قەلەي رۇدىسى
مېتال ۋە ئېنېرگىيە
ئىپتىدائىي دەۋردىكى كىشىلەر تاسادىپىي تەركىبىدە قەلەي رۇدىسى بولغان تاشلارنى تىزىپ ئوت يېقىپ ئوۋلاپ كەلگەن ياۋايى ھايۋان ۋە قۇشلارنى قاقلاپ پىشۇرغاندا، ياغاچ كۆمۈر ئوتىدا قىزىغاندىن كېيىن قەلەي تېشىدىن كۈمۈش سۈيىگە ئوخشاش قەلەي سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېقىپ چىققانلىقىنى بايقىغان. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، قەلەينىڭ سۇيۇقلىنىش نۇقتىسى ℃232 بولغاچقا، قەلەي رۇدىسىنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئوكسىدسىزلاش ئارقىلىق ناھايىتى ئاسانلا قەلەي مېتالىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ ئىنسانلارنىڭ ناھايىتى بۇرۇنلا قەلەي رۇدىسىنى تاپالىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر.
قەلەينىڭ يەر پوستىدىكى مىقدارى ئاران %004 .0. نۆۋەتتە بايقالغان قەلەي تەركىبلىك مىنېراللار50 خىلدىن ئاشىدۇ، سانائەتتە قىممىتى بولغانلىرىدىن پەقەت بەش خىلىلا بار. بۇنىڭ ئىچىدە قەلەي تېشى (تەركىبى قەلەي دىئوكسىد) ئەڭ مۇھىم.
ئالىملار قولدا كۆتۈرۈۋالىدىغان بىر خىل -γرېزونانس قەلەي تەكشۈرۈش ئەسۋابىدىن پايدىلىنىپ بىرنەچچە مىنۇت ئىچىدىلا رۇدىدىكى قەلەي مىقدارىنى ئۆلچەپ چىقالايدۇ. بۇ خىل تەكشۈرۈش ئەسۋابى قەلەي تېشىغىلا ئىنكاس قايتۇرىدۇ، ئەمما سانائەتتە قىممىتى بولمىغان سېرىق قەلەي رۇدىسىغا ئىنكاس قايتۇرمايدۇ.
بىرلەمچى قەلەي كان قىنى ئاساسەن2 OiS نىڭ مىقدارى %65 تىن يۇقىرى بولغان گرانىت تۈرىدىكى تاغ جىنسلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. كان ھاسىل بولۇش دەۋرى ئاساسەن230 مىليون يىلدىن بۇيانقى ئۇتتۇرا ھايات ئېراسى بىلەن يېڭى ھايات ئېراسىدۇر.
بىرلەمچى قەلەي كان قىنى يىمىرىلىپ بۇزۇلغاندىن كېيىن قەلەي تېشى قۇم، تاشلار ئارىسىغا يۆتكىلىپ، قۇم قەلەي كان قىنىنى ھاسىل قىلىدۇ. تىنما قۇم قەلەي كان قىنى ئادەتتە بىرلەمچى قەلەي كان قىنىدىن3 ~5 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولىدۇ،8 ~10 كىلومېتىر كېلىدىغانلىرى ناھايىتى ئاز، دېڭىز بويى رايونلىرىدا دېڭىز بويى قۇم قەلەي كېنى شەكىللىنىشى مۇمكىن. قۇم قەلەي رۇدىسىنىڭ زاپاس مىقدارى كۆپ، كۆمۈلۈشى تېيىز، تەكشۈرۈش ۋە ئېچىش نىسبەتەن ئاسان، سۈپىتى يۇقىرى، تەركىبىدە زىيانلىق ئارىلاش ماددىلار ئاز بولغاچقا، سانائەتتىكى قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى.
قەلەي باشقا مېتاللار بىلەن ئاسان بىرىكىدۇ، شۇڭا ئۇ ئەڭ ئاساسلىق قېتىشما مېتال ھېسابلىنىدۇ. قەدىمكى دەۋردىكى قەلەي بىلەن مىسنى بىرىكتۈرۈپ برونزا ئىشلەش ئىنسانلار مەدەنىيەت تارىخىدىكى داڭلىق تۆھپىدۇر. ھازىر دۇنيادىكى قەلەي ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ يېرىمىدىن دېگۈدەك كونسېرۋا قۇتىسى ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان تۈنىكە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، شۇڭا بەزىلەر قىزىقچىلىق قىلىپ ئۇنى «كونسېرۋا قۇتىسى مېتالى» دەپ ئاتايدۇ. قەلەي يەنە ھەممە ئائىلىنىڭ دائىملىق مېھمىنى: مەسىلەن، چىش پاستىسىنىڭ قېپى، قەنت - گېزەك ۋە تاماكىلارنىڭ ئورام قەغىزى، قەلەي ھاراق چەينىكى قاتارلىقلار. قوغۇشۇن تەركىبىنى %67 ، قەلەي تەركىبىنى %33 قىلىپ كەپشەر قەلىيى ياسىغىلى بولىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ قەلەي رۇدىسى زاپاس مىقدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاساسلىقى يۈننەن، گۇيجۇ، گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ، خۇنەن ۋە ئىچكى موڭغۇلدىن چىقىدۇ. قەدىمدىن داڭلىق بولغان يۈننەندىكى گېجيۇنىڭ «قەلەي پايتەختى» دېگەن نامى بار. گۇاڭشىدىكى داچاڭدىن ئالاھىدە چوڭ تىپتىكى قەلەي كېنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى. ئۇنىڭدىكى قەلەي زاپاس مىقدارى گېجيۇنىڭكىدىن كۆپ بولۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
دۇنيادىكى قەلەي نىسبەتەن كۆپ چىقىدىغان دۆلەتلەردىن يەنە مالايسىيە، بولىۋىيە، تايلاند ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىقلار بار.