زەرنىخ ۋە سېرىق مەرگىمۇش
مېتال ۋە ئېنېرگىيە
زەرنىخ (ئارسېنىك سۇلفىدتىن تۈزۈلگەن بىر خىل رۇدا) بىلەن سېرىق مەرگىمۇش (ئانىلىق سېرىقى) تاغ جىنسلىرى ئىچىدە خۇددى بىر جۈپ ئاشىق - مەشۇقلاردەك دائىم بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، شۇڭا كىشىلەر قىزىقچىلىق قىلىپ، «ئاشىق - مەشۇق مىنېرال» دەپ ئاتايدۇ.
زەرنىخنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى ئارسېن سۇلفىد ياكى ئارسېنىك تېترا سۇلفىد بولۇپ، رەڭگى قىزغۇچ، شۇڭا «تاج تاش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سېرىق مەرگىمۇشنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى ئارسېنىك ترىسۇلفىد، رەڭگى سارغۇچ سۇس يېشىل. كىشىلەر رەڭگىگە قاراپ سېرىق مەرگىمۇش بىلەن زەرنىخنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. بىراق زەرنىخ ئۇزاق مۇددەت كۈننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا، بىۋاسىتە سېرىق مەرگىمۇشقا ئايلىنىدۇ.2000
يىل ئىلگىرىكى «تاغ - ئېزىملار قۇرئى» دېگەن كلاسسىك ئەسەردە زەرنىخ كېنى خاتىرىلەنگەن. خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىمېن ناھىيىسى جيېپەييۈي جىلغىسىغا جايلاشقان زەرنىخ كېنىنىڭ زاپاس مىقدارى500 مىڭ توننا، ساپلىقى %80 تىن يۇقىرى بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زەرنىخ كېنى ھېسابلىنىدۇ.1965 - يىلى9 - ئايدا بۇ يەردىن بىر پارچە ئالاھىدە چوڭ زەرنىخ كرىستالى بايقالغان، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى32 .255 گرام كېلىدۇ.1988 - يىلى2 - ئايدا قىپقىزىل نۇر چاقناپ تۇرغان بۇ ئالاھىدە چوڭ زەرنىخ كرىستالى ئا ق ش نىڭ تۇكسوندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئەۋرىشكە ۋە ياقۇت كۆرگەزمىسىدە جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى ۋە ھەرقايسى ئەل مىنېرالوگىستلىرى ھەم ياقۇت مۇتەخەسسىسلىرىنى ھەيران قالدۇردى.
زەرنىخ جۇڭگو تېبابەتچىلىكىدە دورا قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ يەل ھەيدەش، ھاشارات ئۆلتۈرۈش، زەھەر قايتۇرۇش قاتارلىق رولى بار. ئۇنىڭ ئۆزگىچە ئاچچىق پۇرىقىنى يىلان ۋە ھاشاراتلار پۇرىسا يىراققا قاچىدۇ، شۇڭا كىشىلەر تاغ ئىچكىرىسىدە ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ئەڭ ياخشىسى ئازراق زەرنىخ ئېلىۋالغىنى تۈزۈك، شۇنداق قىلغاندا، يىلان، ھاشارات ۋە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئېلىمىزدىكى ئەنئەنىۋى تاڭزۇڭزا چاغىنىدا زەرنىخ ھارىقى ئىچىدىغان ئۆرپ - ئادەت بار، كىشىلەر بۇ خىل ھاراقنى ئۆيگە چېچىپ دېزىنفېكسىيە قىلىدۇ. ئەمما زەرنىخنىڭ مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا ئوڭايلا زەھەرلىنىپ قېلىش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا،1975 - يىلىدىن1985 - يىلىغىچە بولغان10 يىل ئىچىدە، مەملىكەت بويىچە زەرنىخ ھارىقى بىلەن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن ئادەمنىڭ سانى330 دىن ئاشىدۇ. سېرىق مەرگىمۇشنىڭ تېببىي دورىلىق رولى زەرنىخ بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. سېرىق مەرگىمۇشنىڭ مىقدارى ئازراق بولۇپ، باھاسى زەرنىخنىڭكىدىن قىممەت، ئۇ كۆپىنچە ئېسىل بوياق قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.
زەرنىخ ئاساسلىقى ئارسېننى ئايرىۋېلىپ، قېتىشمىلارنى تاۋلاشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئارسېن - مىس قېتىشمىسىدىن ئاپتوموبىل ۋە رادارنىڭ زاپچاسلىرى ياسىلىدۇ. قوغۇشۇننىڭ ئىچىگە %5 .0 ئارسېن قوشۇلسا، قاتتىقلىقى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ، ئۇنىڭدىن ئوق بېشى ياساشقا بولىدۇ. ئارسېن بىلەن گاللىينىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن گاللىي ئارسېنىد يۇقىرى قۇۋەتلىك يېرىم ئۆتكۈزگۈچ زاپچاسلىرىنىڭ ماتېرىيالى قىلىنىدۇ.