مانگان كاللىكى
مېتال ۋە ئېنېرگىيە
مانگان كاللىكى تەركىبىدە مانگان، تۆمۈر، نىكېل، كوبالت، مىس قاتارلىق30 -40 خىل ئېلېمېنت بولغان ئالاھىدە بىر خىل كان مەھسۇلاتى. ئۇنىڭ تەركىبىدە مانگاننىڭ نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاچقا، شۇ نام بىلەن ئاتالغان.1873
- يىلى ئەنگلىيىنىڭ «بەسلەشكۈچى» ناملىق چوڭقۇر دېڭىزنى تەكشۈرۈش پاراخوتى يەر شارىنى ئايلىنىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، بېلىق تورى ئىچىدىن قاپقارا، پارقىراق، سىلىق بىر كىچىك تاش چىقىدۇ. ئۇلار خىمىيىلىك ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بۇ تاشنىڭ تەركىبىدە %25 مانگان، %20 تۆمۈر، يەنە كوبالت، نىكېل، مىس، تىتان، مولىبدېن قاتارلىقلارنىڭ بارلىقى، بۇلارنىڭ سانائەتتە تاۋلايدىغان خام ئەشيا تەلىپىگە ئۇيغۇنلۇقىنى بىلىدۇ. لېكىن بۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىمايدۇ، ئۇلار بىر پارچە تەكشۈرۈش دوكلاتى يېزىپلا قويىدۇ.
يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان مېتاللۇرگىيە سانائىتىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ قۇرۇقلۇقتىكى بايلىقلار كۈنسايىن ئازايدى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر دىققەت - ئېتىبارىنى دېڭىز - ئوكيانغا قاراتتى، ئوكيان ئاستىدىكى مانگان كاللىكىنى ئېچىپ پايدىلىنىش ئاخىر قايتا تەكىتلەندى.
مانگان كاللىكى شارسىمان ياكى كاللەكسىمان، تېشى قارا ياكى قوڭۇر رەڭدە، خۇسۇسىيىتى چۈرۈك، قاتتىقلىق دەرىجىسى تۆۋەن، پۈتۈن تېنىدە ئۇششاق تۆشۈكچىلەر بولىدۇ، ئۇ ئوخشاش ھەجىمدىكى سۇدىن2 -3 ھەسسە ئېغىر. كىچىكلىرى كۆك پۇرچاقتەك، چوڭلىرى پۇتبولدەك كېلىدۇ، ئادەتتە دىئامېتىرى 5.0 ~ 20 سانتىمېتىر، ئايرىملىرىنىڭ1 مېتىردىن ئاشىدۇ. فىلىپپىننىڭ شەرقىدىن500 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئوكيان ئاستىدىن ئۇزۇنلۇقى6 مېتىر كېلىدىغان مانگان كاللىكى تېپىلغان، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى280 كىلوگرام كېلىدۇ. ئۇنى يېرىش ئارقىلىق ئىچكى تۈزۈلۈشىنىڭ پىيازغا ئوخشاش قاتمۇقات ئىكەنلىكى، يادرو قىسمىنىڭ ھەر خىل تاش ئۇۋاقلىرى ۋە قۇلۇلە قېپىدىن تۈزۈلگەنلىكى بايقالغان. مانگان كاللىكى700 ~7000 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى ئوكيان ئاستىدا يولغا يېيىتىلغان شېغىلغا ئوخشاش يېيىلىپ ياتىدۇ، بىراق سۇ يۈزىدىن3000 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى كان قىنىنىڭلا ئېچىش قىممىتى بولىدۇ.
كىشىلەرنىڭ مانگان كاللىكىنىڭ شەكىللىنىشى توغرىسىدىكى كۆزقاراشلىرى ئوخشاشمايدۇ. بەزىلەر دەريا ئېقىنى قۇرۇقلۇقتىكى ماددىلارنى دېڭىز - ئوكيانغا ئۈزلۈكسىز ئېقىتىپ كېلىدۇ، چوڭ ۋە ئېغىر بولغان قۇم دانچىلىرى دەريانىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدىكى قۇرۇقلۇققا يېقىن تېيىز دېڭىزدا ئايرىلىپ قالىدۇ، كىچىك ۋە يېنىك ماددىلار، مەسىلەن، مانگان، تۆمۈر، مىس قاتارلىق مېتال ئىئونلىرى شوۋىگۈرۈچتىكى گۈرۈچ دانچىلىرىغا ئوخشاش سۇدا لەيلەپ، دېڭىز قىرغىقىدىن يىراقراق جايلارغا ئېقىپ كېتىدۇ. فىزىكىلىق ۋە خىمىيىلىك مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە، ئۇلار «قول تۇتۇشقان» ھالدا ۋولقان ئاتقىندى ماددىلىرى، بېلىق سۆڭىكى، قۇلۇلە قېپى قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە ئۈزلۈكسىز يېپىشقانلىقتىن، ئېغىرلىقى تەدرىجىي ئېشىپ ئاستا - ئاستا دېڭىز تېگىگە چۆكىدۇ. ئاندىن سۇ ئېقىنىغا ئەگىشىپ دومىلايدۇ، قار كاللىكىگە ئوخشاش دومىلىغانسېرى يوغىنايدۇ، دەپ قارايدۇ. بىراق يەنە بەزىلەر، مانگان كاللىكى دېڭىز تېگىدىكى يانار تاغ پائالىيىتى، تاغ جىنسلارنىڭ يىمىرىلىشى ۋە جانلىقلار قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدۇ.
مانگان كاللىكى تارقالغان ئوكيان تېگىنىڭ ھەر كۋادرات مېتىر جايىدا ئاز بولغاندا2 -3 كىلوگرام، كۆپ بولغاندا100 كىلوگرامدىن ئارتۇق مانگان كاللىكى بولىدۇ. بەزىلەر تىنچ ئوكياننىڭ تېگىدە1 ترىليون توننا مانگان كاللىكى بار، دەپ مۆلچەرلىمەكتە. كىشىلەر مۇنداق بىر ھېسابات چىقارغان: پۈتۈن دۇنيادىكى3 تىرىليون توننا مانگان كاللىكىنىڭ ئىچىدە400 مىليارد توننىنى مانگان،16 مىليارد400 مىليون توننىنى نىكېل،9 مىليارد800 مىليون توننىنى كوبالت،8 مىليارد800 مىليون توننىنى مىس ئىگىلەيدۇ، بۇ ئىنسانلارنىڭ نەچچە يۈز يىلدىن نەچچە مىڭ يىلغىچە ئىشلىتىشىگە يېتىدۇ. مانگان كاللىكى ئېچىپ پايدىلانغانغا تۈگەپ قالمايدىغان، قايتا ھاسىل بولىدىغان كان. ئۇ ھەر يىلى10 مىليون توننىلىق سۈرئەت بىلەن ئۆزلۈكىدىن كۆپەيمەكتە.
مانگان كاللىكى كۆپ خىل ئىستراتېگىيىلىك ماددىي ئەشيالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقتىن، مۇقەررەر ھالدا بايلىق تالىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.1978 - يىلى ياپونىيىنىڭ كان قېزىش پاراخوتى سۈمۈرۈش شەكلى ۋە گاز بىلەن قوزغىتىپ يۇقىرىغا چىقىرىش شەكلىنى قوللىنىپ مانگان كاللىكىنى يىغىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ئا ق ش200 مىڭ توننىلىق كان قېزىش پاراخوتىدا ئاپتوماتىك كونترول قىلىش ئەسۋابلىرى بىلەن جەنۇبىي تىنچ ئوكيان تېگىدىكى مانگان كاللىكىنى يىغدى.
ئېلىمىزنىڭ دېڭىز - ئوكيان تەكشۈرۈش پاراخوتى1979 - يىلى جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى مانگان كاللىكى ئەۋرىشكىسىنى يىغىشقا باشلىغان،1988 - يىلىنىڭ بېشىدا «دېڭىز - ئوكيان4 - نومۇر» لۇق پاراخوت نەنخەي دېڭىزىدىكى ئۇچلۇق چوققىلىق دېڭىز تېغى رايونىدىكى سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى1480 مېتىر بولغان ئورۇندىن72 .262 كىلوگرام مانگان كاللىكىنى يىغدى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر كاللىكىنىڭ ئېغىرلىقى3 .39 كىلوگرام كېلىدۇ.1988 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا «شاڭياڭخۇڭ16 - نومۇر» لۇق پاراخوت تىنچ ئوكياندا100 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق مانگان كاللىكى كەلگۈسى كان رايونىنىڭ دائىرىسىنى بېكىتىپ، دېڭىز تېگى خەزىنىسىنى تەتقىق قىلىش، ئېچىش ۋە پايدىلىنىش ئىشلىرىنى قىممەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى.