UyghurWiki
UyghurWikiمېتال ۋە ئېنىرگىيەزېئولىت

زېئولىت

مېتال ۋە ئېنېرگىيە 1756 - يىلى شۋېتسىيىلىك مىنېرالوگىست ئىسلاندىيىدە بىر خىل غەلىتە تاشنى بايقىغان. بۇ خىل تاشنى سۇغا سېلىپ ℃200 قىچە قىزدۇرغاندا سۇغا ئوخشاش بۇلدۇقلاپ قايناپ كەتكەنلىكتىن، ئۇنى زېئولىت (قايناق تاش) دەپ ئاتىغان. زېئولىت ئاليۇمىنوسىلىكاتتىن تەشكىل تاپقان ھەر خىل كاتەكچە جازىسىمان مىنېراللارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. ئۇ ناھايىتى چوڭ جەمەت بولۇپ، دۇنيادا ھازىرغىچە بايقالغان تەبىئىي زېئولىتتىن40 خىلى بار، سۈنئىي ئۇسۇلدا بىرىكتۈرۈلگىنىدىن150 خىلى بار. زېئولىتنىڭ رەڭگى ئادەتتە سۇس كۈل رەڭ، بەزىلىرىنىڭ گۆش رەڭ بولىدۇ. قولغا ئالغاندا ئادەتتىكى تاشلاردىن يېنىكلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، بۇ زېئولىتنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ ناھايىتى كىچىك تۆشۈكچىلەر ۋە كاناللار بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىدىن بولۇپ، ئىچكى تۈزۈلۈشى ھەرە كۆنىكىدىنمۇ مۇرەككەپ. مۇبادا زېئولىتنى بىر مېھمانساراي دەپ پەرەز قىلساق، ئۇنداقتا بىر كۇب مىكرومېتىر كېلىدىغان بۇنداق «دەرىجىدىن تاشقىرى مېھمانساراي» نىڭ ئىچىدە بىر مىليون ئېغىز »«ياتاق» بولىدۇ. بۇ ياتاقلارنىڭ ئىشىكى «مېھمانلار» (مولېكۇلا ۋە ئىئون) نىڭ جىنسى، ئېگىز - پاكارلىقى، سىمىز - ئورۇقلۇقى، قىزىقىشىغا ئاساسەن ئاپتوماتىك ئېچىلىپ يېپىلىدۇ. ھەرگىزمۇ «سېمىز» نى «ئورۇق» تۇرىدىغان ئۆيگە باشلىمايدۇ ھەمدە ئېگىز بىلەن پاكارنى بىر خانىغا ئورۇنلاشتۇرمايدۇ. كىشىلەر زېئولىتنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ مولېكۇلىلارنى تاسقاپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. بۇنىڭ سانائەتتىكى كېرەكسىز سۇيۇقلۇقلاردىن مىس، قوغۇشۇن، سىنك، كادمىي، نىكېل، مولىبدېن قاتارلىق مېتاللارنىڭ زەررىچىلىرىنى يىغىۋېلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيىتى بار. زېئولىت ئادسورپسىيىلەش، ئىئون ئالماشتۇرۇش، كاتالىزلاش، كىسلاتا ۋە ئىسسىققا چىداملىق بولۇشتەك خۇسۇسىيەتكە ئىگە، شۇڭا كەڭ دائىرىدە ئادسورپسىيىلىگۈچى ئاگېنت، ئىئون ئالماشتۇرغۇچى رېئاكتىپ ۋە كاتالىزاتور قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنى يەنە گازنى قۇرغاقلاشتۇرۇش، تازىلاش ۋە پاسكىنا سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. زېئولىت «ئوزۇقلۇق» قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، يەم - خەشەككە %5 زېئولىت پاراشوكىنى قوشۇۋەتكەندە قۇش، چارۋىلارنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلەتكىلى، ساغلام، گۆشلۈك قىلغىلى، تۇخۇم تۇغۇشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى، كىشىلەر زېئولىتنى بىر خىل ئالاھىدە تاش دەپ قاراپ، باشقىلارنىڭ ئېكسكۇرسىيە قىلىشى ئۈچۈن مۇزېيغا تىزىپ قويغانىدى.20 - ئەسىرنىڭ60 - يىللىرىغا كەلگەندىلا، ئۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى ھەمدە كان مەھسۇلاتى قاتارىدا قېزىلدى. ئەينى ۋاقىتتا دۆلىتىمىز زېئولىتتىن تېخى بىخەۋەر ئىدى. جۇڭگودىكى تۇنجى زېئولىت تېشى1972 - يىلى6 - ئايدا بىر گېئولوگىيە تېخنىكى تەرىپىدىن جېجياڭدىكى جىنيۈن ناھىيىسىنىڭ جىڭيۆشەن تېغىدا بايقالدى، بۇ ئەھۋال پۈتۈن مەملىكەتتىكى گېئولوگىيە ساھەسىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى21 ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندا ئارقا - ئارقىدىن140 زىئولىت كېنى (نۇقتىسى) بايقالدى. بۇ ۋاقىتتا دۇنيادا ئا ق ش، ياپونىيە قاتارلىق40 تىن ئارتۇق دۆلەتتە زېئولىت كېنى بايقالغان بولۇپ، ئومۇمىي سانى1000 دىن ئېشىپ كەتكەنىدى. زېئولىت تىنچ ئوكياننى چۆرىدىگەن رايونلار بىلەن ئوتتۇرا دېڭىز رايونىغا مەركەزلىك تارقالغان.
← بارلىق تېمىلار مېتال ۋە ئېنىرگىيە
زېئولىت | UyghurWiki | UyghurWiki