UyghurWiki
UyghurWikiمېتال ۋە ئېنىرگىيەسۈرمە رۇدىسى

سۈرمە رۇدىسى

مېتال ۋە ئېنېرگىيە «سۈرمە» دېگەن سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسى «دىندارلارغا تاقابىل تۇرۇش». ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قەدىمكى زاماندا غەرب دۆلەتلىرىدىكى نۇرغۇن دىندارلار ماخاۋ كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان. ئۇلار تەركىبىدە سۈرمە بولغان بىر خىل مىنېرال (ستىبنىت) نى ئىچىپ داۋالانغان بولسىمۇ، بىراق ئىش ئويلىغان يەردىن چىقماي ساقىيىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە كېسىلى ئېغىرلاشقان، ھەتتا ئۆلۈپ كەتكەن. خۇنەن ئۆلكىسى لېڭشۇيجياڭ شەھىرىدىكى شىكۇاڭشەن مەشھۇر «دۇنيانىڭ سۈرمە پايتەختى». سۈرمىنىڭ يەر پوستىدىكى مىقدارى ئاز، يەر پوستى ئومۇمىي ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن %0001 .0 ىنى ئىگىلەيدۇ. ھازىرغىچە بايقالغان سۈرمە تەركىبلىك مىنېراللار120 خىلدىن ئاشىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدا سۈرمە تەركىبى %100 بولغان تەبىئىي سۈرمە بار. سۈرمىنىڭ ئاساسلىق سانائەت مىنېراللىرىدىن ستىبنىت، سېنارمونتىت، ۋالېنتىنىت ۋە سۈرمىلىك ئوخرا قاتارلىقلار بار. ستىبنىتنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى سۈرمە سۇلفىد. كرىستالى ئۇزۇن تۈۋرۈكسىمان، تۈۋرۈك يۈزىدە ئۇزۇنىغا كەتكەن ئىزلار بار. توپلانما تەنچىسى كۆپىنچە نۇر شەكىللىك ياكى دانچىسىمان، رەڭگى قارامتۇل كۈل رەڭ، مېتال پارقىراقلىقىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى تۆۋەن، تىرناقتىن سەل قاتتىق، ئوخشاش ھەجىمدىكى سۇدىن6 .4 ھەسسە ئېغىر. ئېرىش نۇقتىسى ℃5 .630. خۇنەندىكى شىكۇاڭشەندە كان قېزىش جەريانىدا يېسسى يۇمىلاق شەكىللىك كرىستال ئۆڭكۈرى تېپىلغان، ئۇنىڭ دىئامېتىرى8 .0 ~2 .1 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن8 .0 مېتىر. ئۆڭكۈر تېمىدا شەمشەرگە ئوخشاش ئۇزۇن - قىسقا ستىبنىت كرىستاللىرى بولۇپ، شەمشەر خەزىنىسىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىگە ئوخشايدۇ. بۇ تىك سىزىقلىق سۈر رەڭ نۇر چاقناپ تۇرىدىغان چوڭ كرىستال جىسىملار دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان گۆھەر ھېسابلىنىدۇ. تاۋلاپ چىقىلغان سۈرمە كۈمۈش رەڭلىك چۈرۈك مېتال. ئادەتتە مېتاللار ئىسسىقتىن كېڭىيىپ، سوغۇقتىن تارايسا، سۈرمە بىلەن ۋىسمۇت ئىسسىقتىن تارىيىپ، سوغۇقتىن كېڭىيىدۇ. قوغۇشۇنغا %10−%20 سۈرمە ئارىلاشتۇرۇلسا، قوغۇشۇننىڭ قاتتىقلىقى ئاشىدۇ، ئۇ مىلتىق ئوقى ۋە زەمبىرەك ئوقى ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ. دۇنيادىكى سۈرمە رۇدىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان زاپاس مىقدارى4 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگودىكى زاپاس مىقدارى يېرىمدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. خۇنەن ئۆلكىسىدىكى لېڭشۇيجياڭ شەھىرىدە سۈرمە بايلىقى مول بولۇپلا قالماستىن، بەلكى سۈرمە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. گەنسۇ ئۆلكىسىدىمۇ سۈرمە بايلىقى مول، يىلدا500 توننا سۈرمىلىك ئاق بوياق (ئاقارتقۇچ) ئىشلەپچىقىرىلىپ، سۇلياۋ ۋە توقۇلما بۇيۇملارنىڭ يېنىشقا توسقۇنلۇق قىلغۇچى ماددىسى قىلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردا گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىن بىر چوڭ تىپتىكى (زاپاس مىقدارى100 مىڭ توننىدىن كۆپ) سۈرمە كېنى − بەنپو سۈرمە كېنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى. گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ نەندەن ناھىيىسىدىكى داچاڭ كېنىنىڭ سۈرمە زاپاس مىقدارى ھازىر مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.
← بارلىق تېمىلار مېتال ۋە ئېنىرگىيە
سۈرمە رۇدىسى | UyghurWiki | UyghurWiki