UyghurWiki
UyghurWikiمېتال ۋە ئېنىرگىيەمايلىق سلانېتس

مايلىق سلانېتس

مېتال ۋە ئېنېرگىيە مايلىق سلانېتس كۈل تەركىبى يۇقىرى ( %33 تىن يۇقىرى بولىدۇ، كۆمۈرنىڭ كۈل تەركىبى %33 تىن تۆۋەن بولىدۇ)، كۆيدۈرۈشكە بولىدىغان بىر خىل ئورگانىك تاغ جىنسى بولۇپ، كاربون، ھىدروگېن، ئوكسىگېن، ئازوت، گۈڭگۈرت قاتارلىق ئېلېمېنتلاردىن تۈزۈلگەن. ئۇ كۆكۈچ، سېرىق قوڭۇر، بېغىر رەڭ، قارامتۇل كۈل رەڭ ۋە قارا رەڭ قاتارلىق كۆپ خىل رەڭدە بولۇپ، ئادەتتە رەڭگى قانچە سۇس بولسا تەركىبىدىكى ماي مىقدارى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. كۆپ قاتلىق تورتقا ئوخشايدىغان سلانېتسنىڭ تەركىبىدىكى تەبىئىي نېفىتنىڭ مىقدارى %5 .3 ~%15 بولىدۇ، ئايرىم ساندىكىلىرىنىڭ %20 تىن ئاشىدۇ، شۇڭا مايلىق سلانېتس دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە ئورگانىك ماددىلىرىنىڭ مىقدارى %5 تىن يۇقىرى بولسا، ئاندىن سانائەتتە قىممىتى بولىدۇ. ھەر كىلوگرام مايلىق سلانېتستىن چىقىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى1000 ~4000 كىلو كالورىيە بولۇپ، كۆمۈرنى كۆيدۈرگەندە چىقىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ پەقەت2 /1~5/1 ىگە توغرا كېلىدۇ. ماي نىسبىتى ۋە ئىسسىقلىق چىقىرىش مىقدارى مايلىق سلانېتسنىڭ سانائەتتىكى ئىشلىتىلىشىنى باھالايدىغان مۇھىم تېخنولوگىيە كۆرسەتكۈچى. خەلقئارادا ھەر توننىسىنىڭ ماي نىسبىتى25 .0 تۇڭدىن يۇقىرى (ماي نىسبىتى %5 .3 تىن يۇقىرى) بولغان سلانېتس مايلىق سلانېتس دەپ ئاتىلىدۇ. مايلىق سلانېتسنى بىۋاسىتە كۆيدۈرۈشكە بولىدۇ، توك تارقىتىشتا ئىشلىتىلىدۇ. مايلىق سلانېتسنى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا قۇرۇق دىستىلەش ئارقىلىق، بېنزىن، دىزېل مېيى، كىرسىن، سىلىقلاش مېيى، پاراففىن، قاراماي، ئاممىياكلىق سۇ، گۈڭگۈرتلەشتۈرۈلگەن قاراماي قاتارلىق بىرقاتار خىمىيە سانائىتى خام ئەشياسىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. چوڭ نېفىتلىكلەرنى تېپىشتىن ئىلگىرى دۆلىتىمىزنىڭ4 /3 قىسىم نېفىتى مايلىق سلانېتستىن ئېلىنغان. مايلىق سلانېتس ئۇششاق مىنېرال ئۇۋاقلىرى ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋانلار، شۇنىڭدەك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ چىرىپ پارچىلىنىشىدىن شەكىللەنگەن ئورگانىك ماددىلارنىڭ ئوخشاش بىر ۋاقىتتا چۆكمىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان. بۇ ئورگانىك ماددىلار يۈسۈن قاتارلىق تۆۋەن دەرىجىلىك جانلىقلار قالدۇقلىرىنىڭ يېلىملىشىش رولىدىن شەكىللەنگەن. مايلىق سلانېتسنىڭ كان تىپى مايلىق سلانېتسنى شەكىللەندۈرگەن قەدىمكى جۇغراپىيىلىك مۇھىتقا ئاساسەن دېڭىزغا يېقىن تىپ ۋە ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆل تىپى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. دېڭىزغا يېقىن تىپتىكى مايلىق سلانېتس ھەمىشە ھاك تاش قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە شەكىللىنىدۇ. كان قىنىنىڭ جايلاشقان كۆلىمى كەڭ، قاتلاملىرىمۇ كۆپ بولىدۇ. ھەربىر قاتلىمىنىڭ قېلىنلىقى ئون نەچچە سانتىمېتىردىن بىر مېتىرغا يېتىدۇ. بەزىلىرىنىڭ ماي نىسبىتى %24 كە يېتىدۇ. ئېلىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ماۋمىڭدىكى مايلىق سلانېتس دېڭىزغا يېقىن تىپقا كىرىدۇ. ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆل تىپىدىكى مايلىق سلانېتس ھەمىشە كۆمۈر بىلەن بىرلىكتە شەكىللىنىدۇ، كان قاتلىمى نىسبەتەن قېلىن بولىدۇ، بىراق توغرا يۆنىلىشلىك ئۆزگىرىشى چوڭ، ماي نىسبىتى بىرقەدەر تۆۋەن بولىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى »كۆمۈر پايتەختى« دەپ نام ئالغان فۇشۇندىكى كۆمۈر قاتلىمىنىڭ ئەڭ قېلىن يېرى120 مېتىر بولۇپ، ئۈستى قېلىنلىقى110 مېتىر كېلىدىغان كۆل فاتىسىدىكى قوڭۇر، توق قوڭۇر كەلگەن نېپىز بىر قەۋەت مايلىق سلانېتس بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئوتتۇرىچە ماي نىسبىتى %3 .5 تىن ئاشىدۇ. ئا ق ش دىكى داڭلىق كولورادو يېشىل دەرياسىدىكى مايلىق سلانېتسمۇ ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆل تىپىگە تەۋە بولۇپ، بۇ كاننىڭ تەركىبىدىكى ئورگانىك ماددىلار %8 .13 نى، مىنېرال ماددا % 2 .86 نى تەشكىل قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مېتال ۋە ئېنىرگىيە