سىماب
مېتال ۋە ئېنېرگىيە
كىشىلەر دائىم ئۇچرىتىدىغان مېتال مىنېراللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قاتتىق جىسىم بولۇپ، پەقەت سىمابلا نورمال تېمپېراتۇرىدا سۇيۇق جىسىم ھالىتىدە بولىدۇ، ئۇ نۆلدىن تۆۋەن 39 سېلىتسىيە گرادۇستا ئاندىن قاتتىق ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ.
سىمابنىڭ يەر پوستىدىكى مىقدارى % 0009 .0. سىماب تەركىبلىك مىنېراللار20 خىلدىن ئاشىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدا تەبىئىي سىماب مەۋجۇت. بىراق ئاساسلىق ئېچىش ئوبيېكتى كىنوۋار. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، سىماب بىلەن كىنوۋار ئۆزئارا بىر - بىرىگە ئۆزگىرىدۇ، تارىخىي كىتابلاردا خاتىرىلىنىشىچە، ئېلىمىزدە ئەمىنىيە - يېغىلىق دەۋرىدىلا زور مىقداردا سىماب ئىشلەپچىقىرىلغانىكەن.
كىنوۋار سىننابار ياكى گىل دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ بىر خىل سىماب سۇلفىدنىڭ كرىستالى بولۇپ، توق قىزىل رەڭدە بولىدۇ، ئالماستەك پارقىرايدۇ. تىرناقتىن قاتتىقراق، بەكە ئاسانلا ئۆتىدۇ. ئۇ ئوخشاش ھەجىمدىكى سۇدىن سەككىز ھەسسە ئېغىر.
گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ۋەنشەن سىماب كېنى ئېلىمىزنىڭ «سىماب پايتەختى» ھېسابلىنىدۇ.
غەربنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى كىمىياگەرلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى ئالخېمىكلىرى كىنوۋارغا نېمە ئۈچۈن شۇنچە قىزىقىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى، كىنوۋارنى كۆيدۈرگەندىن كېيىن تەركىبىدىكى گۈڭگۈرت گۈڭگۈرت دىئوكسىد گازىغا ئايلىنىپ چىقىپ كېتىپ سىماب ئايرىلىپ قالىدۇ. ئەگەر سىماب بىلەن گۈڭگۈرتنى قايتىدىن ئارىلاشتۇرۇپ قىزىتقاندا، قارا رەڭدىكى سىماب سۇلفىدقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئۇنى قاچىغا سېلىپ ئوت بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشتۇرماي كۆيدۈرگەندە، قاچىنىڭ ئىچكى دىۋارىنىڭ يۇقىرى قىسمىدا قىزىل رەڭلىك كىنوۋار قېتىشىپ چىقىدۇ. كىشىلەر ئۇنى »گىل« دەپ ئاتاپ، قېرىماسنىڭ دورىسى قىلغان. تارىختا تاڭ تەيزۇڭ − لى شىمىن قاتارلىق بەش پادىشاھ قېرىماسلىق ئارزۇسى بىلەن تەركىبىدە سىماب بولغان زور مىقداردىكى «ئەل - ئىكسىر» نى ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن ئۆلگەن.
سىماب مېتاللۇرگىيە، پرىبور، خىمىيە سانائىتى، مېدىتسىنا، چىرىتىشتىن ساقلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. سىمابنىڭ بىرىكمىلىرى (كالومېل، سۇلېما، مېركۇروخروم) نى بەدەن سىرتىغا سۈركىسە مىكروب ئۆلتۈرىدۇ ۋە تېرە كېسەللىكىگە داۋا بولىدۇ؛ بىراق بەدەن ئىچىدە توپلانسا زەھەرلەپ نېرۋا مەركىزىنى بۇزىدۇ.1953 - يىلى دۇنيادا زىلزىلە قوزغىغان ياپونىيىدىكى مىناماتا كېسەللىكى سانائەتتىن چىقىرىلغان ماددىلارنىڭ تەركىبىدىكى مېتىل سىمابنى بېلىق ۋە راكلار قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بېلىق ۋە قۇلۇلە تۈرىدىكىلەرنى ئىستېمال قىلىشى نەتىجىسىدە زەھەرلىنىشىدىن كېلىپ چىققان.1911
- يىلى گوللاندىيىلىك فىزىك خايىك كاممىلېل ئونىس سىمابنى K4 (نۆلدىن تۆۋەن ℃ 269) قىچە سوۋۇتقاندا، سۇپېر ئۆتكۈزۈشچانلىق (ئېلېكتر قارشىلىقىنى يوقىتىش) ھادىسىسىنى تۇنجى قېتىم بايقىغان.
يالتىراق لامپا ئىچىدە بىر - ئىككى تامچە سىماب بولىدۇ، سىماب پارى ئېلېكترون ئېقىمى بىلەن قاتتىق سوقۇلغاندا ئۇلترا بىنەپشە نۇر چىقىرىدۇ، ئۇ ئاق رەڭلىك فلۇئورېسسېنسىيە ماددىسى بولغان سىنك سۇلفىد سۈركەلگەن چىراغ نەيچىسىنىڭ ئىچكى دىۋارىنى يورۇتقاندا يورۇق يالتىراق نۇر چىقىرىدۇ. سىماب ئالتۇن ۋە كۈمۈشنى ئېرىتەلەيدۇ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قىممەتلىك مېتاللارنى ئايرىغىلى بولىدۇ.
پۈتۈن دۇنيادىكى سىمابنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان زاپاس مىقدارى155 مىڭ توننا، بۇنىڭ ئىچىدە ئىسپانىيىنىڭ زاپاس مىقدارى تەخمىنەن3 /1 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇ يەردىن يەنە ھەجمى5 .0 كۇب مېتىر كېلىدىغان »سىماب ئورىكى« تېپىلدى، ئورەكنىڭ ئىچىدە ئىككى توننا تەبىئىي سىماب بار.
ئېلىمىزدە سىماب ئاساسەن يۈننەن، گۇيجۇ، خۇنەن، گۇاڭشى ۋە شەنشىدىن چىقىدۇ. گۇيجۇ ئۆلكىسىدىكى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان سىماب زاپاس مىقدارى ۋە يىللىق ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %80 ىنى ئىگىلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردا سىچۇەن ۋە خۇنەندىن بىرنەچچە چوڭ تىپتىكى سىماب كېنى بايقالدى.