UyghurWiki
UyghurWikiمېتال ۋە ئېنىرگىيەئاتتاپولگىت

ئاتتاپولگىت

مېتال ۋە ئېنېرگىيە كۆپچىلىككە مەلۇمكى، كۆكىرىپ سۈپىتى ئۆزگەرگەن خاسىڭ، گۈرۈچ، ئۇن، گازىر، سولور شېكىرى بىلەن ئۆسۈملۈك مېيى (بولۇپمۇ خاسىڭ مېيى) تەركىبىدە ھەمىشە كۈچلۈك زەھەرلىك ماددا − ئافلوتوكسىن بولىدۇ، ئۇ جىگەر راكىنى پەيدا قىلىدىغان قاتىل ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرى نېيتراللاشتۇرۇش، رادىئاتسىيىلەش، تۇز تۈۋرۈك بىلەن ئىسسىقلىق ساقلاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق يېمەكلىكلەردىكى ئافلوتوكسىن چىقىرىپ تاشلىناتتى، بۇنىڭ تەننەرخى كۆپ، مەشغۇلاتى مۇرەككەپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۈنۈمىمۇ تۆۋەن ئىدى. كېيىنچە كىشىلەر تاسادىپىي ھالدا ئاتتاپولگىت دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل سېغىز توپىلىق رۇدىنىڭ ئافلوتوكسىننى چەكلەش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى بايقىدى. ئاتتاپولگىت پاراشوكى ئارقىلىق سۈزۈلدۈرۈلگەن يېمەكلىك مېيى سۈزۈك، پاكىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بۇ ئارقىلىق ئافلوتوكسىننى زەھەرسىزلەندۈرۈش نىسبىتى %100 كە يېتىدۇ. ئاتتاپولگىت تەركىبىدە سۇ بولغان بىر خىل ماگنىي ئاليۇمىنلىق سىلىكات بولۇپ، سېغىز توپىلىق رۇدىنىڭ بىر خىلى ھېسابلىنىدۇ. ئىسپانىيە ۋە مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كىشىلەر ئۇنى بىلىشتىن ئىلگىرى «ئاق توپا» دەپ ئاتىغان. ئۇ ئۇششاق، يۇمشاق ۋە سىلىق بولۇپ، تىل بىلەن يالىسا تىلغا چاپلىشىدۇ. ئەگەر بۇ خىل تاشنى سۇغا سالسا «غاچىر - غۇچۇر» قىلغان ئاۋاز چىقىدۇ. بۇ خىل مىنېرال دەسلەپتە1935 - يىلى ئا ق ش نىڭ گېئورگىيە شتاتىدىكى ئويمان - دۆڭ قورغاندا بايقالغان،50 - يىللارغا كەلگەندە ئېلېكتروسكۇپ ئارقىلىق ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تەركىبى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلانغاندىن كېيىنلا، ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئالاھىدە سېغىز توپىلىق رۇدا دەپ قارىلىپ، ئاتتاپولگىت دەپ ئاتالغان.1979 - يىلى ئېلىمىزنىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى ليۇخې ناھىيىسىنىڭ شياۋپەنشەندە ئاتتاپولگىت كېنى تۇنجى قېتىم بايقالدى. ئۇزاق ئۆتمەي ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى جياشەن ناھىيىسىدە تېخىمۇ چوڭ ئاتتاپولگىت كېنى بايقالدى.1986 - يىلى قىشتا ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر ماتېماتىكى خۇا لوگېڭنىڭ يۇرتى − جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ جىنتەن ناھىيىسىدىكى دۇڭجياۋ خىش - كاھىش زاۋۇتىدىكى ئېكسكاۋاتور (توپا كولاش ماشىنىسى) يەرنى3 -4 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا كولىغان ۋاقىتتا ناھايىتى يېپىشقاق توپىغا يولۇققان، ئېكسكاۋاتور يەرنى داۋاملىق كولىيالمىغان، توپىنىمۇ ئېلىۋېتەلمىگەن، نەتىجىدە، ئېكسكاۋاتورنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن. كېيىنچە گېئولوگىيە خادىملىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇنىڭ ئەسلىدە خەلقئارادا كەم ئۇچرايدىغان مىنېرال − ئاتتاپولگىت توپىسى ئىكەنلىكىنى، ئاتتاپولگىت مىقدارىنىڭ %30 ~ %70 كە يېتىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئاتتاپولگىتنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى2000 دىن ئاشىدۇ، ئۇ ئاساسلىقى نېفىت بۇرغىلاش قۇدۇقىدىكى تۇز ۋە يۇقىرى تېمېراتۇرىغا چىداملىق پاتقاق خام ماتېرىيالى قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مېتال ۋە ئېنىرگىيە