شۈ شياكې
مەشھۇر شەخسلەر
جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا بىر ئوقۇمۇشلۇق ياش بولۇپ، خانىدانلىقتىن نارازى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىمتىھانغا قاتنىشىپ مەنسەپ تۇتۇشنى خالىماي، ۋەتەننىڭ بىپايان زېمىنىنى كېزىپ، تـەبىئەت سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۇنياغا مەشھۇر ساياھەت خاتىرىسىنى يازىدۇ، بۇ خاتىرە ئۇنى جۇڭگونىڭ قەدىمكى مەشھۇر جۇغراپىيىشۇناسىغـا ئايلاندۇرىدۇ. بۇ ئادەم شۈ شياكې (1586 −1641 ) دۇر.
شۈ شياكې جياڭسۇنىڭ جياڭيىڭ ناھىيىسـىـدە تـۇغـۇلـغـان بـولـۇپ، ئەسلىي ئىسمى خۇڭزۇ، تەخەللۇسى شيـاكـې. ئۇ كىچىكـىدىنلا تـارىـخ، جۇغراپىيە كىتابلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدۇ.22 يېشىدىن ئېتىبارەن سايـاھەت قىلغاچ تەكشۈرىدۇ، بۇنى كېسەل بىلەن ۋاپات بولۇشىغا يېرىم يىل قالغۇچە يەنى56 يېشىغىچە داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ مۇشۇ34 يىلـدا، جـۇڭگونـىـڭ يېرىمىدىن كۆپ قىسمىنى ساياھەت قىلىدۇ،16 ئۆلكە، رايوندا ئۇنـىـڭ ئىـزى قالىدۇ، خېلىلا مۇشەققەتلىك ۋە خەتەرلىك نەق مەيدان تەكشۈرۈشلىـرىنى ئېلىپ بارىدۇ.
ئۇ تەكشۈرۈش داۋامىدا غەلىتـە چـوقـقا، غەلـىتـە غـارلار ئۈسـتـىـدە ئىزدىنىدۇ. شۈ شياكې بىر قېتىم خاۋسەن تېغىنى سەيلە قـىلـىـپ بولۇپ، چوڭ يولدىن باشقا، تاغدىن چۈشىدىغان يەنە بىر خەتەرلىك چىغىر يولنىڭ بارلىقـىنـى ئاڭلايدۇ، ئۇ مۇشۇ خەتەرلىك يولنى تاللاپ خەتەرلىك قىيالار ئارقىلىـق تـاغدىن چۈشىدۇ. خۇنەن ۋە گۇاڭشىلاردا غارنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنـى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يالىڭاچلىنىپ، غـار ئىـچـىـدە يـىلانـدەك ئۆمـىـلـەيـدۇ. خۇنەندىكى شياۋشۈي دەرياسىنىڭ باشلىنـىش مـەنبەسـىـدىكى سەنفېـنـشـىـنـى تەكشۈرگەندە، دەرەخ شاخلىرىدا مايمۇنغا ئوخشاش4 كـىلـومـېـتـىـرغـا يېقىن مېڭىپ، قالايمىقان تاشلىق رايونىدىن ئۆتىدۇ. ئۇ گۇاڭـشـىدىكى رۇڭشـەن ناھىيىسىدە ليۇجياڭ دەرياسىنىڭ بىر تارماق ئېقىمىنى تەكشـۈرۈۋاتقاندا، قىيان ئېقىتىپ كېتىپ جېنىدىن ئايرىلغىلى تاسلا قالىدۇ.1636
- يىلى51 ياشلىق شۈ شياكې چاڭجياڭ دەرياسى بىلەن شىجيـاڭ دەرياسىنىڭ مەنبەسىنى ئېـنىقلاش ئۈچۈن، ھايـاتىدىكى ئەڭ ئۇزۇن، قىيىنىچىلىق ئەڭ كـۆپ، نـەتـىـجـە ئەڭ زور بىر قېتـىملىق سـايـاھەت - تەكشۈرۈشىنى باشلايدۇ. ئۇ سەپەرگە چىقىشتىن ئىلگىرى ئائىلىسىدىكىلەرگە: «مېنى ئۆلگەنگە چىقىرىۋېتىڭلار!...» دەيدۇ. ئۇ جياڭسۇدىن پىيادە يولغـا چىقىپ، جېجياڭ، جياڭشى، خۇنەنلەرنى بـېـسـىپ ئۆتـۈپ، گۇاڭشى، گۈيجۇلاردىن ئۆتۈپ، يۈننەن بىلەن بىرمىنىڭ چېگرىلىنىدىغان قىسمىدىكـى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايغا بارىدۇ، ئۇنىڭ بىـلەن بىللە ماڭغان ئۈچ ھەمراھىنىڭ بىرى20 نەچچە كـۈن مـېـڭـىـپلا قـېـچـىـپ كېتىدۇ، بىرى گۇاڭشىدا كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلىدۇ، يەنـە بـىـرى يۈنـنەندىكى دالى دېگەن يەرگە كەلگەندە جىمجىت كېتىپ قالىدۇ. شۈ شياكې كېـسـەل تېنـىنى سۆرەپ، تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ،1640 - يىلى تـەكـشـۈرۈش ۋەزىـپـىـسـىـنـى تاماملاپ جياڭسۇغا قايتىپ كېلىدۇ.1641 - يىلى، شۈ شيـاكې سەكراتقـا چۈشۈپ قالغاندىمۇ كارىۋىتىدا يېتىـپ، يىغىپ كەلگـەن تاغ جىنس ئەۋرىشكىلىرىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىدۇ.
شۈ شياكې تەكشۈرۈش داۋامىدا قانچىلىك چارچاپ كەتـسـۇن، ھەر كۈنى كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى، تەتقىقات تەسىراتلىرىنى ئەينەن، جانلىـق خاتىرىلەپ، نۇرغۇن خاتىرە ۋە تەكشـۈرۈش دوكلاتـىـنـى يازىدۇ، كېيىنكىلەر ئۇنى «شۈ شياكې ساياھەت خاتىرىسى» قىلىـپ رەتـلـەپ چىقىدۇ، بىزگىچە يېتىپ كەلگەنلىرى620 مىڭ خەتتىن ئارتۇق بولۇپ، بۇلار ئەسلىي ئورىگىنالنىڭ6 دىن1 قىسمىغىمۇ يەتمەيدۇ، ئەپسۇسكى، قـالغـان قىسمى يوقىلىپ كەتكەن. بۇ − كۈندىلىك خاتىرە ژانىرىنى ئاسـاس قىلغـان دۇنياۋى خاراكتېرلىك كاتتا جۇغراپىيە ئەسىرى.