UyghurWiki
UyghurWikiمېتال ۋە ئېنىرگىيەمەرمەر تاش

مەرمەر تاش

مېتال ۋە ئېنېرگىيە مەرمەر تاش بىر خىل ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش ۋە تاش ئويما ماتېرىيالى. مەرمەر تاشنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ. ئۇنىڭ ئىچىدە قاردەك ئاپئاق ئۇششاق دانچىلىق بىر خىل مەرمەر تاش بولۇپ، ئاق مەرمەر دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ گۈزەللىك، ئېسىلزادىلىك ۋە پولاتتەك مۇستەھكەملىكنىڭ سىمۋولىدۇر. ئېلىمىزنىڭ تيەنئەنمېن ئالدىدىكى نەقىشلىك تۈۋرۈك، فرانسىيىنىڭ پارىژدىكى لوئۇرې سارىيىدىكى بىلىكى ئۈزۈك ۋىناسنىڭ ھەيكىلى ئاق مەرمەردىن ياسالغان نادىر ئەسەرلەردۇر. مەرمەر تاشنىڭ ئاساسلىق تەركىبى كالتسىي كاربونات، ئۇ نەچچە يۈز مىليون يىللار ئىلگىرىكى قەدىمكى گېئولوگىيىلىك دەۋردە شەكىللەنگەن. ئۇ ۋاقىتلاردا مەرمەر تاش كۆپ چىقىدىغان جايلار پايانسىز دېڭىز ئىدى، دېڭىز تېگىگە نۇرغۇن كالتسىي كاربونات ۋە جانلىقلارنىڭ تاپلىرى چۆكمىلەشكەن. چۆكمىلەر تەركىبىدىكى ئارىلاشمىلار ئوخشاش بولمىغاچقا، ھەرقايسى قەۋەتلەرنىڭ رەڭگىمۇ ئوخشاش بولمىغان. كېيىن دېڭىز - قۇرۇقلۇقلارنىڭ يۆتكىلىشى نەتىجىسىدە بۇ كالتسىي كاربوناتلىق چۆكمە ماددىلار قېتىشىپ ھاك تاشنى شەكىللەندۈرگەن. ھاك تاش شەكىللەنگەندىن كېيىن، يەر پوستى ھەرىكىتى ۋە ماگمىنىڭ قىزدۇرۇشىغا قايتا ئۇچرىسا، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە يۇقىرى بېسىم شارائىتىدا قاتتىق ھاك تاشلىرى يۇمشاق يېرىم ئاقما ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ، بېسىم كۈچى ئۆزگەرگەندە يۇغۇرۇلۇپ، ئۆزئارا سىڭىشىپ، ئەسلىدە قاتقات پېچىنىگە ئوخشاش ھاك تاشلىرى ئېرىگەندىن كېيىن قايتىدىن كرىستاللىشىدۇ، شۇڭا مەرمەر تاشتا دائىم ئەگرى - بۈگرى سىزىقلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. مەرمەر تاشنىڭ يۇمشاق - قاتتىقلىقى مۇۋاپىق، تۆمۈر ئەسۋابلار بىلەن نەقىش چىقىرىش ئاسان، ناھايىتى مۇستەھكەم، ئاسان يېرىلمايدۇ. ئىلگىرىكىلەر ئۇنىڭدىن بۇت، ئادەم، ھايۋان، ئابىدە، رېشاتكا قاتارلىقلارنى ئويغان. ئىتالىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز بويىغا جايلاشقان كاررارانىڭ «دۇنيانىڭ مەرمەر تاش پايتەختى» دېگەن نامى بار، مەرمەر تاش كېنىنى ئېچىش تارىخى2000 يىلدىن ئاشىدۇ. دۇنيادىكى بىر قىسىم مەشھۇر ئىمارەتلەر، مەسىلەن، فلورېنسىيىدىكى چوڭ چېركاۋ، پىسا يانتۇ مۇنارى، ساينت پېتېربۇرگ مۇزېيى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك كاررارانىڭ مەرمەر تېشى ئىشلىتىلگەن. گەرچە مەرمەر تاش سۇ ئۆتمەس، سوغۇققا چىداملىق، مۇستەھكەم بولسىمۇ، بىراق ئۇ كىسلاتاغا چىدامسىز، ناھايىتى ئاسانلا كىسلاتانىڭ ئۇپرىتىشىغا ئۇچرايدۇ. شۇڭا «20 - ئەسىردىكى بوشلۇق ئەزرائىلى» دەپ ئاتالغان كىسلاتالىق يامغۇر مەرمەر تاشتىن ياسالغان دۇنيا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ئېغىر تەھدىت سالماقتا. لوندوندىكى ئىمارەتلەرگە چاپلانغان مەرمەر تاشلار كىسلاتالىق تۇماننىڭ سەۋەبىدىن سويۇلۇپ چۈشكەن.
← بارلىق تېمىلار مېتال ۋە ئېنىرگىيە