سۇ بايلىقى
مېتال ۋە ئېنېرگىيە
سۇ − ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، شۇنداقلا مۇھىم ئېنېرگىيە بايلىقى. تەخمىنىي ھېسابلاشلارغا ئاساسلانغاندا، يەر شارىدا تەخمىنەن بىر مىليارد400 مىليون كۇب كىلومېتىر سۇ بار، بۇنىڭ ئىچىدە دېڭىز سۈيى %5 .97 نى، تاتلىق سۇ ئاران %5 .2 نى ئىگىلەيدۇ، بۇ تاتلىق سۇنىڭ %70 ى مۇزلۇقتىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي بىۋاسىتە پايدىلانغىلى بولىدىغان دەريا ۋە كۆللەردىكى سۇنىڭ مىقدارى ئاز بولۇپ، ھېسابلاشلارغا ئاساسلانغاندا، يەر شارىدىكى ئومۇمىي سۇ مىقدارىنىڭ %003 .0 ىنى ئىگىلەيدۇ، شۇڭا يەر شارىدىكى سۇ بايلىقى ناھايىتىمۇ قىممەتلىك.
دۇنيادا سۇ مىقدارى ئەڭ مول دەريادىن15 ى بار. بۇلارنىڭ توققۇزى ئاسىيادا، ئۈچى جەنۇبىي ئامېرىكىدا، ئىككىسى شىمالىي ئامېرىكىدا، بىرسى ئافرىقىدا. ئافرىقىدىكى كونگو دەرياسىنىڭ سۇ مىقدارى ئامازون دەرياسىدىكى سۇ مىقدارىنىڭ5 /1 ىگە توغرا كېلىدۇ، ئەمما سۇ ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىشتىكى يوشۇرۇن كۈچى ئامازون دەرياسىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ. كونگو دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىن دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىغىچە بولغان200 كىلومېتىرلىق دەريا بۆلىكىدە سۇنىڭ چۈشۈش پەرقى300 مېتىردىن ئاشىدۇ، يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى1011 ×060.5 كىلوۋات سائەتكە يېتىدۇ. ئاسىيادىكى تاغلىق دۆلەت نېپال ئېگىز تاغدىكى سۇ مەنبەسى رايونىغا جايلاشقان، گەرچە دەريالىرىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى سۇ مىقدارى كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما چۈشۈش پەرقى چوڭ بولغاچقا، نۇرغۇن جايلارغا توك تارقىتىش مىقدارى100 مىليون كىلوۋاتقا يېتىدىغان سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى قۇرۇشقا بولىدۇ.
ئېلىمىزدە سۇ ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ زاپاس مىقدارى ناھايىتى كۆپ، يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى نەچچە تىرىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىدۇ، ئاساسلىقى غەربىي قىسىمغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكىنىڭ تەخمىنەن %80 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە غەربىي جەنۇب رايونىدا ئەڭ مول بولۇپ، تەخمىنەن %71 نى ئىگىلەيدۇ، ئوتتۇرا جەنۇب ۋە غەربىي شىمال رايونى ئۇنىڭدىن كېيىنلا تۇرىدۇ. ھازىر ئېلىمىز كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ تىپتىكى سۇ ئېلېكتر بازىلىرىنى قۇرماقتا، ھەربىر سۇ ئېلېكتر بازىسىدا چوڭ تىپتىكى بىرقانچە سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇلۇپ، سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى توپىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
دېڭىز - ئوكيانلار غايەت زور سۇ ئېنېرگىيىسىگە ئىگە. دېڭىز - ئوكيانلاردىكى تاشقىن، دولقۇن، دېڭىز سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دېڭىز سۈيىدىن يەنە ھىدروگېن ئېنېرگىيىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، پۈتۈن دۇنيادىكى دېڭىز - ئوكيانلاردىكى تاشقىن ئېنېرگىيىسى بايلىقى تەخمىنەن2 مىليارد كىلوۋاتقا يېتىدۇ. ئېلىمىزدە ئېچىشقا بولىدىغان تاشقىن ئېنېرگىيىسى35 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشىدۇ، يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى80 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېتىدۇ. دېڭىز - ئوكيانلاردىكى دولقۇننىڭ كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىش ھەرىكىتىدە غايەت زور ئېنېرگىيە ساقلانماقتا. ئېلىمىزنىڭ دېڭىز قىرغىقى لىنىيىسىدىكى دولقۇن ئېنېرگىيىسى زاپىسىنىڭ170 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە، لېكىن نۆۋەتتە ئۇنىڭدىن ئېچىپ پايدىلىنىش ناھايىتى يېتەرسىز بولماقتا. دېڭىز - ئوكيانلار يەنە غايەت زور قۇياش ئېنېرگىيىسىنى سۈمۈرگۈچ ھېسابلىنىدۇ. دېڭىز يۈزى قۇياش رادىئاتسىيىسى ئېنېرگىيىسىنى كۆپ مىقداردا قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، تېمپېراتۇرىسى
℃25 ~ ℃28 قا ئۆرلەيدۇ، ئەمما چوڭقۇر قاتلاملاردىكى دېڭىز سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئاران ℃4 ~ ℃7 بولىدۇ، تېمپېراتۇرىنىڭ بۇ خىل پەرقىدىن پايدىلىنىپ مۇناسىپ قۇرۇلمىلارنى لايىھىلەپ توك تارقىتىشقا بولىدۇ.
كۆپچىلىككە مەلۇمكى، سۇ ھىدروگېن بىلەن ئوكسىگېندىن ئىبارەت ئىككى خىل ئېلېمېنتتىن تۈزۈلگەن. ھىدروگېن ئېنېرگىيىسى بىر خىل ئەلا سۈپەتلىك ئېنېرگىيە ھېسابلىنىدۇ. ئېغىرلىق بويىچە ھېسابلىغاندا، سۇ مولېكۇلىسى ئىچىدە ھىدروگېن %11 نى ئىگىلەيدۇ. بەزىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، ئەگەر دېڭىز سۈيىدىكى ھىدروگېننىڭ ھەممىسىنى ئايرىۋالغاندا ھاسىل بولىدىغان ئومۇمىي ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى دۇنيادىكى بارلىق مىنېرال يېقىلغۇلار قويۇپ بەرگەن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىدىن9000 ھەسسە كۆپ بولىدىكەن. ھىدروگېن كۆيگەندىن كېيىن سۇ پارىنى ھاسىل قىلىدۇ، سۇ پارى كوندېنساتسىيىلىنىپ سۇغا ئايلىنىدۇ، سۇدىن ھىدروگېننى داۋاملىق ئېلىشقا بولىدۇ، بۇ تەرىقىدە تەكرار ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز. ئالىملارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىشىچە، كەلگۈسىدىكى جەمئىيەتتە مەخسۇس زاۋۇتلار قۇرۇلۇپ، قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ دېڭىز سۈيىدىكى ھىدروگېن گازى بىلەن ئوكسىگېن گازى ئايرىپ ئېلىنىدۇ، ئاندىن سۇيۇقلاندۇرۇلغان گازغا ئوخشاش تۇرۇبا ئارقىلىق ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلىدۇ.
دېڭىز سۈيىدە يەنە نۇرغۇن ئېنېرگىيە ماددىلىرى ساقلانماقتا. ۋودورود بومبىسىنىڭ ئاساسلىق خام ماتېرىيالى − دېيتېرىينىڭ دېڭىز سۈيىدىكى مىقدارى بىرقەدەر كۆپ. ئۆلچەشلەرگە ئاساسلانغاندا، بىر لىتىر دېڭىز سۈيىدىكى دېيتېرىينىڭ ئىگە بولىدىغان ئېنېرگىيىسى400 كىلوگرام نېفىتنىڭ ئېنېرگىيىسىگە باراۋەر كېلىدۇ، بىر گرام دېيتېرىي يادروسى يىغىلغاندا ھاسىل بولغان ئېنېرگىيە ئارقىلىق100 مىڭ كىلوۋات سائەت توك تارقىتىشقا بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېنېرگىيە سەرپ قىلىش مىقدارىغا ئاساسەن مۆلچەرلىگەندە، دېڭىز سۈيىدىكى دېيتېرىيدىن20 مىليارد يىلدىن ئارتۇق پايدىلانغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دېڭىز سۈيىدىكى ئۇراننىڭ مىقدارىمۇ4 مىليارد توننىدىن ئاشىدۇ. نۆۋەتتە ئىنسانلارنىڭ دېڭىز سۈيىدىن بۇ خىل ئېنېرگىيە ماددىلىرىنى ئايرىپ ئېلىشى بىرقەدەر قىيىن بولماقتا. بۇنىڭدىكى سەۋەب، تەننەرخ بىرقەدەر يۇقىرى. شۇڭا بۇ تېخى تەتقىق قىلىش ۋە ئىزدىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتا.