UyghurWiki
UyghurWikiمېتال ۋە ئېنىرگىيەفوسفات

فوسفات

مېتال ۋە ئېنېرگىيە رىۋايەت قىلىنىشىچە، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى جاڭ شيەنجۇڭ قوزغىلاڭچى قوشۇننى باشلاپ سىچۇەنگە كىرگەندە ئەسكەرلىرىنى مەنزىرىسى گۈزەل چىڭچېڭشەن تېغىغا ئورۇنلاشتۇرغان. بىر قېتىم مىڭ سۇلالىسى قوشۇنى ئۇلارغا كېچىدە ھۇجۇم قىلماقچى بولغاندا، توساتتىن پۈتۈن تاغنى قاپلىغان ئوت ئۇچقۇنىنى كۆرۈپ، ئەرش ئەسكەرلىرى چۈشۈرگەن «ئىلاھىي پانۇس» ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قورققىنىدىن قېچىپ كەتكەن. ئەسلىدە «دۇنيا بويىچە گۈزەل» دېگەن نامى بار چىڭچېڭشەن تېغىدا فوسفور رۇدىسى بولۇپ، يەر يۈزىدە ئېچىلىپ قالغاندا تۇپراقتىكى باكتېرىيىلەر تەرىپىدىن ھىدروفوسفىد گازىغا پارچىلىنىپ، ھاۋا بىلەن ئۇچراشقاندا ئۆزلۈكىدىن يېنىپ يېشىل يالتىراق نۇر چىقارغان. بۇ نۇرنى بەزىلەر «ئالۋاستى ئوتى» ياكى «ئالۋاستى چىرىغى» دەپ ئاتايدۇ. فوسفور رۇدىسى خىمىيە سانائىتىنىڭ مۇھىم مىنېرال خام ئەشياسى، ئۇ ئاساسلىقى فوسفورلۇق ئوغۇت ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ، سېرىق فوسفور (ئاق فوسفور)، قىزىل فوسفور، فوسفورىك كىسلاتا ۋە باشقا فوسفاتلارنى ئېلىشتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدا فوسفور تەركىبلىك مىنېراللار ناھايىتى كۆپ، سانائەتتە پايدىلىنىش قىممىتى بولغىنى ئاساسلىقى كالتسىي فوسفات، يەنى ئاپاتىت. ئاپاتىت سۇدا ئىنتايىن تەستە ئېرىيدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئۇششاق ئېزىپ ئېتىزغا تۆكسىمۇ ئۆسۈملۈكلەر ياخشى قوبۇل قىلالمايدۇ، شۇڭا ئۇنى بىۋاسىتە ئىلىتىشكىمۇ بولمايدۇ. فوسفور رۇدىسى پاراشوكىغا گۈڭگۈرت كىسلاتاسىنى قوشۇپ كالتسىي سۇپېرفوسفاتقا ئايلاندۇرغاندىلا ئاندىن ئوغۇت قىلغىلى بولىدۇ. ئۈچ چوڭ ئوغۇتنىڭ بىرى بولغان فوسفورلۇق ئوغۇت ئۇرۇقنىڭ بىخلىنىپ يىلتىز تارتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىدۇ ھەم ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قۇرغاقچىلىققا، سوغۇققا ۋە ئىسسىققا بەرداشلىق بېرىش، زىيانداش ھاشاراتلارغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. فوسفور ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى، تەدرىجىي تەرەققىياتى ۋە جانلىقلارنىڭ ياشىشى ھەم كۆپىيىشىدە كەم بولسا بولمايدۇ. ئادەم بەدىنىدە %1 فوسفور بولىدۇ، ئۇ ھۈجەيرە، قان، چىش ۋە ئىسكىلىتقا تارقالغان. كېفالىن چوڭ مېڭە پائالىيىتىگە كېرەكلىك بولغان غايەت زور ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭا بەزىلەر فوسفورنى «تەپەككۇر ئېلېمېنتى» دەپ ئاتايدۇ. فوسفاتنىڭ رەڭگى ئاقۇچ ياكى سارغۇچ بولۇپ، شەكلى ئادەتتىكىچە، ئۇنى ئادەتتىكى تاشتىن پەرقلەندۈرۈش ناھايىتى تەس، كان ئىزدىگۈچىلەر ئاممونىي ئېربىي كىسلاتا سۇيۇقلۇقىنى تاش ئۈستىگە تېمىتىپ رېئاكسىيىدىن كېيىنكى رەڭگىنى كۆزىتىش ئارقىلىق پەرقلەندۈرىدۇ، ئەگەر سېرىق رەڭلىك رېئاكسىيە كۆرۈلسە، فوسفات بولىدۇ. خەلق ئارىسىدا ئۇنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ مۇنداق بىر ئاددىي ئۇسۇلى بار، تاش پاراشوكىنى ئوتقا سېلىپ كۆيدۈرگەندە ئەگەر يېشىل رەڭلىك ئوت ئۇچقۇنى چىقسا، فوسفات ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. ئېلىمىزنىڭ گېئولوگىيە خادىملىرى بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ سانائەت قىممىتى كۆرۈنەرلىك بولغان بىرنەچچە كاننى تاپقان. ماگماتىت ۋە چۆكمە جىنسلارنىڭ تەركىبىدە فوسفور بولىدۇ. بۇ تاغ جىنسلىرى يىمىرىلىپ پارچىلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىكى فوسفور كاربون (Ⅳ) ئوكسىد ۋە ئورگانىك كىسلاتا مول بولغان يەر ئۈستى سۈيىدە ئاسانلا ئېرىپ، تېيىز دېڭىز ئويمانلىقىغا ئۈزلۈكسىز يۆتكىلىپ بارىدۇ. سۇ ئويمانلىقىدا جانلىقلار رولى (بېلىق، راك، قۇلۇلە تۈرىدىكىلەرنىڭ زور مىقداردا فوسفور ماددىسىنى قوبۇل قىلىشى) ئارقىلىق ئاستا - ئاستا توپلىنىپ، تەدرىجىي ھالدا چۆكمىلىشىپ فوسفور كېنىنى ھاسىل قىلىدۇ. قەدىمكى دېڭىز - ئوكيانلاردا چۆكمىلىشىپ شەكىللەنگەن فوسفات كېنى دۇنيادىكى فوسفور كېنى ئومۇمىي زاپاس مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %80 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئېلىمىزنىڭ يۈننەندىكى كۇنياڭ فوسفور كېنى، گۇيجۇدىكى كەيياڭ فوسفور كېنى، جياڭشىدىكى چاۋياڭ فوسفور كېنى بۇ خىل تىپقا كىرىدۇ. ئېلىمىزدىكى فوسفور رۇدىسىنىڭ سانائەت زاپاس مىقدارى دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مېتال ۋە ئېنىرگىيە