ئۇران
مېتال ۋە ئېنېرگىيە
ئۇران ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىدە92 - ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ نامنى گېرمانىيىلىك M.H. كلاپروت1786 - يىلى بايقالغان پلانېت ئۇران (sunarU) نى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن قويغان.1896 - يىلى فرانسىيىلىك ھېنرى بېككۇرېل ئۇرانلىق بىرىكمىلەرنىڭ سۈرەت نېگاتىپىنى نۇرلاندۇرىدىغانلىقىنى تاسادىپىي بايقاپ، ئۇران رۇدىسىنىڭ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان نۇر چىقىرىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغان. بۇ خىل خۇسۇسىيەت رادىئوئاكتىپلىق دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئالىملار رادىئوئاكتىپ نۇرلارنى قوبۇل قىلالايدىغان بىر خىل ئەسۋابنى لايىھىلەپ، ئۇ ئارقىلىق ئۇران كېنىنى قىدىرىپ تەكشۈرگەن.
ئۇران تاغ جىنسلىرىدا كۆپىنچە بىرىكمە ماددا ھالىتىدە ئۇچرايدۇ، دۇنيادا ھازىرغىچە بايقالغان ئۇران مىنېرالى بىلەن تەركىبىدە ئۇران بولغان مىنېرال190 خىلغا يېتىدۇ. سانائەتتە قېزىش قىممىتى بولغانلىرىدىن ئاساسلىقى قارا رەڭلىك ئوكسىدلىق كرىستاللىق ئۇران رۇدىسى، ئاسفالتلىق ئۇران رۇدىسى، كالىي - ۋانادىيلىق ئۇران رۇدىسى، سىلىتسىي - كالتسىيلىق ئۇران رۇدىسى قاتارلىقلار.1987 - يىلىغا كەلگەندە دۇنيادا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ئۇراننىڭ زاپاس مىقدارى2 مىليون670 مىڭ توننىغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئا ق ش دىكىسى407 مىڭ200 توننا بولۇپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
دېڭىز سۈيىنىڭ تەركىبىدىمۇ ئۇران بار، ئۇنىڭ زاپاس مىقدارى تەخمىنەن4 مىليارد توننا كېلىدۇ.20 - ئەسىرنىڭ60 - يىللىرىدىن بۇيان، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دېڭىز سۈيىدىن ئۇران ئايرىپ ئېلىش ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ باردى. ياپونىيە ئىلغار بولغان بىر خىل ئالىي دەرىجىلىك ئادسوربېنتنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، ئۇنى دېڭىزغا چۆكتۈرسە، ھەربىر گرامى تۆت مىللىگرام ئۇراننى سۈمۈرىدۇ، بۇ ئادەتتىكى تىتانىك كىسلاتا تېخنىكىسىنى قوللانغانغا قارىغاندا20 ھەسسە يۇقىرى.
ئەگەر يەر شارىدىكى ئۇراندىن تولۇق پايدىلىنىلىدىغان بولسا، ئۇران ئېنېرگىيىسى كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئومۇمىي ئېنېرگىيە مىقدارىنىڭ10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.1 مىليون كىلوۋاتلىق ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسى بىر يىل ئىچىدە2 مىليون500 مىڭ توننا كۆمۈرنى سەرپ قىلىدۇ، ئەگەر ئۇران ئىشلىتىلسە تەخمىنەن100 توننىلا كېتىدۇ. ئەگەر تېخىمۇ ئىلغار بولغان چوڭ تىپتىكى تېز نېيترون كۆپەيتىش رېئاكتورىدىن پايدىلىنىلسا، ئۇران ئېنېرگىيىسى يىمىرىلىش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ يېڭى تىپتىكى يادرو يېقىلغۇسىنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇنىڭغا پەقەت بىر توننا ئۇران بولسىلا كۇپايە.
كىشىنى ئېچىندۈرىدىغىنى شۇكى، ناھايىتى ئۈمىدلىك بۇ خىل يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسى دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا، ئۇنىڭدىن زور كۆلەملىك قىرغۇچى قورال − ئاتوم بومبىسى ياسالدى.1945 - يىلى8 - ئايدا، ئا ق ش ئىككى دانە ئاتوم بومبىسىنى ياپونىيىدىكى خروشما ۋە ناگاساكىغا تاشلاپ، نەچچە يۈز مىڭ ئادەمنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈشى ۋە رادىئوئاكتىپلىق زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە قورقۇنچلۇق سايە پەيدا بولدى.1954
- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇنجى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، ھەرقايسى دۆلەتلەر بەس - بەستە يادرو ئېلېكتر سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇردى. ئا ق ش يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى ئارقىلىق چىقارغان توكنىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ؛ فرانسىيىدە يادرو توكنىڭ ئومۇمىي تارقاتقان توك مىقدارىدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتى %70 كە يېتىدۇ، فرانسىيە بۇ جەھەتتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئېلىمىزدە چىنشەن يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى بىلەن گۇاڭدۇڭدىكى دايا قولتۇقى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلدى.1986
- يىلى4 - ئايدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى چېرنوبىل يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقە بەزى كىشىلەرنىڭ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان گۇمانىنى قوزغىدى. ئەمما ئالىملارنىڭ كېسىپ ئېيتىشىچە، باشقۇرۇش ۋە تېخنىكا جەھەتتە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللانسىلا، ۋەقەدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىرقى تېخنىكىلارغا تايىنىپ ۋەقەنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن تامامەن ساقلانغىلى بولىدۇ.
يادرو ئېنېرگىيىسى ئارقىلىق چىقارغان توكنىڭ مىقدارى كۆپ بولۇپ، پايدىلىنىش ئۈنۈمى يۇقىرى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمىمۇ ياخشى. ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا گەرچە ئۇنىڭغا سېلىنىدىغان مەبلەغ بىرقەدەر كۆپ بولسىمۇ، ئەمما يېقىلغۇ خىراجىتى بىرقەدەر تۆۋەن، يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ تەننەرخىنى ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ يېرىمى ئەتراپىدا تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. يادرو ئېنېرگىيىسى مۇشۇ ئەسىردىكى مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەسى بولۇپ قالغۇسى.