جۇخار تاش
مېتال ۋە ئېنېرگىيە
بېيجىڭدىكى يۈيچۈەن تېغىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى بىر جايدىن نۇر شەكىللىك ئاندالۇزىت چىقىدۇ. بۇ خىل رۇدىنىڭ شەكلى جۇخار گۈلىگە ئوخشايدۇ، شۇڭا ئۇ جۇخار تاش دەپ ئاتىلىدۇ. گېئولوگلار بۇ جاينى «جۇخارگۈل جىلغىسى» دەپ ئاتىشىدۇ.
ئاندالۇزىت بىر خىل ئاليۇمىنوسىلىكاتلىق مىنېرال بولۇپ، كرىستالى سىلىندىرسىمان، رەڭگى تۇتۇق ئاق ياكى سۇس قىزىل، توغرا كەسمە يۈزى كۋادرات شەكىلدە بولىدۇ. ئۇ ئادەتتە لاتقا جىنسلار بىلەن گرانىت بۆسمە گەۋدىسىنىڭ تېگىشىش يۈزىنىڭ ئەتراپىدىن چىقىدۇ. بەزى ئاندالۇزىتلار كرىستاللىشىش جەريانىدا قىسمەن كاربونلۇق جىنسلارنى ئۆزىگە قوشۇۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ توغرا كەسمە يۈزى قارا كرېست شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ. بۇ خىل ئاندالۇزىت «خىئاستولىت» دەپ ئاتىلىدۇ. كۆركەم سۈزۈك ئاندالۇزىتنى گۆھەر (ياقۇت) قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. گۆھەر دەرىجىلىك ئاندالۇزىت ئاساسلىقى برازىلىيىدىن چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭلىرىنىڭ ئېغىرلىقى80 كارات كېلىدۇ.
جۇخار تاش چىقىدىغان يەنە بىر جاي خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ليۇياڭ ناھىيىسىدىكى يۇڭخې بازىرىدا. ليۇياڭخې دەرياسىنىڭ تېگىدىكى جۇخار تاش قارامتۇل كۈل رەڭدە بولۇپ، ھەر خىل ئاق رەڭلىك جۇخار گۈلى شەكىللىك سىزىقچىلار بار، پورەكلەپ ئېچىلغان جۇخار گۈلىگە ناھايىتى ئوخشايدۇ. يەرلىك كىشىلەر ئۇنىڭدىن سىياھدان، گۈل تەشتىكى، گۇاپىڭ (ئاسما زىننەت بۇيۇمى)، سۈنئىي تاغ قاتارلىق ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياسايدۇ، بۇ بۇيۇملار ئىنتايىن نەپىس بولۇپ، تولىمۇ جازىبىلىك.1915 - يىلى ليۇياڭدا ياسالغان جۇخار تاش ئاسما زىننەت بۇيۇمى پانامادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا كۆرگەزمىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ليۇياڭ جۇخار تاش ئويمىچىلىقىنىڭ داڭقى جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە تارقالغان.
ليۇياڭدىكى جۇخار تاشنىڭ ئاتىلىق ۋە ئانىلىقلىرى چاقماق تاشتىن، گۈل بەرگى نۇر شەكلىدىكى سېلېستىت (سترونتسىي سۇلفات) ياكى كالتسىت (كالتسىي كاربونات) نىڭ توپلانما تەنچىسىدىن ئىبارەت. گۈل بەرگىنىڭ قەۋەت سانى4 ~7 ، تاغ جىنس خۇسۇسىيىتى لاتقا جىنستۇر.
يەنە بىر خىلى جۇخارسىمان رىئولىت بولۇپ، بۇنىڭدىكى «جۇخار گۈل» بۇ خىل تاغ جىنسىدىكى چاچتەك كرىستاللىت مىنېراللارنىڭ تەبىئىي بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن. خېبېي ئۆلكىسىدىكى شىڭلۇڭ ناھىيىسى بىلەن جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى ئەنجى ناھىيىسى چىۋۇسۈن كەنتىدە جۇخارسىمان رىئولىت بايقالدى.