UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرمۇسسولىن

مۇسسولىن

مەشھۇر شەخسلەر مۇسسولىن (1883 −1945 - يىللار) ئىتالىيىدىكى بىر تۆمۈرچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىنلا تەربىيىسىز قېلىپ، قوپال، ئۇرۇشقاق چوڭ بولغان، كۆپ قېتىم مەكتەپتىن ھەيدەلگەن. يۇقىرىغا يامىشىشقا شۇنچە ھېرىسمەن بولسىمۇ، لېكىن مۇرادىغا يېتەلمىگەچكە، كۈچلۈك ئىنتىقام ئېلىش ئويى پەيدا بولۇپ، «كەلگۈسىدە دۇنيانى تىترىتىۋېتىمەن» دەپ ۋارقىراپ كەتكەن. قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، بىر مەھەل سوتسىيالىزم ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، ئىنتايىن ئەسەبىيلىشىپ، رادىكاللىشىپ كەتكەن. سىنىپىي كۈرەش تەلىماتىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۇرۇش قىلىشنى تەشەببۇس قىلغاچقا، پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. ئۇ كۆپ قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاچقا، ياۋۇز نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، فاشىزمدىن مەدەت تىلىگەن.1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئىتالىيە ئىچكى - تاشقى جەھەتتە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىپ، سىياسىي ۋەزىيىتى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن. مۇسسولىن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بىرنەچچە ھەمراھى بىلەن «ۋەتەنپەرۋەرلىك» بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، مۇستەبىتلىك ۋە تاجاۋۇزچىلىق ئارقىلىق ئىتالىيىنى «گۈللەندۈرۈش» نى تەرغىب قىلغان. ئۇنىڭ بۇ ئويۇنى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بېشىنى قايمۇقتۇرۇپ قويغان، شۇنىڭ بىلەن، بىر تۈركۈم مۇرىت ئۇنىڭ تورىغا چۈشكەن.1921 - يىلى، فاشىزم پارتىيىسى رەسمىي قۇرۇلغان، بۇ پارتىيىنىڭ ئەزالىرى قارا كۆڭلەك كىيىپ (شۇڭا «قارا كۆڭلەكلىكلەر پارتىيىسى» دەپمۇ ئاتالغان)، تۆمۈر كالتەك بىلەن قوراللىنىپ، كوممۇنىستلارنى دۇمبالىغان، ھەر خىل تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىنكى يىلى، مۇسسولىن مۇرىتلىرىغا قوماندانلىق قىلىپ، جاي - جايلاردا توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، تۆت جۈنتۈەن قۇرۇپ پايتەخت رىمغا يۈرۈش قىلىدىغانلىقى، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان. شۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ ئۇنى باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەشكە مەجبۇر بولغان. مۇسسولىن ئەڭ باشتا فاشىزمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىتالىيىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ دەسلەپكى فاشىستىك ھاكىمىيەتنى قۇرۇپ، ئۆزى فاشىستىك پارتىيىنىڭ كاتتىۋېشى بولغان ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ باش ۋەزىرى بولۇۋېلىپ، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى، دىپلوماتىيە ۋەزىرى، ئەمگەك ۋەزىرى قاتارلىق يەتتە ۋەزىپىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئېلىپ، پارتىيە، مەمۇرىيەتنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى ئۆزى يالغۇز چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان. مۇسسولىن گېرمانىيە، ياپونىيە فاشىزملىرى بىلەن بىللە2 - دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغاپ، دۇنيانى بويسۇندۇرۇش خام خىيالىدا بولغان. ئۇ گەرچە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا ئۆزى بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھەدېگەندىلا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ئىتتىپاقداش دوستى گىتلېردىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولغان.1945 - يىلى، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئورتاق زەربە بېرىشى ئارقىسىدا، فاشىزم ئۈزۈل - كېسىل تارمار بولغان. مۇسسولىن ئۇرۇق - تۇغقان، يېقىن - يورۇقلىرىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئاشنىسى بىلەن باشقىچە ياسىنىپ قېچىپ ماڭغاندا، پارتىزانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان، سوتلانغاندىن كېيىن، ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، جەسىتى مىلانو مەيدانىدىكى ياغاچ جازىغا ئېسىپ قويۇلغان، تۈمەنلىگەن ئامما ئۇنىڭغا لەنەت ياغدۇرغان.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
مۇسسولىن | UyghurWiki | UyghurWiki