گىپىس
مېتال ۋە ئېنېرگىيە
گىپىس ناھايىتى كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. دۇفۇ (پۇرچاق سۈت ئۇيۇتمىسى) ياسىغاندىمۇ گىپىس ئىشلىتىلىدۇ؛ داڭلىق جۇڭگو تېبابەتچىلىكى دورىسى «بەيخۇتاڭ» نىڭ ئاساسلىق تەركىبى گىپىس، ئۇنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك يۇقىرى قىزىتما، ئۇسساپ بىئارام بولۇشنى داۋالاشتا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى؛ چىش دوختۇرلىرى گىپىس بىلەن چىش قېلىپىنى ياسايدۇ؛ تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئۇستىخىنى سۇنغان بىمارلارنىڭ ئۇستىخىنىنى ئورنىغا سېلىپ مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈنمۇ گىپىس ئىشلىتىدۇ ... .
گىپىسنىڭ ئاساسلىق تەركىبى تەركىبىدە سۇ بولغان كالتسىي سۇلفات، كۆپىنچىسى ئاق رەڭلىك يېرىم سۈزۈك كرىستال شەكلىدە بولىدۇ؛ تىرناق پاتىدۇ، شۇڭا «يۇمشاق گىپىس» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كرىستال سۈيىدىن ئايرىلىپ قالغانلىرى ئانگىدرىت دېيىلىدۇ؛ تالاسىمانلىرى تالالىق گىپىس دېيىلىدۇ، روشەن يىپەك پارقىراقلىققا ئىگە؛ كرىستالى رەڭسىز سۈزۈك ھالەتتىكى ئەينەككە ئوخشايدىغانلىرى سېلېنىت دەپ ئاتىلىدۇ؛ يەنە ئاق گىپىس، توپىسىمان گىپىس قاتارلىقلار بار.
قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى گىپىسنى ℃170 قىچە قىزدۇرغاندىن كېيىن ئېرىشكەن پلاستېر گىپىس بىلەن تورۇس، ياغاچ تاختا ۋە لەمپە تاختىسى قاتارلىقلارنى سۇۋايدۇ؛ ℃750 قىچە قىزدۇرغاندىن كېيىن ئېزىپ پاراشوكسىمان ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن سۇدا قېتىشىدىغان گىپىسدىن گۈللۈك پول، دېزىرە رامكىسى، دېرىزە تەكچىسى، پەلەمپەي، تام لەمپىسى قاتارلىقلارنى ياسايدۇ. ئا ق ش نىڭ چىكاگودىكى113 قەۋەتلىك سېئارس بىناسىغا ئىشلەتكەن ئاساسلىق يېنىك تىپتىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى گىپىستىن ياسالغان بۇيۇملاردۇر.
گىپىسنى ℃150 قىچە قىزدۇرۇپ كرىستال سۈيىنى چىقىرىۋەتسە، پىششىق گىپىس ھاسىل بولىدۇ. ئۇنىڭ پاراشوكىنى سۇغا ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن تەڭشەلگەن ئەۋرىشىملىققا ئىگە مەلھەمسىمان ماددا سەنئەتكارلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ھەيكەلتىراشلىق ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭغا يەنە يېلىم، تالا، ھاك قاتارلىقلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئادەم ھەيكىلى قېلىپىنىڭ ئىچىگە سېلىنىپ، قېلىپ بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن ئېلىۋېتىلسە ھەر خىل ھەيكەللەر كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ. ھۈنەر - سەنئەت ماگىزىنلىرىدا سېتىلىدىغان «ۋىناس» گىپىس ھەيكىلى قاتارلىقلار ئەنە شۇنداق قۇيۇپ ياسالغان. ئۇنداقتا گىپىس پاراشوكىغا قۇيۇلغان سۇ ئېقىپ كەتمىگەن ياكى پارلىنىپ كەتمىگەن تۇرسا، زادى قەيەرگە كەتكەن؟ ئەسلىدە بۇ سۇلار گىپىستىكى كرىستال سۈيىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. گىپىس كرىستالى ئىچىدە سۇ مولىكۇلىلىرىنىڭ مۇقىم ئورنى بولغاچقا، گىپىس پاراشوكىغا قۇيۇلغان سۇلار ئۆزلۈكىدىن ئورنىنى تاپىدۇ.
ئېلىمىزدىكى گىپىسنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان زاپاس مىقدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. «ئالتە سۇلالىنىڭ قەدىمىي پايتەختى» بولغان نەنجىڭنىڭ يەر ئاستىدا بىر «گىپىس كۆلى» بار بولۇپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان زاپاس مىقدارى1 مىليارد100 مىليون توننا كېلىدۇ. گىپىسنىڭ شەكىللىنىش تىپى بىرقەدەر كۆپ، ئېلىمىزدىكىلىرى ئاساسلىقى پارلىنىپ چۆكمىلىشىش تىپىدىكى كان قىنىدۇر. گىپىس كۆپىنچە قىزىل، كۈل رەڭ، ئاقۇچ ۋە توق كۈل رەڭ چۆكمە جىنس ئارىسىدا بولىدۇ، دائىم بىر قات - بىر قات ھالدا تاشتۇز بىلەن بىرگە پەيدا بولىدۇ، ئۇلار تۇز كۆلىدىكى خىمىيىلىك چۆكمىلىشىش بىلەن قۇرۇپ پارلىنىشتىن ھاسىل بولغان. شۇڭا چۆكمىلىشىش تىپىدىكى گىپىس كېنى بىلەن تاشتۇز كېنى بىر - بىرىنىڭ مۇھىم كان ئىزدەش يىپ ئۇچىدۇر.