UyghurWiki
UyghurWikiمېتال ۋە ئېنىرگىيەتەبىئىي گاز

تەبىئىي گاز

مېتال ۋە ئېنېرگىيە تەبىئىي گاز يەر قاتلىمى ئىچىدە ساقلىنىدىغان بىر خىل تەبىئىي گاز يېقىلغۇ. ئۇنىڭ ھاسىل بولۇش سەۋەبى نېفىت بىلەن ئوخشاش، بىراق جايلىشىش دائىرىسى ۋە پەيدا بولۇش تېمپېراتۇرا دائىرىسى نېفىتنىڭكىدىن كۆپ كەڭرى. بىرقەدەر تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق شارائىتتىمۇ، يەر قاتلىمىدىكى ئورگانىك ماددىلار باكتېرىيىنىڭ تەسىرىدە تەبىئىي گاز ھاسىل قىلىدۇ. بەزى تەبىئىي گازلار نېفىت بولمىغان تاغ جىنسلىرى قاتلىمىدىمۇ ساقلىنىدۇ؛ بەزىلىرى نېفىت بىلەن بىللە ساقلىنىدۇ. نېفىتنى بۇرغىلاپ تەكشۈرگەن ۋاقىتتا يۈز بېرىدىغان ئېتىلىپ چىقىش ھادىسىسى يەر قاتلىمىدىكى تەبىئىي گازنىڭ يۇقىرى بېسىم ئاستىدا سىرتقا ئېتىلىپ چىقىشىدىن شەكىللىنىدۇ. تەبىئىي گاز بىر خىل رەڭسىز گاز جىسىمدۇر، شۇڭا ئۇنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدۇ. بىراق ئۇنىڭدا گاز پۇرىقى بولۇپ، كىشىلەر پۇراش سېزىمىغا ئاساسەن ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى سېزەلەيدۇ. تەبىئىي گازنىڭ ئاساسلىق تەركىبى مېتان، ئۇنىڭدىن قالسا ئېتان، بۇتان، پروپان، بۇلاردىن باشقا يەنە كاربون (Ⅳ) ئوكسىد، ھىدروسۇلفىد، ئازوت، ھىدروگېن قاتارلىق گاز جىسىملار بار. تەبىئىي گازنىڭ خۇسۇسىيىتى جانلىق، ئۇچۇچان، كۆيىدۇ، كۆيگەندە ئىس چىقمايدۇ، كۈلى بولمايدۇ، ئۇ بىرقەدەر پاكىز يېقىلغۇ.1000 كۇب مېتىر تەبىئىي گازدىن ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق مىقدارى3000 كىلوگرام كۆمۈر ياكى ئالتە كۇب مېتىر ياغاچ كۆمۈر چىقارغان ئىسسىقلىققا باراۋەر كېلىدۇ. تەبىئىي گاز يەنە بىرىكمە ئاممىياك، ئاتسېتىلېن، مېتانول، ئىسپىرت، بىرىكمە تالا، قۇرۇم قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم خىمىيە سانائىتى خام ئەشياسىدۇر. دۇنيادا ھازىرغىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان تەبىئىي گازنىڭ زاپاس مىقدارى100 تىرىليون كۇب مېتىردىن ئاشىدۇ. روسىيە ۋە ئىراندىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتتىكى تەبىئىي گاز زاپاس مىقدارى دۇنيادىكى تەبىئىي گاز ئومۇمىي زاپاس مىقدارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، ئانتاركتىدا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تەبىئىي گازنىڭ زاپاس مىقدارى300 مىليارد كۇب مېتىر ئىكەن. ئېلىمىز تەبىئىي گاز بايلىقى مول دۆلەت. مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقى ھەمدە دېڭىز بويى ماتېرىك بوسۇغىسىدىكى تەبىئىي گاز ئومۇمىي بايلىقىنىڭ مىقدارى3 ~4 تىرىليون كۇب مېتىر ئىكەن. ھازىرغىچە گاز مىقدارى5 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشىدىغان ئون نەچچە تەبىئىي گازلىق تېپىلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە گاز مىقدارى10 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشىدىغان ئوتتۇرا تىپتىكى گازلىق ئالتە.1982 - يىلىدىن باشلاپ جۇڭگو - ئا ق ش ھەمكارلىقىدا قىدىرىپ تەكشۈرۈلگەن يىڭگېخەي تەبىئىي گازلىقىدىكى تەبىئىي گازنىڭ گېئولوگىيىلىك زاپاس مىقدارىنىڭ100 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشىدىغانلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى
← بارلىق تېمىلار مېتال ۋە ئېنىرگىيە
تەبىئىي گاز | UyghurWiki | UyghurWiki