تىتان رۇدىسى
مېتال ۋە ئېنېرگىيە
1795 - يىلى گېرمانىيىلىك خىمىك مارتىن كلاپروس تىتاننى يۇنان رىۋايەتلىرىدىكى يەر ئىلاھەسىنىڭ ئوغلى «تىتان» نىڭ نامى بىلەن ئاتىغان. تىتان مۇستەھكەم، يېنىكرەك، چىرىتىشكە، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداملىق بولغاچقا، راكېتا، سۈنئىي ھەمراھ، ئالەم ئايروپىلانى، ئالەم كېمىسى ياساشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك «بوشلۇق مېتال» ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.
تىتاننىڭ يەر پوستىدىكى مىقدارى % 64 .0 بولۇپ، ئاليۇمىن، تۆمۈر، ماگنىيدىن قالسىلا تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، مىس، قوغۇشۇن، سىنك، قەلەي قاتارلىق دائىم ئىشلىتىلىدىغان رەڭلىك مېتال ئېلېمېنتلىرى مىقدارىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ بىرنەچچە ھەسسە كۆپ. ھازىرغا قەدەر تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان800 خىل رۇدا ئىچىدە تىتان تەركىبى بولغىنى784 خىل. شۇڭا تەبىئەت دۇنياسىدا تەركىبىدە تىتان ئېلېمېنتى بولمىغان رۇدىلار ئىنتايىن ئاز دېيىشكە بولىدۇ. تىتان تاۋلايدىغان ئاساسلىق سانائەت مىنېرال خام ئەشياسى قىزىل تاش، ئىلمېنىت، پېروۋسكىت، تىتانوماگنېتىت ۋە ئاناتازا قاتارلىقلار. قىزىل تاشنىڭ تەركىبى تىتان دىئوكسىد، كرىستالى دانچىسىمان ۋە يىڭنىسىمان، دائىم ئۇچرايدىغىنى تىزسىمان قوش كرىستال بولۇپ، ئۇنىڭ توپلاما تەنچىسى دانچىسىمان ياكى زىچ كاللەكسىمان بولىدۇ. ئۇ قوڭۇر قىزىل ياكى قىزغۇچ جىگەر رەڭدە بولىدۇ، ئالماستەك پارقىرايدۇ. تۆمۈردىن قاتتىق، ئەمما خرۇستالدىن يۇمشاق. ئوخشاش ھەجىمدىكى سۇدىن3 .4 ھەسسە ئېغىر. بىرلەمچى رۇدىسى مېتامورفىلىق جىنستىن چىقىدۇ. ئېلىمىزنىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدىكى زاۋياڭ ناھىيىسى، خېنەن ئۆلكىسىدىكى شىشيا ناھىيىسى، فاڭچېڭ ناھىيىسى، شەنشى ئۆلكىسىدىكى شاڭنەن ناھىيىسى قاتارلىقلاردىن چوڭ تىپتىكى (200 مىڭ توننىدىن ئاشىدىغان) قىزىل تاش كېنى تېپىلدى.
ئەڭ مۇھىم بىرلەمچى تىتان كان قىنىنىڭ سانائەت تىپى ۋانادىي - تۆمۈر - ماگنېتىت كان قىنىدۇر. سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىدىكى پەنجىخۇادا دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان ئالاھىدە چوڭ تىپتىكى ۋانادىي - تىتان تەركىبلىك ماگنېتىت كېنى بار، ئۇ ئېلىمىزنىڭ مۇھىم پولات - تۆمۈر سانائىتى بازىلىرىنىڭ بىرى. كان قىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى نەچچە ئون كىلومېتىر، كەڭلىكى نەچچە كىلومېتىر، كان گەۋدىسىنىڭ ئومۇمىي قېلىنلىقى نەچچە ئون مېتىردىن200 ~300 مېتىرغىچە كېلىدۇ، تىتان دىئوكسىد مىقدارى % 3 ~ % 16 . تۆمۈر، تىتان، ۋانادىيدىن باشقا يەنە خروم، مىس، كوبالت، نىكېل، گاللىي، مانگان، فوسفور، سېلېن، تېللۇر، سكاندىي ۋە پلاتىنا گۇرۇپپىسى ئېلېمېنتلىرى چىقىدۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ گۆھەر تاغ.
بىرلەمچى تىتان كان قىنى يىمىرىلىپ بۇزۇلغاندىن كېيىن تىنچ ئورۇنغا يۆتكىلىپ قايتىدىن توپلىنىش ئارقىلىق قىزىل تاش قۇم كېنى ۋە ئىلمېنىت قۇم كېنىنى ھاسىل قىلىدۇ.
دۇنيادا تەخمىنەن150 جايدىن تىتان رۇدىسى چىقىدۇ. جۇڭگونىڭ تىتان رۇدىسى زاپاس مىقدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. سىچۇەننىڭ پەنجىخۇادىكى تىتان بايلىقى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي زاپاس مىقدارىنىڭ 7%.92 ىنى ئىگىلەيدۇ. بىراق ئېلىمىزدە بۇ بايلىقتىن پايدىلىنىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن.400
نەچچە كىشىلىك «بوئىن −747 » تىپلىق چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار رېئاكتىپ ئايروپىلانى، «14−F» تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە «مېگا -31 » تىپلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك كۈرەشچى ئايروپىلان قاتارلىقلار تىتاندىن ياسالغان. بىر يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنى ياساش ئۈچۈن نەچچە مىڭ توننا تىتان كېتىدۇ.