UyghurWiki
UyghurWikiمېتال ۋە ئېنىرگىيەپىروفىللىت

پىروفىللىت

مېتال ۋە ئېنېرگىيە تامغا ئويۇش جۇڭگونىڭ قەدىمىي ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئىتى بولۇپ، «قەدىمدىن تارتىپ تامغا ئويۇشتا ئوفىكالتسىت بىلەن چىڭتيەن تېشى ئەڭ ياخشى» دەپ تەرىپلەنگەن. «ئوفىكالتسىت» ئوخشاش بولمىغان رەڭلەردىكى سۈت ياكى مېۋە ئۇيۇتمىسىغا ئوخشىشىدىغان پىروفىللىتتىن ئىبارەت. پىروفىللىت تەركىبىدە سۇ بولغان بىر خىل ئاليۇمىنوسىلىكاتلىق مىنېرال. سۇس سېرىق، سۇس يېشىل، بىنەپشە قوڭۇر قاتارلىق كۆپ خىل رەڭدە بولىدۇ، مومسىمان پارقىرايدۇ، ئەۋرىشىملىككە ئىگە، ئەمما يېرىلمايدۇ، سىلىق، قەلەمتىراچ بىلەن ئاسان ئويغىلى بولىدۇ. ئۇ ئويمىچىلىقتىكى ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەت تاش ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. ئېلىمىزدە پىروفىللىت چىقىدىغان جايلار ناھايىتى كۆپ، ئاساسلىقى جېجياڭ ۋە فۇجيەن ئۆلكىلىرىدىكى ئوتتۇرا ھايات ئېراسىغا تەۋە بولغان يانار تاغ جىنسلىق رايونغا تارقالغان. ساپ ۋە كۆركەم پىروفىللىتتىن مۆھۈر تاش ياسىلىدۇ. ئۇلار يەنە چىقىدىغان جاينىڭ نامى بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ، جېجياڭدىكى چىڭتيەن تېشى بىلەن فۇجيەندىكى شۇشەن تېشى بۇرۇنلا جاھانغا مەشھۇر ئىدى. ئىچكى موڭغۇلدىكى بايرىن تېشى كېيىنچە نام چىقارغان. مۆھۈر تاشلار ئىچىدىكى «قىزىل، سېرىق، كۆك» تىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭدىكىسى ئالاھىدە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئەتىۋارلىق بايلىقى ھېسابلىنىدۇ، دائىم چەت ئەل ھۆكۈمەت باشلىقلىرىغا سوۋغات قىلىنىدۇ. قىزىل رەڭدىكىسى جېجياڭدىكى لىنئەن ناھىيىسى چاڭخۇادىكى يۈييەنشەن تېغىدىن چىقىدىغان گېلىئوتروپ (جىشۆشى) تىن ئىبارەت. ئۇ يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمىدىن چىققان سىماب سۇلفىدلىق رۇدا سۇيۇقلۇقىنىڭ پىروفىللىت يوچۇقىنى تولدۇرۇشى ھەمدە سوۋۇپ قېتىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن، قارىماققا ئۇ توخۇدىن چاچرىغان قان داغلىرىغا ناھايىتى ئوخشايدۇ، شۇڭا جىشۆشى (توخۇ قېنى تېشى) دەپ ئاتالغان. ئۇ چىڭ سۇلالىسىدىكى خان ئوردىسى ۋە خان ھەرىمىدە ساقلىنىدىغان قىممەتلىك بۇيۇمدۇر. «سېرىق» رەڭدىكىسى سېرىق تاش بولۇپ، فۇجۇ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى شۇشەن يېزىسىدىن چىقىدۇ. ئۇ سەل سۈزۈك، ئىچكى قىسمىدا تۇرۇپ قەلەمچىسىگە ئوخشايدىغان ئىزلار بولىدۇ. ئاپېلسىن رەڭلىكى، ئوسمانتۇس گۈلى رەڭلىكى ۋە ئالتۇن رەڭلىكى ئەڭ ئېسىللىرى ھېسابلىنىدۇ. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە «بىر سەر سېرىق تاش ئۈچ سەر ئالتۇنغا تەڭ» دەيدىغان گەپلەر بار ئىدى. كېيىن ئىلغار ئەسۋابلار ئارقىلىق سېرىق تاشنىڭ پىروفىللىت بولماستىن، مەرۋايىت تاش ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. چىڭتيەن تېشى ئىچىدىكى ئەتىۋارلىقى «فېڭمېنچىڭ»؛ ئۇ يېرىم سۈزۈك ھالەتتە بولۇپ، يۇمشاق ۋە سىلىق، قاشتېشىدەك پارقىراق، ياپيېشىل بولىدۇ. چىراغقا ئوخشاش نۇر چىقارغاچقا، «نۇر چاچىدىغان تاش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ مىقدارى بەك ئاز بولغاچقا، قاش تېشىدىنمۇ قىممەتلىك.
← بارلىق تېمىلار مېتال ۋە ئېنىرگىيە
پىروفىللىت | UyghurWiki | UyghurWiki