تاشپاختا
مېتال ۋە ئېنېرگىيە
تاشتا رەخت توقۇغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تاشپاختا رەخت تاشپاختىدىن ئىبارەت بۇ خىل تاشتىن توقۇلغان. ئۇ ئوتتىن، كىسلاتا - ئىشقارنىڭ چىرىتىشىدىن قورقمايدۇ، ئاۋاز ۋە توك ئۆتكۈزمەيدۇ.
رىۋايەت قىلىنىشىچە، شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى شۇندىنىڭ خانىشى لياڭ خانىشنىڭ ئاكىسى ئۇلۇغ سانغۇن لياڭ جى بىر «ئەۋلىيا تونى» غا ئېرىشىدۇ. بىر قېتىم ئۇ مېھمان كۈتۈۋېتىپ شىرەدىكى ھاراق قەدەھلىرى، چىنە - تەخسىلەرنى قەستەن ئۆرۈۋېتىپ، «ئەۋلىيا تونى» نى بۇلغىۋېتىدۇ. مېھمانلار بۇ ئەتىۋارلىق كىيىمدىكى ماي داغلىرىغا قاراپ ئېچىنىۋاتقاندا، لياڭ جى مالىيىغا بىر داس يالقۇنجاۋاتقان چوغنى ئەكەلدۈرۈپ، كىيىمنى ئوت بىلەن يۇيىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان مېھمانلارنىڭ ئاغزى ئېچىلىپلا قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كۈچلۈك ئوتتا «ئەۋلىيا تونى» يۇيۇلۇپ پاك - پاكىز بولۇپ كېتىدۇ. مانا بۇ ئېلىمىز تارىخىدا بىر مەھەل زىلزىلە قوزغىغان دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان گۆھەر − كۆيمەس رەخت. ئەمەلىيەتتە بۇ «ئەۋلىيا تونى» بولماستىن، تاشپاختا بىلەن توقۇلغان كىيىم ئىدى.
تاشپاختا ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەسلىك، ئىسسىقلىق ساقلاش، كىسلاتاغا چىداملىق بولۇش، توك ئۆتكۈزمەسلىك، چىرىتىشتىن ساقلاش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. ھازىر تاشپاختىدىن ياسالغان مەھسۇلاتلار3000 خىلغا يېقىن بولۇپ، ئاپتوموبىل، تراكتور ياساش، خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتر سايمانلىرىنى ياساش قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. ئايروپىلان، تانكا ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىدىكى ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەس قۇرۇلمىلار ھەم ئاۋاز ئۆتكۈزمەس ماتېرىياللار خرىزولىتتىن ياسىلىدۇ.
تاشپاختا − ئېلاستىكلىققا ئىگە، تالاسىمان سىلىكات تۇزلىرىغا پارچىلىنالايدىغان مىنېراللارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. تاشپاختا جەمەتى ئىككى ئائىلىگە ئايرىلىدۇ. بىرى بويتاق بولۇپ، سېرپېنتىن تاشپاختىسى دەپ ئاتىلىدۇ، خرىزولىت دەپمۇ ئاتىلىدۇ؛ يەنە بىرى گورنېلېند تاشپاختىسى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ بەش ئەزاسى بار. ئۇلار كۆك تاشپاختا، ترېمولىت تاشپاختىسى، ئاكتىنولىت تاشپاختىسى، تۆمۈر تاشپاختا ۋە ئانتوفىللىت تاشپاختىسىدىن ئىبارەت. بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆك تاشپاختىنىڭ خىمىيىلىك زەھەرلىك ماددىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە رادىئوئاكتىپ زەررىچىلەردىن بۇلغانغان ھاۋانى تازىلاش ئىقتىدارى ئالاھىدە بولۇپ، ئاتوم يادرو رېئاكتورىنىڭ سۈزگۈچى قىلىنىدۇ. ئېلىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىكى ئالاھىدە چوڭ كۆك تاشپاختا كېنى دۇنيادىكى كۆك تاشپاختا مەھسۇلات مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان بولىۋىيە بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدۇ.
ئېلىمىزدىكى چىڭخەي، شىنجاڭ، گەنسۇ، شەنشى، خۇبېي، لياۋنىڭ، تەيۋەن قاتارلىق ئۆلكە - ئاپتونوم رايونلاردىن تاشپاختا چىقىدۇ. سىچۇەننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دادۇخې دەرياسىنىڭ بويىدىكى بىر ناھىيىگە «شىميەن (تاشپاختا)» دېگەن نام بېرىلگەن. بۇ جايدىن تالاسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى240 سانتىمېتىر كېلىدىغان تاشپاختا مىنېرالى قېزىۋېلىنغان بولۇپ، دۇنيا «تاشپاختا شاھى» دەپ نام ئالغان.
تاشپاختا ياخشى ماتېرىيال بولغان بىلەن چاڭ - توزۇندىلىرى ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق، شۇڭا، ئا ق ش70 - يىللاردىلا تاشپاختا پىششىقلاپ ئىشلەشنى مەنئى قىلىش قانۇنىنى تۈزۈپ چىققان.