ۋېرمىكۇلىت
مېتال ۋە ئېنېرگىيە
ۋېرمىكۇلىت تۆمۈر ماگنىيلىق ئاليۇمىنوسىلىكاتلىق بىر خىل مىنېرال ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتى قارا چىرىمتالغا ئوخشايدۇ، ئەمما رەڭگى قوڭۇر، سارغۇچ دارچىن ياكى كۈل رەڭگە مايىل زەيتۇن رەڭ بولىدۇ. ئۇنى ℃150 ~ ℃950 قىچە قىزدۇرغاندا، تەركىبىدىكى سۇ يوقايدۇ ۋە تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ، ھەجمى ئەسلىدىكىگە قارىغاندا18 ~25 ھەسسە چوڭىيىدۇ، ئۇنىڭ ئىسسىقلىق تەسىرىدىن ئۆزگەرگەن ۋاقىتتىكى شەكىل - ھالىتى سۈلۈكنىڭ تولغانما ھەرىكىتىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى «سۈلۈك تاش − ۋېرمىكۇلىت» دەپ ئاتىغان.
ۋېرمىكۇلىتنى سۇس ئوتتا قىزدۇرسا ھەجمى تېز چوڭىيىپ، ئېغىرلىقى يېنىكلەيدۇ، ناھايىتى تار ھاۋا ئارىلىق قەۋىتى شەكىللىنىپ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش كوئېففىتسېنتى كىچىكلەيدۇ، شۇڭا ئۇ ئاۋاز ۋە ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەسلىك، ئوتقا، تەۋرىنىشكە، نەملىككە چىداملىق بولۇشتەك ئىقتىدارغا ئىگە. ئۇ يەنە ئوتقا چىداملىق ياخشى قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. ۋېرمىكۇلىتتىن ياسالغان ئاۋاز يوقاتقۇچى سېمونت لاي بىلەن يىغىن زالى، تىياتىرخانا، ئۈن ئېلىش ئۆيى، ئاممىۋى تېلېفونخانا قاتارلىقلارنىڭ تېمىنى سۇۋىسا ئەكس سادانى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. يېنىك ئىنېرتلىق ماتېرىياللىق بېتونغا ۋېرمىكۇلىت قوشۇلسا بىرلىك ئېغىرلىقىنى %20 ~ %45 تۆۋەنلەتكىلى، ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى %50 ~ %60 تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ئەنگلىيىدە بىر خىل يېڭى تىپتىكى كرېمنىي ئاساسلىق تەقلىدىي پلاستىك پەردە سىناق تەرىقىسىدە ياساپ چىقىلغان، ئۇنىڭ باھاسى ئەرزان ھەمدە يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداملىق، ئۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن ئاساسلىق ماتېرىيال دەل ۋېرمىكۇلىتتىن ئىبارەت.
ۋېرمىكۇلىت بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى ئىسسىقلىق ساقلاش ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. ۋېرمىكۇلىتنى بىر قاتار مۇرەككەپ خىمىيىلىك ئۇسۇل ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن ئېرىشىلگەن ۋېرمىكۇلىت پەردىسى يېرىم سۈزۈك بولىدۇ. بۇ خىل نېپىز پەردىنىڭ سىرتقى قەۋىتىنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش خۇسۇسىيىتى ناھايىتى ياخشى، ئۇ ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىش پۈركىمە قەۋىتى، ئۆگزىدىكى ئىسسىق ئۆتمەس قەۋەت، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق قوش ئەستەر، پېچ بىلەن پار قازانغا ئىشلىتىلىدىغان كېڭەيتىپ ئۇلاش دېتالى، توڭلاتقۇ قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى بىلەن ئېنكۇباتوردىكى ئىسسىق ئۆتمەس قەۋەت ھەمدە كابېلنىڭ سىرتقى ئوراش قەۋىتى قاتارلىقلارنى ياساشقا ناھايىتى ماس كېلىدۇ.
ئېلىمىزدىكى ۋېرمىكۇلىت كانلىرى ئاساسلىقى شىمال تەرەپكە جايلاشقان،80 - يىللارنىڭ باشلىرىدا شىنجاڭنىڭ لوپنۇر ناھىيىسىدە زاپاس مىقدارى7 مىليون توننا كېلىدىغان چوڭ تىپتىكى ۋېرمىكۇلىت كېنى بايقالغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ۋېرمىكۇلىت ئومۇمىي زاپاس مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %80 ىنى ئىگىلەيدۇ.
دۇنيادىكى ۋېرمىكۇلىتنىڭ ئومۇمىي زاپاس مىقدارى تەخمىنەن400 ~500 مىليون توننا كېلىدۇ، ئاساسلىقى روسىيە بىلەن ئا ق ش غا تارقالغان. ئەنگلىيە، ياپونىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋېرمىكۇلىت رۇدىسىنى ئىمپورت قىلىدۇ.