UyghurWiki
UyghurWikiمېتال ۋە ئېنىرگىيەمېتال رۇدىلار

مېتال رۇدىلار

مېتال ۋە ئېنېرگىيە ئادەتتە كىشىلەر ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە پلاتىنا گۇرۇپپىسىدىكى مېتال ئېلېمېنتلار ئالتۇن، كۈمۈشكە قارىغاندا كۆپ قىممەت. پلاتىنا گۇرۇپپىسىدىكى ئېلېمېنتلارنىڭ رۇتېنىي، رودىي، پاللادىي، ئوسمىي، ئىرىدىي، پلاتىنا قاتارلىق ئالتە ئەزاسى بار. پلاتىنا گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەكىلى پلاتىنا بولۇپ، ئادەتتە ئاق ئالتۇن دەپ ئاتىلىدۇ. تارىختا ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن كېرەكسىز نەرسە، ھەتتا خەتەرلىك نەرسە دەپ قارىلىپ كەلگەن.16 −17 - ئەسىرلەردە ئىسپانىيىلىكلەر كۈمۈشكە ئوخشاش بۇ خىل نامى ئېنىق بولمىغان ئېغىر مېتال دانچىلىرىنى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىن ئىسپانىيىگە ئەكىلىپ كۈمۈشتىنمۇ ئەرزان باھادا ساتقان. بەزى ھىيلىگەر كىشىلەر ئۇنى ئالتۇن بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، «ئالتۇن» زىننەت بۇيۇمى ۋە ساختا ئالتۇن پۇل ياسىغان. پادىشاھ بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بارلىق پلاتىنانى دېڭىزغا تۆككۈزۈۋەتكەن.1741 - يىلى ئەنگلىيىلىك دوكتور W· بروۋنلېگ تۇغقانلىرى سوۋغا قىلغان كۈمۈش رەڭلىك بىر پارچە پارقىراق رۇدا − ئىسپانىيىلىك ئالتۇن ئىزدىگۈچىلەر تاشلىۋەتكەن تەبىئىي ئاق ئالتۇن پارچىسىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. بروۋنلېگ ئۇنى ئايرىش، خىمىيىلىك ئانالىز قىلىش ئارقىلىق1750 - يىلى يېڭى ئېلېمېنت − پلاتىنانى بايقىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلىدۇ. كىشىلەر100 يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەبىئىي پلاتىنا رۇدىسىدىن «ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسى» نىڭ باشقا ئەزالىرىنى ئۈزلۈكسىز تېپىپ چىقىدۇ. پلاتىنا گۇرۇپپىسىدىكى ئېلېمېنتلارنىڭ يەر پوستىدىكى مىقدارى مىلياردتىن بىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەمىشە باشقا مېتال رۇدىلىرىغا ئارىلىشىپ كەتكەچكە كىشىلەر ئۇلارنى تاپقىچە زور كۈچ سەرپ قىلىدۇ. نۆۋەتتە بايقالغان پلاتىنا گۇرۇپپىسىدىكى مىنېراللار ۋە تەركىبىدە پلاتىنا گۇرۇپپىسىدىكى ئېلېمېنتلار بولغان مىنېراللار80 خىلدىن ئاشىدۇ. كولومبىيىدىكى پلاتىنو تەيئېر پېنتو دەرياسى ۋە روسىيىدىكى يېكاتېرىنبۇرگتىكى تىنما قۇم پلاتىنا كېنى دۇنياغا داڭلىق. ئاق ئالتۇننى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن روسىيە. جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئاق ئالتۇن زاپىسى دۇنيا ئاق ئالتۇن ئومۇمىي زاپاس مىقدارىنىڭ %3 .82 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، روسىيە، كانادا، كولومبىيە ۋە ئا ق ش قاتارلىق دۆلەتلەر بار.1988 - يىلى زىمبابۋېدە بىر چوڭ پلاتىنا كېنى بايقالدى. ئېلىمىزنىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى خېشى كارىدورىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە يېڭىدىن گۈللەنگەن «شەرق نىكېل پايتەختى» − جىنچاڭ شەھىرى بار. ئۇ نۆۋەتتە ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ پلاتىنا گۇرۇپپىسىدىكى مېتال بايلىق مەنبەسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى. يېقىنقى يىللاردا شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمىدا جىنچۇەندىكىگە ئوخشاش يەنە بىر نىكېل كېنى بايقالدى. پلاتىنا گۇرۇپپىسىدىكى مېتاللاردىن ئوسمىي كۆكۈش كۈل رەڭ بولغاندىن سىرت، قالغانلىرى كۈمۈش رەڭ بولىدۇ. پلاتىنا گۇرۇپپىسىدىكى مېتاللارنىڭ ئېرىش نۇقتىسى يۇقىرى، چىرىتىشكە چىداملىق، تېرموئېلېكترلىك خۇسۇسىيىتى تۇراقلىق، ئېلېكتر ئوت ئۇچقۇنىنىڭ زىيىنىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ياخشى، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتى ۋە كاتالىزاتورلۇق رولىغا ئىگە، سانائەتتە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. پلاتىنادىن زىننەت بۇيۇملىرى ۋە ئاپتوموبىل ماتورى سىۋىچىنىڭ ئېلېكتر قۇتۇپى ياسىلىدۇ؛ ئىرىدىي ۋە ئوسمىي ئىرىدىي ئۇچلۇق قەلەم ئۇچىدىكى كىچىك يۇمىلاق شارچىنىڭ ئاساسلىق ئەشياسى بولۇپ، سۈركىلىشكە چىداملىق؛ رودىي يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا فتورغا تاقابىل تۇرىدۇ، رۇتېنىي گۈڭگۈرت ۋە ھىدروسۇلفىدنىڭ چىرىتىشىگە تاقابىل تۇرىدۇ؛ نورمال تېمپېراتۇرىدا بىر ھەجىمدىكى پاللادىي تەخمىنەن1000 ھەسسە ھەجىمدىكى ھىدروگېن گازىنى سۈمۈرۈۋالىدۇ؛ ئادەتتىكى ئەھۋالدا ھىدروگېن بىلەن ئوكسىگېننىڭ بىرىكىش رېئاكسىيىسىنى تاماملىشى ئۈچۈن ئاز دېگەندە10 مىليون يىل كېتىدۇ، بىراق بۇ رېئاكسىيىگە ئازراق پلاتىنا تالقىنى چېچىۋەتسەك، بىر پارتلاش ئاۋازى بىلەنلا سۇ ھاسىل بولىدۇ. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى پلاتىنا تالقىنى ئەسلىي ھالىتىنى يوقاتمايدۇ
← بارلىق تېمىلار مېتال ۋە ئېنىرگىيە