شامال ئېنېرگىيىسى
مېتال ۋە ئېنېرگىيە
شامال ئېنېرگىيىسى ئىشلەتكەنگە تۈگەپ كەتمەيدىغان بىر خىل غايەت زور تەبىئىي ئېنېرگىيە مەنبەسى. مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، پۈتۈن دۇنيادىكى پايدىلىنىشقا بولىدىغان شامال ئېنېرگىيىسىنىڭ مىقدارى تەخمىنەن1 مىليارد كىلوۋات بولۇپ، قۇرۇقلۇقتىكى سۇ ئېنېرگىيە بايلىقىدىن10 ھەسسە كۆپ ئىكەن. پەقەت قۇرۇقلۇقتىكى شامال ئېنېرگىيىسىلا نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئوت ئېلېكتر ئىستانسىلىرى چىقارغان توك مىقدارىنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىكەن. شامال ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلانغاندا بۇلغىما چىقمايدۇ، ئۇنىڭغا سېلىنىدىغان مەبلەغ ئاز كېتىدۇ، تېز ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ، باھاسىمۇ ئەرزان.
دۇنيادىكى نۇرغۇن جايلاردا شامال كۈچى بايلىقى خېلى مول. ئانتاركتىدادىكى ۋىكتورىيە لاند يېرىدىكى بىر چوڭ جىلغا ئېغىزىدا بىر يىل ئىچىدە ھەر كۈنى دېگۈدەك يەتتە بالدىن يۇقىرى بوران چىقىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە شامال سۈرئىتى ھەر سېكۇنتىغا4 .19 مېتىرغا يېتىدۇ. ئەگەر بۇ شامال ئېنېرگىيىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ توك تارقىتىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا تولىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئىش بولغان بولاتتى.
ئېلىمىزدە دېڭىز قىرغىقى لىنىيىسى ئۇزۇن، مۇسسون شامىلى كۈچلۈك چىقىدۇ، شامال ئېنېرگىيىسى بايلىقى ناھايىتى مول. دەسلەپكى مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزدىكى شامال ئېنېرگىيىسىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن1 مىليارد600 مىليون كىلوۋات بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پايدىلىنىشقا بولىدىغىنى 10 پىرسەنتكە يېتىدۇ. شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمالى، ئىچكى موڭغۇل يايلىقى، بوخەي قولتۇقى، جياڭسۇ ۋە جېجياڭنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرى شامال ئېنېرگىيىسىنى ئېچىشتىكى ئەڭ ئېسىل رايونلار ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شىمالىي جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسمى بىلەن شىزاڭ ئېگىزلىكىدىمۇ مول شامال كۈچى بايلىقى بار. زامانىۋى يايلاقلاردىكى چارۋىچىلارنىڭ ئىلگىرىكى ئاددىي تۇرمۇش ھالىتى ئاللىقاچان ئۆزگەردى. ھەممىلا ئۆيدە دېگۈدەك كىچىك تىپتىكى شامال كۈچى گېنېراتورى بار بولدى، بۇنىڭ بىلەن چارۋىچىلارنىڭ ئائىلىسى يورۇقلۇققا تولۇپ، ناخشا ئاۋازى ياڭرىدى، دۇنيانى چۈشىنىدىغان كۆزنەك بار بولدى.1891
- يىلى دانىيىلىكلەر شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىدىغان تۇنجى ئېلېكتر ئىستانسىسىنى قۇرغاندىن بۇيان، دۇنيادا نەچچە مىليونلىغان شامال كۈچى گېنېراتورلىرى ئىشلىمەكتە.21 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، شامال ئېنېرگىيىسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئېچىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.