فتورىت
مېتال ۋە ئېنېرگىيە
قەدىمكى ھىندىستانلىقلار بىر كىچىك تاغدا كۆزەينەكلىك يىلاننىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ دائىم بىر يوغان تاشنى ئايلىنىپ يۈرىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ ئاجايىپ تەبىئىي ھادىسە كىشىلەرنىڭ بۇ سىرنى ئېچىشقا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىغان. ئەسلىدە ھەر كۈنى كەچ كىرىشى بىلەنلا بۇ چوڭ تاش سۇس كۆك رەڭلىك نۇر چىقارغاچقا، يورۇقلۇققا ئىنتىلگۈچى نۇرغۇن ھاشاراتلار بەس - بەستە بۇ تاش ئەتراپىدا ئۇچۇپ يۈرۈشىدىكەن. پاقىلار بۇ ھاشاراتلارنى تۇتۇپ يەيدىكەن، يېقىن جايدا يوشۇرۇنۇپ ياتقان كۆزەينەكلىك يىلانلار بولسا بۇ پاقىلارنى تۇتۇپ يەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بۇ خىل تاشنى «يىلان كۆزى تاش» دەپ ئاتىغان. كېيىنچە يىلان كۆزى تاشنىڭ فتورىت ئىكەنلىكىنى بىلگەن.
فتورىتنىڭ تەركىبى كالتسىي فتورىد، تەركىبىدە ھەر خىل ئاز ئۇچرايدىغان ئېلېمېنتلار بولغانلىقتىن، كۆپىنچە قىزغۇچ بىنەپشە، ياپيېشىل، سۇس كۆك رەڭدە بولىدۇ. رەڭسىز، سۈزۈك فتورىت ئاز ئۇچرايدۇ، ئۇ ناھايىتى قىممەتلىك. كرىستالىنىڭ شەكلى كۇبسىمان، سەككىز ياقلىق ياكى رومبىسىمان12 يۈزلۈك بولىدۇ. ئەگەر فتورىتنى ئۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق فلۇئورېسسېنسىيىلىك چىراغقا تۇتسا، چىرايلىق يالتىراق نۇر چىقىرىدۇ. فلۇئورېسسېنسىيىلىك چىراغدا نۇرلىنىدىغانلاردىن يەنە ئاق ۋولفرام رۇدىسى ۋە ئالماس قاتارلىقلار بار.
فتورىت ۋە ئۇنىڭدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار30 دىن ئارتۇق سانائەت تارمىقىدا ئىشلىتىلىدۇ. پولات - تۆمۈر تاۋلىغاندا فتورىت قوشۇلسا ئېرىتمىنىڭ ئېقىشچانلىقىنى ئاشۇرغىلى، گۈڭگۈرت ۋە فوسفور قاتارلىق زىيانلىق ئارىلاشمىلارنى چىقىرىپ تاشلىغىلى بولىدۇ.
دۇنيادىكى فتورىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ يېرىمى گىدروفتورىك كىسلاتا ياساشقا ئىشلىتىلىپ، ئۇنىڭدىن كرىئولىت ياسىلىدۇ، بۇ ئاليۇمىن تاۋلاش سانائىتى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ. توڭلاتقۇدىكى سوۋۇتقۇچى رېئاكتىپ (فرېئون) غا فتورىت ئىشلىتىلىدۇ.1986 - يىلى ئېلىمىزدىكى بىرىنچى ئەۋلاد سۈنئىي قانغىمۇ فتورىت ئىشلىتىلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالىملار فتورىدلىق ئەينەك ياساشنى تەتقىق قىلماقتا،20 مىڭ كىلومېتىر كەڭلىكتىكى تىنچ ئوكياندىن قايتا تارقىتىش پونكىتىسىزمۇ تارقىلالايدىغان يېڭى تىپتىكى ئوپتىكىلىق تالالىق ئالاقىلىشىش ماتېرىياللىرىنى ياساپ چىقىش مۇمكىن.
دۇنيادىكى فتورىتنىڭ ئومۇمىي زاپاس مىقدارى1 مىليارد توننا، ئېلىمىز دۇنيادىكى فتورىت زاپاس مىقدارىنىڭ %35 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئارخېئولوگىيىلىك قېزىشلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن7000 يىل ئىلگىرى جېجياڭنىڭ يۈيياۋدىكى خېمۇدۇ ئادىمى فتورىتنى زىننەت بۇيۇمى قىلغان. خېمۇدۇنىڭ جەنۇبىدا ھەقىقەتەنمۇ فتورىت كېنى بار.
فتور فتورىتتىلا بولۇپ قالماستىن، بەزى يەر ئاستى سۈيى ۋە ئارىشاڭلاردىمۇ بولىدۇ. ئېلىمىزنىڭ ئىچىملىك سۇ ئۆلچىمىدە ھەربىر لىتىر ئىچىملىك سۇدىكى فتورىد مىقدارى بىر مىللىگرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى بەلگىلەنگەن. مۇبادا فتور مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە، فتوردىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يېنىكرەك بولغاندا چىش قارىداپ «فتور دېغىلىق چىش» بولۇپ قالىدۇ، ئېغىر بولغاندا سۆڭەك بوغۇملىرىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، ھەتتا ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالىدۇ. يەرلىك خاراكتېرلىك فتوردىن زەھەرلىنىش بەش قىتئەدىكى30 دىن ئارتۇق دۆلەتتە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. ئېلىمىزدىكى فتوردىن زەھەرلەنگەن كېسەللىك رايونى23 ئۆلكە، شەھەرگە تارقالغان بولۇپ، شەندۇڭدا ئەڭ ئېغىر. تەتقىقاتچىلار تەبىئىي زېئولىت ۋە زەمچە تاش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ فتور مىقدارىنى تۆۋەنلىتىشتە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.