UyghurWiki
UyghurWikiمېتال ۋە ئېنىرگىيەمىس رۇدىسى

مىس رۇدىسى

مېتال ۋە ئېنېرگىيە ئىنسانلار تاش قوراللار دەۋرىدىن برونزا قوراللار دەۋرىگە كىرگەندىن كېيىن، داڭقان، مۇراسىم چالغۇ ئەسۋابلىرىنى قۇيۇشتا مىس كەڭ كۆلەملىك ئىشلىتىلدى. مەسىلەن، جۇڭگونىڭ دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان گۆھىرى − شاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى سىمۇۋۇ داڭقىنى مىستىن ياسالغان. شۇڭا مىس رۇدىسى «ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ ئەلچىسى» دېيىلىدۇ. مىسنىڭ يەر پوستىدىكى مىقدارى پەقەت100 مىڭدىن يەتتە قىسىمنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن4000 يىل ئىلگىرىلا كىشىلەر مىستىن پايدىلانغان، بۇنىڭ سەۋەبى مىس كېنى جايلاشقان يەر يۈزىدە ساپلىق دەرىجىسى %99 تىن يۇقىرى بولغان قىزغۇچ بىنەپشە رەڭلىك تەبىئىي مىس (قىزىل مىس دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بولىدۇ. ئۇ يۇمشاق، سوزۇلۇشچان بولغاچقا، ئازراق پىششىقلاش ئارقىلىق ئەسۋاب ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياسىغىلى بولىدۇ. مىس كېنىنىڭ ئۈستى قىسمىدىكى ئوكسىدلانغان بەلۋاغدا كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان بىر خىل يېشىل توز تېشى (مالاخىت) بار. توز تېشىنىڭ رەڭگى توزنىڭ پېيىغا ئوخشىغاچقا، شۇ نام بىلەن ئاتالغان. ئۇ كۆپىنچە كاللەكسىمان، ستالاكىتسىمان، پوستسىمان، مەركەزداش تاسمىسىمان بولىدۇ. توز تېشىدىن ياسالغان يېشىل رەڭ ماتېرىيالى يېشىل تاش بوياق دەپ ئاتىلىدۇ. توز تېشىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى «مىس يېشىلى» بولۇپ، ئۇ مىس كېنى تېپىشنىڭ بەلگىسى.1957 - يىلى گېئولوگىيە خادىملىرى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ دايېدىكى تۇڭلۈيشەن تېغىدا ئومۇميۈزلۈك كان ئىزدەش جەريانىدا تۇڭلۈيشەن تېغىنىڭ چوڭ تىپتىكى مىس، تۆمۈر، ئالتۇن، كۈمۈش، كوبالت ئۇنىۋېرسال كېنى ئىكەنلىكىنى بايقىدى. جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى چىلىنىڭ «مىس رۇدىسى دۆلىتى» دېگەن نامى بار. بۇ دۆلەتتىكى بىر چوڭ مىس كېنىنى چەت ئەللىكلەر توز تېشىغا ئاساسەن تاپقان. بۇ18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا يۈز بەرگەن قىزىقارلىق ئىش. ئەينى چاغدا چىلى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئىدى. ئىسپانىيىنىڭ بىر لېيتېنانتى نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن قەرزدىن قېچىپ ئارگېنتىناغا كەتمەكچى بولىدۇ. ئۇ چىلىنىڭ پايتەختى سانتىئاگونىڭ جەنۇبىدىكى50 ئىنگلىز مىلى كېلىدىغان كاتيابول جىلغىسىنى بويلاپ1600 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئاند تېغىغا چىققاندا، ئويلىمىغان يەردىن نۇرغۇن مىس يېشىلىنى بايقايدۇ ۋە بۇلارنىڭ مىس تېپىشتىكى »رۇدا بەلگىسى« ئىكەنلىكىنى بىلىپ رۇدا ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ كان مەلۇم قىلىدۇ. كېيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇنىڭ چوڭ تىپتىكى يۇقىرى سۈپەتلىك مىس كېنى ئىكەنلىكى ئېنىقلىنىدۇ. بۇ مىس كېنى «تېنىئېنت» (ئىسپان تىلىدىكى مەنىسى «لېيتېنانت») دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ. ئۇ نۆۋەتتىكى دۇنيا بويىچە يەر ئاستىدىن قېزىلىدىغان ئەڭ چوڭ مىس كېنى بولۇپ، يىللىق كاللەك مىس مەھسۇلات مىقدارى300 مىڭ توننىغا يېتىدۇ. ھازىرغىچە تېپىلغان مىس تەركىبلىك مىنېراللار280 خىلدىن ئاشىدۇ، ئاساسلىقىدىن16 خىلىلا بار. تەبىئىي مىس ۋە توز تېشىدىن سىرت يەنە سېرىق مىس رۇدىسى، بورنىت، خالكوتسىت، كوۋېللىت ۋە تېتراگىدرىت قاتارلىقلار بار. ئېلىمىزدە ئاساسلىقى سېرىق مىس رۇدىسى (مىس بىلەن گۈڭگۈرت، تۆمۈرنىڭ بىرىكمىلىرى)، ئۇنىڭدىن قالسا خالكوتسىت بىلەن بورنىت قېزىلماقتا. مىس سېرىقى رەڭدىكى سېرىق مىس رۇدىسى بىلەن سېرىق تۆمۈر رۇدىسى (تۆمۈر سۇلفىد) نى بەزىدە بىۋاسىتە كۆز بىلەن پەرقلەندۈرۈش ناھايىتى قىيىن، ئۇلار بىلەن يىرىك چاقچۇققا سىزىق سىزساقلا ئۇلارنى ئايرىغىلى بولىدۇ، يەنى قارامتۇل يېشىل رەڭلىك سىزىق چىققىنى سېرىق مىس رۇدىسى؛ قارا رەڭلىك سىزىق چىققىنى سېرىق تۆمۈر رۇدىسى بولىدۇ. مىس رۇدىسىنىڭ رەڭگى خىلمۇخىل بولىدۇ. بورنىت تۇتۇق مىس قىزىلى رەڭدە بولۇپ، ئوكسىدلانغاندىن كېيىن كۆكۈچ - بىنەپشە چىپار ھالەتتە بولىدۇ؛ خالكوتسىت (مىس <Ⅰ> سۇلفىد) قارامتۇل كۈل رەڭ بولىدۇ؛ كوۋېللىت (مىس سۇلفىد) كۆك رەڭدە بولىدۇ؛ تېتراگىدرىت كۈل رەڭ بولىدۇ؛ ئازۇرىت ئوچۇق كۆك رەڭدە بولىدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان مىس رۇدىسىنىڭ زاپاس مىقدارى600 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ. مىس زاپاس مىقدارى ئەڭ كۆپ دۆلەت چىلى بولۇپ، دۇنيا مىس زاپاس مىقدارىنىڭ تەخمىنەن3 /1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئېلىمىزدە نۇرغۇن داڭلىق مىس كانلىرى بار، مەسىلەن، جياڭشىدىكى دېشىڭ، ئەنخۇيدىكى تۇڭلىڭ، سەنشىدىكى جۇڭتياۋشەن، گەنسۇدىكى بەييىنچاڭ، يۈننەندىكى دۇڭچۇەن، شىزاڭدىكى يۈيلۇڭ قاتارلىقلار. مېتال پادىشاھلىقىدا مىسنىڭ توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى كۈمۈشتىنلا كېيىن تۇرىدۇ. مىس رۇدىسى كۈمۈش رۇدىسىدىن كۆپ، باھاسىمۇ ئەرزان. نۆۋەتتە دۇنيادىكى مىسنىڭ يېرىمىدىن كۆپى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ۋە تېلېفون تېلېگراف سانائىتىدە ئىشلىتىلمەكتە.
← بارلىق تېمىلار مېتال ۋە ئېنىرگىيە