يەر ئاستى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى
مېتال ۋە ئېنېرگىيە
يەر شارى غايەت زور ئىسسىق سۇ ئامبىرى، يەر قاتلىمىدا ناھايىتى مول ئىسسىق سۇ بايلىقى ساقلانماقتا. ئالىملارنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، پۈتكۈل يەر پوستىدىكى يەر ئاستى ئىسسىق سۈيىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن100 مىليون كۇب كىلومېتىر بولۇپ، يەر شارىدىكى بارلىق دېڭىز سۈيى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن10 /1 ىچىلىك كېلىدۇ. يەر شارىدىكى ھەرقانداق بىر جايدا يېتەرلىك چوڭقۇرلۇقتا قۇدۇق قازسىلا ئوخشاش بولمىغان تېمپېراتۇرىدىكى ئىسسىق سۇغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. يەر ئاستىدىكى ئىسسىق سۇ يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.
يەر ئاستىدىكى ئىسسىق سۇ يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى چوڭقۇر جايلاردىن ئېقىپ چىقماستىن، بەلكى ھۆل - يېغىننىڭ يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئېقىپ كىرىپ ئىسسىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن. يامغۇر يەر يۈزىگە چۈشكەندىن كېيىن تاغ جىنسلىرى ياكى تۇپراقتىكى كاۋاكچىلار ۋە يېرىقلارنى بويلاپ چوڭقۇر يەر ئاستىغا سىڭىدۇ. يامغۇر سۈيى تۆۋەنگە سىڭىش جەريانىدا ئەتراپتىكى تاغ جىنسلىرىدىن ئىسسىقلىقنى سۈمۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تېمپېراتۇرىسى تەدرىجىي ئۆرلەپ، يەر ئاستى ئىسسىق سۈيىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەگەر30 نەچچە كىلومېتىردىن چوڭقۇر جايغا سىڭىپ كىرسە، تېمپېراتۇرىسى ℃1000 ~℃1300 قا يېتىدۇ. ئەگەر چوڭقۇر يەر قاتلىمىدا سۇ ساقلاش خۇسۇسىيىتى بىرقەدەر ياخشى بولغان چوڭ كاۋاك بولسا، يەر ئاستى ئىسسىق سۈيى بۇ جايغا كۆپ مىقداردا يىغىلىپ، ئېچىش قىممىتى بولغان يەر ئاستى ئىسسىق سۇلۇق قاتلىمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. يەر پوستى ھەرىكىتى بىرقەدەر كۈچلۈك، تاغ جىنس قاتلاملىرىدا چوڭقۇر ئۈزۈلۈش يۈز بەرگەن بەزى رايونلاردىكى تاغ جىنس قاتلاملىرىدا يەر پوستىنىڭ ئىچكى قىسمىغىچە سوزۇلغان نۇرغۇن يېرىقلار بولىدۇ. بۇ يېرىقلار تەبىئىي سۇ يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىغا ئوخشاش، ھۆل - يېغىننىڭ ئېقىشى ئۈچۈن راۋان يول ھازىرلايدۇ، يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۈچلۈك بېسىم كۈچىنىڭ تەسىرىدە ئىسسىق سۇ گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ يېرىقلارنى بويلاپ چوڭقۇر جايلاردىن يەر يۈزىگە يېقىن جايلارغا ئۆرلەپ چىقىدۇ - دە، تېيىزرەك قاتلامدىكى يەر ئاستى ئىسسىق سۈيىنى شەكىللەندۈرىدۇ، بەزىلىرى ھەتتا بىۋاسىتە يەر يۈزىگە ئېقىپ چىقىپ، ئارىشاڭنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئىسلاندىيە يانار تاغ ۋە ئارىشاڭ كۆپ دۆلەت، بۇ جاينىڭ مۇھىتى گۈزەل، ئىس - تۈتەك ناھايىتى ئاز،30 نەچچە جايدا ئىسسىق ھور چىقىپ تۇرىدىغان قەرەللىك بۇلاق بار، پايتەختى «رېيكياۋىك» نىڭ نامى شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان، بۇ سۆز «تۇمانلىق شەھەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئا ق ش دىكى ئالياسكا يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدا تېمپېراتۇرىسى ℃645 قا يېتىدىغان بىر قايناق ئارىشاڭ بار بولۇپ، دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئېلىمىزنىڭ تەيۋەن ئۆلكىسىدىكى پىڭدۇڭ رايونىدىكى ئارىشاڭمۇ ناھايىتى داڭلىق بولۇپ، تېمپېراتۇرىسى ℃140 قا يېتىدۇ.
ئىتالىيە دۇنيا بويىچە يەر ئىسسىقلىقىدىن پايدىلىنىپ توك تارقاتقان تۇنجى دۆلەت.1904 - يىلى500 كىلوۋاتلىق يەر ئىسسىقلىقى ئېلېكتر ئىستانسىسىنى قۇرغان. نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ يەر ئىسسىقلىقى ئېلېكتر ئىستانسىسى ئا ق ش دا بولۇپ، گېنېراتورلارنىڭ سىغىمچانلىقى500 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىدۇ. ئېلىمىزدە يەر ئىسسىقلىقى بايلىقى ناھايىتى مول، داڭلىق يەر ئاستى ئارىشاڭلىرىلا2000 دىن ئاشىدۇ، گەرچە يەر ئىسسىقلىقى ئېلېكتر ئىستانسىلىرى كەينى - كەينىدىن قۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ناھايىتى تۆۋەن، بۇلار بىزنىڭ داۋاملىق ئېچىشىمىزنى كۈتمەكتە.