تاشتۇز
مېتال ۋە ئېنېرگىيە
تاشتۇز بىز دائىم يەيدىغان ئاش تۇزىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ تاغ جىنسلىرى ئارىسىدىن چىقىدىغانلىقى ئۈچۈن تاغ جىنس تۇزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تاشتۇزىنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى ناترىي خلورىد، ئۇنىڭ كرىستالى كۇبسىمان، پارچىلىرى يوغان ھەم سۈزۈك بولغاچقا، قەدىمكى كىشىلەر ئۇنى سۈزۈك تۇز، خرۇستال تۇز، قاشتېشى رەڭلىك تۇز، ئاق تۇز دەپ ئاتىغان.
تۇز تۈرلىرى چوڭ ئائىلە بولۇپ، كۆپ قىسىم مىنېراللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۇزدۇر، مەسىلەن، ھاك تاش، كۆكتاش، گىپىس، كالىي خلورىد، كالىي سيانىد قاتارلىقلار. ناترىي خلورىد (ئاش تۇزى) نى ئىنسانلار ئىستېمال قىلىشقا بولۇشتىن سىرت، باشقىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىنسانلار بىۋاسىتە ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ.
تاشتۇز ئاساسلىقى دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتا شەكىللەنگەن تۇز كېنىدىن چىقىدۇ. نەچچە تۈمەن يىللار ئىلگىرى بۇ جايلارنىڭ كۆپىنچىسى دېڭىز - ئوكيان ئىدى، كېيىنچە ئىقلىم قۇرغاقلىشىپ، تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ، دېڭىز سۈيى پارلىنىپ كېتىپ، كرىستاللىنىپ تۇز ھاسىل بولغان، دېڭىز - قۇرۇقلۇقلارنىڭ ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە دېڭىز ئويمانلىقى قۇرۇقلۇققا ئايلانغان. دېڭىز ئويمانلىقىدىكى تۇزلار توپلىنىپ تۇز كېنىنى ھاسىل قىلغان.
تاشتۇز ۋە كۆل تۇزى تەركىبىدە ماگنىي، لىتىي، بور، بروم، يود، كالىي، گىپىس، شور، تەبىئىي شۇلتا، سېلېستىن قاتارلىق قىممەتلىك بايلىقلار بار، ئۇلارنى چەككىلەپ ئېلىشقا بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار خىمىيە سانائىتىنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ. شۇلتا ئىشلەش، قەغەز ياساش، پارتلاتقۇچ دورا ياساش، توقۇمىچىلىق، بوياش ۋە گۈل بېسىش، مېتاللۇرگىيە، ساپال ۋە فارفورچىلىق، ئەينەك ياساش، ئېلېكتر قاتارلىق سانائەت تارمىقىدا ناترىي خلورىد ئىشلىتىلىدۇ.
ئاش تۇزى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ بىرى. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان كۆكتات ۋە گۆشلەرنى تۇزلاپ قويسا بۇزۇلمايدىغانلىقىنىڭ سىرى يېقىنقى يىللاردا ئېچىلدى: تۇز سۈيىدىكى ناترىي ئىئونى بىلەن خلور ئىئونى ئېلىپ كەلگەن مىكرو زەررىچىلەر گۆش بىلەن باكتېرىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئېلېكترستاتىك تارتىشىشتا قىسقا تۇتىشىش ھاسىل قىلغانلىقتىن، باكتېرىيە گۆشنىڭ يۈزىگە يېپىشالمايدۇ ياكى ياشىيالمايدۇ. تۇز يەنە باكتېرىيىلەرنى سۇسىزلاندۇرىدۇ ھەم باكتېرىيىنىڭ گۆشتىكى ئوزۇقلۇقنى ئېلىش ئىقتىدارىنى بۇزۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ.
تاشتۇزنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى زاپاس مىقدارى مول. ئېلىمىزدىكى سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى زىگۇڭنىڭ ئەزەلدىنلا «تۇز پايتەختى» دېگەن داڭقى بار، بۇ يەردە قېلىنلىقى تەخمىنەن40 مېتىر كېلىدىغان تاشتۇز بار. سىچۇەننىڭ پەنشى رايونىدىكى يەنيۈەن ناھىيىسىدىكى تۇز قاتلىمىنىڭ قېلىنلىقى1000 مېتىردىن ئاشىدۇ؛ «شەرقىي سىچۇەن دەرۋازىسى» دەپ ئاتىلىدىغان ۋەنشيەن ناھىيىسى، جياڭسۇنىڭ خۇەيئەن ناھىيىسى، خۇبېي ئۆلكىسىدىكى چيەنجياڭ ناھىيىسى قاتارلىق جايلارنىڭ تاشتۇز زاپاس مىقدارى ئىنتايىن مول.
پولشادىكى ۋيېلىچكا تۇز كېنىنىڭ120 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى قىسمى قېزىپ بولۇنۇپ، يەر ئاستى تۇز كرىستال سارىيى ۋە تۇز كېنى مۇزېيى ياسالدى. ئەتراپىدىكى تاغ جىنس تاملىرىغا ھايۋانلار ۋە ئادەملەرنىڭ ستېرېئولۇق سۈرەتلىرى ئويۇلغان بولۇپ، چىراغ نۇرىدا چاقناپ تۇرىدۇ، ئادەم ئۆزىنى «خرۇستال ئوردا» غا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. ھەر يىلى700 مىڭ ساياھەتچى بۇ مۆجىزىنى كۆرگىلى كېلىدۇ. بۇ جايغا يەنە تۇز قۇدۇق دوختۇرخانىسى قۇرۇلغان بولۇپ، زىققە ۋە ئۆپكە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار تۇز تەركىبلىك ھاۋادىن نەپەسلىنىش ئارقىلىق داۋالىنىدۇ، بالىلارغا بولغان داۋالاش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى. تېخىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى، بۇ يەردىكى يوغان كرىستال تاشتۇزلارنىڭ ئىچىدە دېڭىز - ئوكيان ئۆسۈملۈكلىرى ۋە مارجانلار بار. بۇ، بۇ جاينىڭ ئەسلىدە قەدىمكى دېڭىز رايونى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
ئا ق ش نىڭ تېكساس شتاتىدىكى كار تۇز كېنى ھەم تاشتۇز ئىشلەپچىقىرىدىغان كان قۇدۇقى، ھەم يەر ئاستى ئىسكىلاتىدۇر. بۇ كاننىڭ قېزىلغىنىغا60 يىلغا يېقىن ۋاقىت بولدى، يەر يۈزىدىن200 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى تاشلاندۇق خاڭ يولىنىڭ ئىككى يېنىدا15 مىڭ ئېغىز ئۆي بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە قىممەتلىك بۇيۇملار ۋە ھۆججەت - ماتېرىياللار ساقلانماقتا.
پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلار ھەر يىلى تەخمىنەن35 مىليون توننا ئاش تۇزى ئىستېمال قىلىدۇ. ئۇنداقتا ئاش تۇزى خوراپ تۈگەمدۇ؟ ئۇنداق بولمايدۇ. چۈنكى تاغ جىنس تۇزىدىن باشقا يەنە دېڭىز تۇزى، كۆل تۇزى، قۇدۇق تۇزى قاتارلىقلار بار. دېڭىز - ئوكياندا2000 كۇب كىلومېتىر ئېرىگەن ئاش تۇزى بار. ئەگەر ئۇنىڭدىن كەڭلىكى بىر كىلومېتىر، ئېگىزلىكى280 مېتىر كېلىدىغان سېپىل ياسالسا، ئېكۋاتورنى بويلاپ يەر شارىنى بىر ئايلىنىپ چىققىلى بولىدۇ. ئېلىمىزنىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى سايدام ئويمانلىقىدا24 تۇز كۆلى بار، كۆلدىكى ئاش تۇزى زاپاس مىقدارى40 مىليارد توننىدىن ئارتۇق بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ1000 يىلدىن كۆپرەك ئىستېمال قىلىشىغا يېتىدۇ. چىڭخەي - شىزاڭ تاشيولىنىڭ32 كىلومېتىر كېلىدىغان بۆلىكى چارخان تۇز كۆلىدىن ئۆتىدۇ، يول ئۇلىدىن تارتىپ يول يۈزىگىچە پۈتۈنلەي تۇز يېيىتىلغان بولۇپ، «30 كىلومېتىرلىق تۇز كۆۋرۈك» دەپ ئاتىلىدۇ.