ئارسېنولىت
مېتال ۋە ئېنېرگىيە
سەنكىيا بىر خىل كۈچلۈك زەھەر. ئۇنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى ئارسېن ترىئوكسىد، تەبىئىي چىقىدىغىنى ئارسېنولىت دەپ ئاتىلىدۇ، سۈنئىي ئۇسۇلدا ياسالغىنى سەنكىيا (ئاق مەرگىمۇش) دېيىلىدۇ. سەنكىيا كۆيگەندە ناھايىتى سېسىق پۇراق چىقىدۇ، يېقىن ئەتراپتىكى ھاشاراتلارنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرەلەيدۇ، يىلان ۋە ياۋايى ھايۋانلار ئۇنى پۇراپ قالسىلا قېچىپ كېتىدۇ. ئۇ ئاق رەڭلىك كرىستال ھالەتتە ياكى پاراشوك ھالەتتە بولغاچقا، «ئاق سەنكىيا» ياكى «ئاق ئارسېن» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
سەنكىيا مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇلدا شەكىللىنىدۇ: بىرى، تاغ جىنسلىرىنىڭ يېرىقلىرىدا تەبىئىي شەكىللىنىدۇ؛ يەنە بىرى، بىرلەمچى ئارسېن مىنېراللىرى (مەسىلەن، زەرنىخ قاتارلىقلار) يەر يۈزىدە يىمىرىلگەندىن كېيىن پاراشوكسىمان ئارسېنولىت شەكىللىنىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ مىقدارى ئاز، كۆپ مىقداردىكى سەنكىياغا ئېھتىياجلىق بولغاندا، ھەمىشە زەرنىخ، سېرىق مەرگىمۇش ۋە سەنكىيا رۇدىسى قاتارلىق مىنېراللارنى ℃400 قىچە قىزدۇرۇپ ئېلىنىدۇ. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىمالىي قىسمى بىلەن خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىمېن ناھىيىسىدىكى گۈڭگۈرت كېنىدا ئىلگىرى سەنكىيا تاۋلىغانىدى. نەتىجىدە، ئەتراپتىكى تاغلاردىكى ئوت - چۆپلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇپ كەتتى، تۇپراق ۋە سۇ ئارسېندىن ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاندى. سەنكىيا ئېلىشقا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ تېرىسى شەلۋەرەپ، راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈپ كەتتى. خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمىدە ھەربىر لىتىر ئىچىملىك سۇدىكى ئارسېننىڭ مىقدارى بىر تىرىليوندىن بەشتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.
سەنكىيا گەرچە زەھەرلىك بولسىمۇ، لېكىن ئىشلىتىلىش مىقدارى مۇۋاپىق بولسا بەزىبىر كېسەللىكلەر (سىفلىس قاتارلىق) گە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. ئا ق ش ۋە گېرمانىيە قاتارلىق بەزى دۆلەتلەردىكى نۇرغۇن ئالىملار ھايۋانلارنى سىناق قىلىش ئارقىلىق يېمەكلىكتە مۇۋاپىق مىقداردا سەنكىيا بولسا راكنى پەيدا قىلىدىغان ماددىلارنى تىزگىنلەش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. راك كېسەللىكىگە قارىتا مۇئەييەن داۋالاش ئۈنۈمى بولغان لامىنارىيە تەركىبىدە ناھايىتى ئاز مىقداردا ئارسېن بار.
زور كۆلەملىك توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتر يولى (ئېلېكتر زەنجىرى) دا چوقۇم ئارسېن بىلەن گاللىيدىن تۈزۈلگەن گاللىي ئارسېنىد كرىستالى (يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىيالى) ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل ئارسېن سەنكىيادىن ئېلىنىدۇ.