىل بولىدۇ. دۇنيادىكى ۋولفرامنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارىدا قارا ۋولفرام رۇدىسى %65 نى، ئاق ۋولفرام رۇدىسى %35 نى ئىگىلەيدۇ. قارا ۋولفرام رۇدىسىنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى تۆمۈر مانگان تۇنگستات. ئۇ كرىستال تاختىسىمان ياكى تاختىسىمان بولىدۇ، رەڭگى قوڭۇر قارا ياكى قارا رەڭدە، يېرىم مېتال پارقىراقلىقىدا ياكى دېۋىرقايسىمان پارقىراق بولىدۇ. قاتتىقلىقى بەكىچىلىك بولىدۇ؛ ئوخشاش ھەجىمدىكى سۇدىن5 .7 ھەسسە ئېغىر بولغاچقا، قەدىمكى زاماندا كىشىلەر ئۇنى »ئېغىر تاش« دەپ ئاتىغان. ئۇ ھەمىشە ئاق رەڭلىك كۋارتس بىلەن بىرگە گرانىت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تاغ جىنس يېرىقلىرىغا قان تومۇرغا ئوخشاش يېيىلغان بولىدۇ. ئاق ۋولفرام رۇدىسى كالتسىي تۇنگستات دەپمۇ ئاتىلىدۇ، رەڭگى كۆكۈچ، مايدەك پارقىرايدۇ، پىچاق ئۆتىدۇ، كۋارتسقا ئازراق ئوخشايدۇ. بىراق ئاق ۋولفرام رۇدىسى كۋارتستىن يۇمشاق ھەم ئىككى ھەسسىدىن ئارتۇق ئېغىر، ئوخشاش ھەجىمدىكى سۇدىن ئالتە ھەسسە ئېغىر بولىدۇ. ئاق ۋولفرام رۇدىسىنى فلۇئورېنسسېنسىيىلىك چىراغ بىلەن يورۇتقاندا چىرايلىق سۇس كۆك رەڭدە يالتىراق نۇر چىقىرىدۇ. بۇ ئاق ۋولفرام رۇدىسىنى ئاددىي تەكشۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر.
تاۋلىغاندىن كېيىنكى ۋولفرام كۈمۈش رەڭ مېتال بولۇپ، ئېرىش نۇقتىسى ℃3410 قا يېتىدۇ. بۇنداق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا كۆپلىگەن مېتاللار پارلىنىپ كېتىدۇ. بۇرۇن ئېلىمىزدە ۋولفرامنى تاۋلايدىغان ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكا كەمچىل بولغانلىقتىن، ساپ ۋولفرام رۇدىلىرىنىلا ئىشلەپچىقىرىپ، چەت ئەللەرگە ئەرزان باھادا سېتىپ، كاپىتالىستىك دۆلەتلەردىن چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ۋولفرام مەھسۇلاتلىرىنى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىپ قوش ئېكسپىلاتاتسىيىگە ئۇچرايتتى. چەت ئەللەردە1906 - يىلى ۋولفرام سىمىدىن لامپۇچكا ئىچىدىكى يورۇقلۇق چىقىرىدىغان قىلنى ياساش ئۈستىدىكى تەتقىقات مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.1929 - يىلى ئا ق ش ۋولفرامدىن چوغلىنىدىغان لامپۇچكا قىلى ياساشتىن ئىبارەت بىر تۈردىلا400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تېجەپ قالغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقتى. دۇنيادىكى ۋولفرامنىڭ %80 ى ئەلا سۈپەتلىك پولات تاۋلاشقا ئىشلىتىلىدۇ؛% 15 ىدە قاتتىق پولات ئىشلەپچىقىرىلىپ، قورال - ياراغ، راكېتا ئىتتىرگۈچنىڭ پۈركۈش ئېغىزى، كېسىش مېتالى قاتارلىقلارنى ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ ۋولفرام رۇدىسى زاپاس مىقدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. زاپاس مىقدارى30 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ئومۇمىي زاپاس مىقدارى (1 مىليون300 مىڭ توننا) نىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن كۆپ. بۇنىڭدىن باشقا ۋولفرام چىقىدىغان ئاساسلىق دۆلەتلەردىن كانادا بىلەن ئا ق ش بار.
ئېلىمىزنىڭ خۇنەن ئۆلكىسى چېنشيەن ناھىيىسىدىكى شىجۇيۈەن «دۇنيانىڭ رەڭلىك مېتال مۇزېيى» بولۇپ،140 خىلدىن ئارتۇق مىنېرال بار. بۇنىڭ ئىچىدە ۋولفرام رۇدىسىنىڭ زاپاس مىقدارى نۆۋەتتىكى دۇنيا ئومۇمىي زاپاس مىقدارىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.