چىرىمتال
مېتال ۋە ئېنېرگىيە
ئېلىمىزدە2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىلا چىرىمتال قېزىلغان. ھازىر ئېلىمىزدىكى چىرىمتال كانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئېگىزلىك، تاغلىق رايونلارغا جايلاشقان.
چىرىمتال ئەمەلىيەتتە كالىي، ئاليۇمىن، ماگنىي، تۆمۈر، لىتىي قاتارلىقلارنىڭ قاتسىمان تۈزۈلۈشتىكى ئاليۇمىنو سىلىكات مىنېرالى بولۇپ، ئۇنىڭ بىر چوڭ ئائىلىسى بار. ئائىلە ئەزالىرىدىن ئاق چىرىمتال، قارا چىرىمتال، فلوگوپىت، لىتىيلىق چىرىمتال، زىنۋالدىت، توربېرنىت قاتارلىقلار بار. چىرىمتال ماگماتىت، چۆكمە جىنس ۋە مېتامورفىلىق جىنسلارغا كەڭ تارقالغان.
چىرىمتال ئەينەكتەك پارقىرىغاچقا، بەزى جايلاردا ئۇنى »ئەينەك قەغەز« دەپمۇ ئاتايدۇ. چىرىمتالنىڭ تۈزۈلۈشى ئىنتايىن غەلىتە، بەزىلىرىنىڭ قېنى كىتاب ۋارىقىدەك بولىدۇ، ئۇلارنى بەكە ياكى تىرناق بىلەن بىر قات - بىر قاتتىن سويۇپ ئېلاستىكلىققا ئىگە نېپىز ياپراقلارغا ئايرىغىلى بولىدۇ. چىرىمتال كۈچلۈك ئوتتىمۇ كۆيمەيدۇ، يەر ئاستىغا ئۇزاق ۋاقىت كۆمۈپ قويسىمۇ چىرىمەيدۇ. چىرىمتال ياپراقچىسىنىڭ چوڭلىرى ئىككى مېتىر ئەتراپىدا، چاسا شەكىلدە بولۇپ، قەدىمدە كىشىلەر ئۇنىڭدىن پەردە ياسايتتى، كىچىكرەكلىرىدىن دېرىزە ۋە پانۇس چىراغنىڭ شامال توسىدىغان سۈزۈك ياپراقچىسىنى ياسايتتى. ئاق چىرىمتال جۇڭگو تېبابەتچىلىكىدە دورا قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، تولغاقنى توختىتىش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، سوغۇقنى ھەيدەش، بەش ئەزانى قۇۋۋەتلەش، مۇسكۇلنى كۈچلەندۈرۈش قاتارلىق رولى بار.19
- ئەسىرگە كەلگەندە چىرىمتال بىر خىل ئىزولياتسىيىلىك ماتېرىيال قىلىنىپ، ئېلېكترون، ئېلېكتر سانائىتىدە كارامىتىنى كۆرسەتتى. چوڭ تىپتىكى ئېلېكتر ماشىنىلىرىدىن تارتىپ رادىئونىڭ ئىچىدىكى كىچىك كوندېنساتورغىچە ھەممىسىدىلا ئىشلىتىلدى. توك دەزمال، توك دوخۇپكىسى، توك قۇرۇتۇش ئەسۋابى، توك قازىنى، توك ئىستاكان قاتارلىقلاردا چىرىمتالدىن ئىشلەنگەن بويۇملار ئىزولياتور ۋە تىرەك قىلىنىدۇ. چىرىمتال تالقىنى كەپشەر چوكىسى، قاراماي قەغەز، ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىسى، سىر، چىرىمتال ساپال قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.
دۇنيادىكى تەخمىنەن25 دۆلەت چىرىمتال ئىشلەپچىقىرىدۇ. ھىندىستان ئەلا سۈپەتلىك ئاق چىرىمتالنى ئەڭ كۆپ ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت، ئۇنىڭدىن قالسا برازىلىيە ۋە مارگاش. چىرىمتال تالقىنىنى ئەڭ كۆپ ئىشلەپچىرىدىغان دۆلەت ئا ق ش. سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئەلا سۈپەتلىك ئاق چىرىمتال گرانىتلىق پىگماتىتتىن چىقىدۇ. ئېلىمىزدىكى شىنجاڭنىڭ ئالتاي تېغى دۇنيا بويىچە ئاق چىرىمتال چىقىدىغان داڭلىق ئورۇنلارنىڭ بىرى. چىرىمتال سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى دەنبادىنلا چىقىپ قالماستىن، «جىنچۇەن» دىمۇ قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ، يەنى «چىرىمتال تېشى ناھايىتى كۆپ، يىمىرىلگەن چىرىمتال پارچىلىرىنى ھەممە جايدا كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇلار قۇياش نۇرىدا چاقناپ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. بۇ جايدىن ئۆتسىڭىز شامالدا چىرىمتال توزانلىرى يۈزىڭىزگە يېپىشىپ، قاش - كىرپىكىڭىزگە ئالتۇن رەڭ تۈس بېرىدۇ»، ئۆزىڭىزنى خۇددى رىۋايەتتىكى دۇنياغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز. بۇ جايدىن چىرىمتالمۇ، ئالتۇنمۇ چىقىدۇ.
سۈزۈك، قىزدۇرۇشقا چىداملىق، يوغان چىرىمتال ياپراقچىسى دومنا پېچنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك دېرىزىسى بولالايدۇ. چىرىمتال قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سانائىتىدە «چىپار نېلۇپەر»، «ئەرش مۇزى» ۋە «مىڭقات قەغەز» دەپ ئاتىلىدۇ.