UyghurWiki
UyghurWikiمېتال ۋە ئېنىرگىيەكۈمۈش رۇدىسى

كۈمۈش رۇدىسى

مېتال ۋە ئېنېرگىيە ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىدە كۈمۈش بىلەن ئالتۇن بىر گۇرۇپپىدا بولۇپ، ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرىغا دائىم مۇئەييەن مىقداردا كۈمۈش قوشۇلىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدا كۈمۈش بىلەن ئالتۇن ھەمىشە «ھەمشىرە رۇدا» شەكلىدە چىقىدۇ. ئالتۇن مىنېرالىدىكى كۈمۈشنىڭ مىقدارى % 10 ~%15 بولسا كۈمۈشلۈك ئالتۇن رۇدىسى دېيىلىدۇ؛ كۈمۈش مىقدارى ئالتۇن مىقدارىدىن ئېشىپ كەتسە ئالتۇنلۇق كۈمۈش رۇدىسى دېيىلىدۇ. نۇرغۇن ئالتۇن كانلىرىدىن ئالتۇنمۇ، كۈمۈشمۇ چىقىدۇ. دۇنيادىكى كۈمۈشنىڭ كۆپ قىسمى مىس، قوغۇشۇن، تۆمۈر، نىكېلنىڭ سۇلفىدلىق كانلىرىدىن چىقىدۇ. جياڭشىنىڭ دېشىڭ ناھىيىسىدىكى كۈمۈش تېغى (يىنشەن) ئېلىمىزنىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چوڭ تىپتىكى بىردىنبىر كۈمۈش كېنىدۇر. يېقىنقى يىللاردا گۇيشى ناھىيىسىنىڭ لېڭشۇيكېڭ دېگەن جايىدىن ئالاھىدە چوڭ كۈمۈش كېنى تېپىلدى. بۇ ئىككى كاندىكى كۈمۈشنىڭ ھەممىسى گالېنىتنىڭ ئىچىدە، شۇڭا قەدىمكى كىشىلەر گالېنىتنى «كۈمۈشنىڭ ئانىسى» دەپ ئاتىغان. كۈمۈش مىنېرالىنىڭ تۈرى10 خىلدىن ئاشىدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن قارامتۇل كۈل رەڭ ئارگېنتىت (كۈمۈش سۇلفىد) ۋە چاچسىمان تەبىئىي كۈمۈش بار. قەدىمكى كىشىلەر تەبىئىي كۈمۈشنى «خام كۈمۈش» دەپ ئاتايدۇ، ئۇ كۈمۈش ئورىكىدىكى تاش ئارىسىدا خۇددى «ساقال» غىلا ئوخشايدۇ. كۈمۈش پارقىراق مېتال بولۇپ، ئاق رەڭلىك ئىز سىزىقلىرى بولىدۇ، ئۆزى بىلەن ئوخشاش ھەجىمدىكى سۇدىن10 ھەسسە ئېغىر بولىدۇ. قەدىمكى مېتامورفىلىق جىنسلاردا كۈمۈش رۇدىسى بولىدۇ. ئوتتۇرا ھايات ئېراسى ۋە يېڭى ھايات ئېراسى (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى60 مىليون يىلدىن ھازىرغىچە) دىكى يانار تاغ جىنسلىق رايونلاردا كۈمۈش رۇدىسى كۆپ بولىدۇ. كۈمۈش ئىسسىقلىق ۋە توك ئۆتكۈزىدىغان ياخشى ماتېرىيال بولۇپ، كۆپىنچە ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلار ۋە توك چىقىرىش ئەسۋابلىرىنىڭ زاپچاسلىرىنى ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ. موڭغۇل چارۋىچىلار دائىم كۈمۈش قاچىدا قىمىز ئىچىدۇ، كۈمۈش قاچىنى ئۇزاق ۋاقىت ئىشلەتسىمۇ سۈپىتى ئۆزگەرمەيدۇ. كۈمۈشنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئۈچ گرام كۈمۈش تالقىنى50 توننا سۇدىكى مىكروبنى ئۆلتۈرەلەيدۇ. ئادەم ۋە ھايۋانلار ئىچىۋالسىمۇ ھېچقانداق زىيىنى بولمايدۇ. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، قەدىمكى زاماندىكى ئاق سۆڭەكلەر تاماقنى كۈمۈش چوكا بىلەن يەيدىكەن، ئۇلار كۈمۈش زەھەرگە يولۇققاندا قارىداپ كېتىدۇ دەپ قارىغاچقا، بۇ ئارقىلىق تاماقتا زەھەر بار - يوقلۇقىنى تەكشۈرىدىكەن. ئەمەلىيەتتە ئېلىمىزنىڭ نۇرغۇن ئەنئەنىۋى يېمەكلىكلىرى، مەسىلەن، ھاك بىلەن پىشۇرۇلغان تۇخۇم، سېسىق دۇفۇ تەركىبىدە ئاز مىقداردا ھىدروسۇلفىد گازى بولغاچقا، كۈمۈش چوكىنى قارىدىتىدىغان بولسىمۇ، ئەمما زەھەرلىك ئەمەس. ئىلمىي تەجرىبىلەردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئادەتتە كىشىلەرگە نىسبەتەن تۇنۇشلۇق بولغان ئىنتايىن زەھەرلىك ماددىلار، مەسىلەن، سەنكىيا، سىيانىد، دېھقانچىلىق دورىسى، يىلان زەھىرى قاتارلىقلار كۈمۈش بىلەن بىۋاسىتە خىمىيىلىك رېئاكسىيە پەيدا قىلمايدىكەن، شۇڭا كۈمۈشـنىڭ زەھەرنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى يوق دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما قەدىمكى زاماندا سەنكىيا كۈمۈش ئەسۋابلارنى قارىدىـتىپ قوياتتى، بۇنداق بولۇشى قەدىمكى كىشىلەرنىڭ سەنكىيا (مىشياك ترىئوكسىد) نى ئايرىش تېخنىكىسى تۆۋەن بولۇپ، ئايرىۋېلىنغان سـەنكىيا ساپ ئەمەس، تەركىبىدە گۈڭگۈرت بار ئىدى، ھالبۇكى، كۈمۈش گۈڭگۈرت ياكى ھىدروسۇلفىد بىلەن ئۇچراشقاندا قارا رەڭلىك كۈمۈش سۇلفىدنى ھاسىل قىلىدۇ. دۇنيا بويىچە ھەر يىلى سۈرەت تارتىشتا ئىشلىتىدىغان يورۇقلۇققا سەزگۈر ماتېرىياللار (كىنو پىليونكىسى، سۈرەت قەغىزى) غا كېتىدىغان كۈمۈش كۈمۈش ئومۇمىي سەرپىيات مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %58 ىنى ئىگىلەيدۇ، بىر سەر كۈمۈشتە ئىشلەنگەن سۈرەت تارتىش لېنتىسىدا2000 پارچە سۈرەت تارتقىلى بولىدۇ. دۇنيادىكى كۈمۈش چىقىدىغان ئاساسلىق دۆلەتلەردىن مېكسىكا، پېرۇ، ئا ق ش، كانادا، جۇڭگو قاتارلىقلار بار، ئۇلارنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى1000 توننىدىن ئاشىدۇ. مېكسىكىنىڭ كۈمۈش مەھسۇلات مىقدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.1894 - يىلىدىكى جياۋۇ دېڭىز ئۇرۇشىدىن كېيىن، چىرىكلەشكەن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا200 مىليون سەر كۈمۈش تۆلەم تۆلىگەن. بۇنى سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا،6250 توننا بولۇپ، ئالتە چوڭ كۈمۈش كېنىنىڭ ئومۇمىي زاپاس مىقدارىغا تەڭ كېلىدۇ، ئۇنىڭغا ئېلىمىز ئەمگەكچى خەلقىنىڭ قان - تەرى سىڭگەن.
← بارلىق تېمىلار مېتال ۋە ئېنىرگىيە
كۈمۈش رۇدىسى | UyghurWiki | UyghurWiki