UyghurWiki
UyghurWikiمېتال ۋە ئېنىرگىيەقۇياش ئېنېرگىيىسى

قۇياش ئېنېرگىيىسى

مېتال ۋە ئېنېرگىيە قۇياش غايەت زور ئېنېرگىيە خەزىنىسى. گەرچە قۇياش تارقاتقان ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ ئاران2 مىليارد200 مىليوندىن بىر قىسمى يەر شارى يۈزىگە يېتىپ كەلسىمۇ، ئەمما ھەر سېكۇنتتا يەر يۈزىگە يېتىپ كېلىدىغان ئومۇمىي ئېنېرگىيە مىقدارى80 تىرىليون كىلوۋاتقا يېتىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ توك تارقاتسا، يەر شارىدا ھازىر تارقىتىلىۋاتقان ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ50 مىڭ ھەسسىسىدىن كۆپرەك توك كۈچىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىشتا ئاساسلىقى ئىككى خىل ئۇسۇل بار: بىرى، قۇياش نۇرىنى يىغىپ ئۇنى بىۋاسىتە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرۇش (يورۇقلۇقنى ئىسسىقلىققا ئايلاندۇرۇش)؛ يەنە بىرى، قۇياش ئېنېرگىيىسىنى يىغىپ بىۋاسىتە ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرۇش (يورۇقلۇقنى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرۇش). يورۇقلۇقنى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان يورۇقلۇق يىغقۇچى قۇرۇلمىدىن ئاساسلىقى تەكشى تاختىلىق ئىسسىقلىق يىغقۇچ بىلەن پارابولا يۈزلۈك نۇر قايتۇرۇپ يىغقۇچ بار. ئىسسىقلىق يىغقۇچ بىلەن يورۇقلۇق يىغقۇچتىن پايدىلىنىپ ئىسسىتقىلى، قۇرۇتقىلى، دىستىلىگىلى ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ. دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پارابولا يۈزلۈك نۇر قايتۇرۇپ يىغقۇچنىڭ ئېگىزلىكى توققۇز قەۋەت بىنادەك بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى2500 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ، مەركىزىي فۇكۇسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃4000 قا يېتىدۇ. بىرقەدەر ئاددىي ۋە كەڭ ئومۇملاشتۇرۇشقا بولىدىغانلىرىدىن قۇياش ئوچىقى، قۇياش ئېنېرگىيىلىك سۇ ئىسسىتقۇچ ۋە قۇياش ئېنېرگىيىلىك قۇرۇتقۇچ قاتارلىقلار بار. يورۇقلۇقنى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرىدىغان يورۇقلۇق يىغقۇچى قۇرۇلمىدىن ئاساسلىقى قۇياش ئېنېرگىيىسى ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋە قۇياش باتارېيىسى بار. قۇياش ئېنېرگىيىسى ئېلېكتر ئىستانسىسى يەر يۈزى ۋە يۇقىرى بوشلۇقتىكى قۇياش ئېنېرگىيىسى ئېلېكتر ئىستانسىسى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. يەر يۈزىدىكى قۇياش ئېنېرگىيىسى ئېلېكتر ئىستانسىسىدا كېچە ياكى ھاۋا تۇتۇق، يامغۇرلۇق كۈنلەردىكى توك تارقىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئېنېرگىيە ساقلىغۇچى قۇرۇلما ئورنىتىشقا توغرا كېلىدۇ. يۇقىرى بوشلۇقتىكى قۇياش ئېنېرگىيىسى ئېلېكتر ئىستانسىسى يەر شارى بىلەن ماس قەدەملىك ئوربىتىدا ئايلىنىدىغان بىر خىل سۈنئىي ھەمراھ ئېلېكتر ئىستانسىسىدىن ئىبارەت. سۈنئىي ھەمراھ ئېلېكتر ئىستانسىسى يۇقىرى بوشلۇقتا ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، يەر شارى ئاتموسفېراسىنىڭ قۇياش نۇرىنى قايتۇرۇش، چېچىش ۋە قوبۇل قىلىش رولىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، شۇڭا قۇياش نۇرىنى كەڭ دائىرىدە، ئۈنۈملۈك يىغالايدۇ. سۈنئىي ھەمراھ ئېلېكتر ئىستانسىسىغا نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى قۇياش باتارېيە تاختىسى ئورنىتىلغاچقا، قۇياش ئېنېرگىيىسىنى يىغىپ، ئۇنى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرالايدۇ، ئاندىن مىكرو دولقۇنلۇق گېنېراتور ئارقىلىق تۇراقلىق ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى مىكرو دولقۇنلۇق ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرىدۇ، ئاندىن سۈنئىي ھەمراھتىكى مىكرو دولقۇنلۇق تارقىتىش ئانتېنناسى ئارقىلىق يەر شارىغا مىكرو دولقۇنلۇق توك يەتكۈزىدۇ. يەر يۈزىدىكى قوبۇللاش ئانتېنناسى قوبۇل قىلغان مىكرو دولقۇننى توغرىلىغاندىن كېيىن، ھەرقايسى جايلاردىكى ئېلېكتر تورلىرىغا يەتكۈزۈپ، كەڭ ئابۇنىچىلارنى توك بىلەن تەمىنلەيدۇ. قۇياش باتارېيىسى «فوتو ئېلېكترىك ئېففېكت» تىن پايدىلىنىپ قۇياش رادىئاتسىيە ئېنېرگىيىسىنى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرىدىغان قۇرۇلمىدۇر. قۇياش باتارېيىسىنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، كرېمنىيلىق باتارېيە، كادمىي سۇلفىدلىق باتارېيە، كادمىي تېللۇرىدلىق باتارېيە ۋە گاللىي ئارسېنىدلىق باتارېيە قاتارلىقلار بار. بىرقەدەر كۆپ ئىشلىتىلىدىغىنى كرېمنىيلىق باتارېيە، ئۇ يېرىم ئۆتكۈزگۈچنىڭ ماتېرىيالى بولغان كرېمنىيدىن ياسىلىدۇ، ئۇنىڭ ئايلىنىش ئۈنۈمى ئادەتتە %13 ~ %20 كە يېتىدۇ.1988 - يىلى ئا ق ش دىكى ساندىيە دۆلەتلىك تەجرىبىخانىسىدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك توپلانما شەكىللىك كۆپ تۈگۈنلۈك قۇياش باتارېيىسى ياساپ چىقىلدى، ئۇنىڭدىكى فوتو ئېلېكترلىك ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمى %31 كە يېتىدۇ
← بارلىق تېمىلار مېتال ۋە ئېنىرگىيە
قۇياش ئېنېرگىيىسى | UyghurWiki | UyghurWiki