سىرەك يەر مېتال رۇدىلىرى
مېتال ۋە ئېنېرگىيە
1894 - يىلى فىنلاندىيىلىك خىمىك جون گاردىلىن شۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ئەتراپىدىكى ئىتتېربى كەنتىدىكى قارامتۇل پارقىراق تاشنى (1789 - يىلى بايقالغان) ئانالىز قىلغاندا، %38 ئېلېمېنتنىڭ نامىنى تاپالمىغان. شۇ ۋاقىتتا بۇ خىل تاش ئىنتايىن ئاز ئۇچىرايتتى، ئۇ سۇدا ئېرىمەيدۇ ھەم مېتال پارقىراقلىقى يوق، سىرەك يەر ئېلېمېنتلارنىڭ ئوكسىدلىرىغا ناھايىتى ئوخشايدىغانلىقى ئۈچۈن «سىرەك يەر» دېگەن نام بېرىلگەن.
ئالىملار1751 - يىلى سېرىي مىنېرالىنى بايقىغاندىن تارتىپ تاكى20 - ئەسىرنىڭ40 - يىللىرىدىكى ئۇراننىڭ يىمىرىلگەن مەھسۇلاتلىرى ئىچىدىن پرومىتىينى تاپقۇچە200 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، سىرەك يەر مېتاللار ئائىلىسىنىڭ17 ئەزاسىنىڭ ھەممىسىنى تېپىپ چىقتى. ئاتوم ئېغىرلىقى نىسبەتەن يېنىك بولغان لانتان، سېرىي، پرازېئودىمىي، نېئودىمىي، پرومىتىي، سامارىي، يېۋروپىي قاتارلىقلار يېنىك سىرەك يەر ئېلېمېنتلار دەپ ئاتىلىدۇ. ئېغىر سىرەك يەر ئېلېمېنتلارنىڭ ئاتوم ئېغىرلىقى نىسبەتەن ئېغىر بولۇپ، ئىتترىي گۇرۇپپىسىدىكى سىرەك يەر ئېلېمېنتلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلار گادولىنىي، تېربىي، دىسپروزىي، گولمىي، ئېربىي، تۇلىي، ئىتتېربىي، لۇتېتسىي، ئىتترىي، سكاندىي قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئەمەلىيەتتە سىرەك يەر ئېلېمېنتلارنىڭ مىقدارى «ئاز» مۇ ئەمەس. ئۇلارنىڭ يەر پوستىدىكى مىقدارى قوغۇشۇن، سىنك، مىس، قەلەي، ۋولفرامنىڭ مىقدارىدىن كۆپ. بۇ ئېلېمېنتلارنىڭ ھەممىسى مېتال بولغاچقا، كىشىلەر ئۇلارنى سىرەك يەر مېتاللار دەپ ئاتىغان.
دۇنيادا250 تىن ئارتۇق مىنېرال تەركىبىدە سىرەك يەر ئېلېمېنتلار بارلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە سىرەك يەر ئېلېمېنتلار مىقدارى % 8 .5 تىن يۇقىرى بولغانلىرى65 خىلغا يېتىدىغانلىقى مەلۇم بولدى. ئېچىش قىممىتى بولغان مىنېراللاردىن ئاساسلىقى: مونازىت، باستنېزىت، فتورلۇق رومبىسىمان كالتسىي - سېرىي رۇدىسى (پارىسىت)، فتوروھىدروكاربونلۇق سېرىي - لانتان رۇدىسى، ئاللانىت، پىروخلورىد، كسېنوتىم، گادولىنىت، فېرگۇسونىت، تىتان - ئىتترىي رۇدىسى قاتارلىقلار بار.
دۇنيادىكى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان سىرەك يەر ئېلېمېنتلار ئوكسىدلىرىنىڭ زاپاس مىقدارى تەخمىنەن50 مىليون توننا، جۇڭگودىكى سىرەك يەر ئېلېمېنت زاپىسى دۇنيا ئومۇمىي زاپاس مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %80 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئېلېمېنتلار ئاساسلىقى ئا ق ش، ھىندىستان، روسىيە، جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەردىن چىقىدۇ.1935
- يىلى مەشھۇر مىنېرالوگىست، پروفېسسور خې زولىن ئېلىمىزنىڭ ئىچكى موڭغۇلدىكى بايان ئوبودىن تېپىلغان فتورىت تىپىدىكى رۇدا ئەۋرىشكىسىنى تەتقىق قىلىپ، سىرەك يەر مىنېرالى − بايان رۇدىسى بىلەن ئوبو رۇدىسى (باستنېزىت ۋە بېككېلىت) نى تېپىپ، تۆمۈر كېنىدا نۇرغۇن قىممەتلىك ماددىلارنىڭ بىرگە مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. كېيىن سىستېمىلىق تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭ دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان ئالاھىدە چوڭ تىپتىكى تۆمۈر، سىرەك يەر مېتال كېنى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. بۇ كاندىكى سىرەك يەر قېزىلما بايلىق زاپاس مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %95 ىنى ئىگىلەيدۇ.
سىچۇەن، گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭدا سىرەك يەر مېتال كېنى بار. يېقىنقى يىللاردا جياڭشىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن گرانىت يىمىرىلدىلىرى ئىئونلىرىنىڭ يېپىشىش تىپىدىكى سىرەك يەر مېتال كېنى بايقالدى. خەينەن ئارىلى، گۇاڭدۇڭ، شەندۇڭ، جېجياڭلارنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى قۇم كانلىرىدىن كسېنوتىم ۋە مونازىت چىقىدۇ.
سىرەك يەر ئېلېمېنتلار ئائىلىسىدىكى «17 ئاچا - سىڭىل» نىڭ خۇسۇسىيىتى ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. خىمىكلار ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئازراق پەرقتىن پايدىلىنىپ، ئورگانىك ئېرىتمە، ئىئون ئالماشتۇرۇش، ئېلېكترولىزلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۇلارنى بىر - بىرلەپ ئايرىپ چىقىدۇ. سىرەك يەر مېتاللارنىڭ يېڭى كېسىلگەن يۈزى كۆپىنچە كۈمۈش رەڭ بولىدۇ؛ ھاۋاغا ئېچىلىپ قالغاندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە ئۆڭىدۇ، ئادەتتە ئۇلار كىرسىندا ساقلىنىدۇ.
سىرەك يەر ئېلېمېنتلارنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيىتى، مەسىلەن، كاتالىزاتورلۇق خۇسۇسىيىتى، ئوپتىكىلىق خۇسۇسىيىتى، ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتى ۋە يادرو خۇسۇسىيىتى ئۇلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىشلىتىلىش يوللىرىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇلار ھازىرقى زامان سانائىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئاز ھەم ساز ئىشلىتىلىپ، «گۈل ئۈستىگە گۈل قوشۇلغان» دەك رول ئوينىماقتا، شۇڭا ھازىرقى زامان «سانائىتىنىڭ ۋىتامىنى» دەپ ئاتىلىدۇ. نۆۋەتتە، دۇنيادا ئېچىلغان يېڭى مەھسۇلاتلاردىن ھەر100 خىلىنىڭ ئىچىدە تۆتى سىرەك يەر مېتاللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.